كۈندە 15 مىنۇت ئۈنلۈك كىتاب ئوقۇپ بېرىش بوۋاقنى ئۆم
كۈندە 15 مىنۇت ئۈنلۈك كىتاب ئوقۇپ بېرىش بوۋاقنى ئۆمۈرلۈك نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ

ئانا: بوۋاققا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنى قاچاندىن باشلاش كېرەك ؟
مۇتەخەسسىس : بوۋاق تۇغۇلغان كۈندىن باشلاش كېرەك .
بوۋاق يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىن نوقۇل ئېمىش ، ئۇخلاش ، ئويناشنى تەلەپ قىلىپلا قالماستىن ، يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىشكە ئىنتىلىدۇ . بوۋاق تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي تىل ئۆگىنىشكە باشلايدۇ . ئۆيدە خەنزۇتىلى ، ئىنگلىز تىلى دېگەندەك ئوخشىمىغان تىللاردا گەپ قىلسىڭىز بوۋىقىڭىز ناھايىتى تېز ئۆگىنىۋالىدۇ . بوۋاققا بىر ياش ئىچىدە تىل ئۆگىتىش ئىنتايىن مۇھىم ، كىتاب ئوقۇپ بېرىش بوۋاقنىڭ تىل ئاساسىنى سېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل .
بوۋاققا دەسلەپتە نېمە ئوقۇپ بېرىش مۇھىم ئەمەس ، ھېكايە ئوقۇپ بەرسىمۇ ، گېزىت ئوقۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ . مۇھىمى ئوقۇغاندىكى ئاۋاز ۋە ئىنتۇناتسىيە . بوۋاق ئۈچ ئايلىقتىن ئاشقاندا ئاڭلىغان ھېكايە كىتابقا ئامراق بولۇپ قالغانلىقىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ . كىچىككىنە قوللىرى ياكى كۆز ئىشارىسى بىلەن ئۇ كىتابنى كۆرسىتەلەيدۇ. كىتابنىڭ مۇقاۋىسىنى ئالماشتۇرۇۋەتسىڭىزمۇ ئۇ يەنىلا پەرق ئېتەلەيدۇ .
ئانا : بوۋاققا بىر كۈندە قانچىلىك ۋاقىت كىتاب ئوقۇپ بېرىش ئەڭ مۇۋاپىق ؟
مۇتەخەسسىس : ئۈنلۈك ئاۋازدا 10 ~ 15 مىنۇتقىچە كىتاب ئوقۇپ بەرسىلا كۇپايە .
ئۈنلۈك كىتاب ئوقۇش بوۋاقنىڭ سۆز، گىراماتىكا ۋە جۈملىلەرنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ . بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بوۋىقىڭىزغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىڭىز ، سۆيىدىغانلىقىڭىزدىن ، ئۇنىڭ قەلبىڭىزدىكى ئورنىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . بۇ خىل بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بوۋاقنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىلىق .
بىر قىسىم بالىلارنىڭ راۋان ئوقۇيالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب دەل مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن كىتاب ئوقۇش بىلەن يېتەرلىك ئۇچراشمىغانلىقىدىندۇر . بۇنداق بالىلاردا بوۋاق ۋاقتىدىلا پىسخىكىلىق توسالغۇ پەيدا بولۇپ ، كېيىنكى ئۆگىنىشىگە تەسىر يېتىدۇ .
ئانا : بوۋاققا نېمىنى ئوقۇپ بېرىش كېرەك؟
مۇتەخەسسىس: مەزمۇن چەكلەنمەيدۇ، بالىلار كىتابى بولسا ئەڭ ياخشى.
بوۋاققا نېمىنى ئوقۇپ بەرسە بولىۋېرىدۇ، نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بوۋاقنىڭ تىل ئۆگىنىشىگە ياردىمى بولىدۇ. لېكىن، بوۋاققا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى ئوقۇشلۇق يەنىلا قىزىقارلىق ھېكايە كىتابلىرىدۇر.
ھېكايە كىتابلىرىنىڭ ۋەقەلىكى قىزىقارلىق، تىلى ئاددىي بولۇپ ئۈنلۈك ئوقۇشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇغاندا قانچە ھېسىياتلىق بولسا ھېكايىنىڭ تەسىرچانلىقى، جەلپكارلىقى شۇنچە ئاشىدۇ. مەسىلەن، ئوقۇۋاتقىنىڭىز بىر ئوغرىنىڭ ئاستاغىنا ئۆيگە ئوغرىلىققا كىرگەن ۋەقەلىك بولسا سىزمۇ ئاۋازىڭىزنى بوش چىقىرىپ ئاستا ئوقۇڭ؛ ئاسماندا قاتتىق چاقماق چاققان ۋەقەلىكنى چوقۇم ئىنتۇناتسىيەڭىزنى كۆتۈرۈپ، بوم، يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇڭ. مۇشۇنداق قىلغاندا بوۋاقتا خۇددى نەق مەيداندا باردەك تۇيغۇ پەيدا بولۇپ، ئىپادىلەش ئىقتىدارى ئۆزلۈكىدىن يېتىلىدۇ. كىتاب ئوقۇپ بەرگەندە ئاۋازنى رىتىملىق ئۆزگەرتىش، گاھ يۇقىرى، گاھ تۆۋەن قىلىش، يۇمۇرلۇق ھالەتنى ساقلاش، ھېكايىنىڭ ئاخىرلاشقان قىسمىنى سوزۇپ ئوقۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانغاندا بوۋاقتا ھېكەيە توغرىسىدا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغىلى بولىدۇ.
بوۋاق بىر ياشلارغا كىرگەندە سىز ئېيتقان سۆزلەرنى تەكرارلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ چاغدا سىز كىتاب ئوقۇغاچ ئۇنى ئوقۇۋاتقان سۆزلەرنى دوراشقا يېتەكلىسىڭىز ئۇ نۇرغۇن سۆزلەرنى ئۆگىنىۋالىدۇ. بىر كىتابنى تەكرار ئوقۇپ بەرگەندە بوۋاق ھېكايىدىكى سۆزلەرنى ئەستە تۇتۇپلا قالماي يەنە شۇ ھېكايىنى كۆرۈش، بايان قىلىشنىمۇ باشلايدۇ. مانا بۇ بوۋاقنىڭ ئوقۇش ھاياتىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
سوئال – جاۋاب
تورداش : بالام تۆت ئايلىق بولدى ، بالامنى تەربىيەلەشكە دائىر كىتابلارنى تونۇشتۇرۇپ بېرەمسىز ؟
مۇتەخەسسىس : ئوچۇق رەڭلىك كىتابلار تۆت ئايلىق بوۋاققا ئوقۇپ بېرىشكە ماس كېلىدۇ ، بوۋاقنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەم بوۋاقنى قىزىقتۇرالايدۇ . قېنىق ، ستېرېئو رەڭلىك كىتابلارمۇ تۆت ئايلىق بالىلارنىڭ ۋاراقلىشىغا ماس كېلىدۇ. تۆت ئايلىق بوۋاققا يەنە ۋەقەلىكى ئاددىي، ئاممىباب بولغان بالىلار قوشاقلىرى تولىمۇ ماس كېلىدۇ، بۇنداق كىتابلار ئىمكان بار قاتتىق ۋاراقلىق بولغىنى ياخشى، چۈنكى بۇنىڭدا بوۋاقنى بېشىنى كۆتۈرۈش، ئۆرۈلۈش جەھەتلەردە مەشىقلەندۈرگىلى بولىدۇ. بالىلار قوشاقلىرى بوۋاقلارنىڭ تىل بايلىقىنى بېيىتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە بالىلاردا دەسلەپكى ئوقۇش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئالاھىدە ئۇسۇلى يوق. بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش ئاتا – ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدا ھېسسىيات ئالماشتۇرىدىغان كۆۋرۈك. ئانىنىڭ مېھرىبانلىققا تولغان كۆزلىرى، مۇلايىم، سىپايە سۆزلىرىنىڭ بالىلاردا ساغلام پىسخىكا يېتىلدۈرۈشتە رولى ئىنتايىن زور.
(تەھرىر : admin)
« كۈندە 15 مىنۇت ئۈنلۈك كىتاب ئوقۇپ بېرىش بوۋاقنى ئۆم»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- بالىلار ۋېىلىسىپىت مىنىگەندە نىېمىلەرگ
- ئىكىكى ياشىلىق بالىلارغا بالىلار ناخشى
- بالىلار نىېمىشىقا بىر تەرەپىتىن رەسىم س
- بالىلارغا كىتابىنى قانداق ئوقۇپ بەرگەن
- نىېمە ئۈچۈن بالىلارغا رەسىمىنىڭ كام يەر
- ئىككى ياشىلىق بالىلارغا ساناق ساناشىنى
- ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر ۋە ئەقلىي تەرەق
- 15 ئايىلىق بولغان بالىلارنىڭ تۇرمۇشتا ئى
- نىېمىشىقا ئانا بالا ئايرىلىپ ئۇخلاشىنى
- پەرزەنت تەربىيەسىدە ئادىمىيلىك تەربىيە
- ياخشى تەربىيە ۋە ناچار تەربىيە.
- ئىككى ياشىلىق بالىلاردا ھەق ناھەق تۇيغۇ
- ئىككى يېرىم ياشلىق بالىلارنىڭ ئەقلىي قا
- بالىلارغا ئۆزى تاماق يېىيشىنى قايسى ۋاق
- بالىلارنىڭ تاماق قاچىسىنى قانداق تاللا
- 21 ئايلىق بالىلارنىڭ تەن قۇرۇلما جەھەتتى
- بالىلار ۋېىلىسىپىت مىنىگەندە نىېمىلەرگە دىق
- ئىكىكى ياشىلىق بالىلارغا بالىلار ناخشىسىنى ق
- بالىلار نىېمىشىقا بىر تەرەپىتىن رەسىم سىزىپ
- بالىلارغا كىتابىنى قانداق ئوقۇپ بەرگەندە ئاك
- نىېمە ئۈچۈن بالىلارغا رەسىمىنىڭ كام يەرلىرىن
- ئىككى ياشىلىق بالىلارغا ساناق ساناشىنى قاندا
- ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر ۋە ئەقلىي تەرەققىيات
- 15 ئايىلىق بولغان بالىلارنىڭ تۇرمۇشتا ئىشىلىت
- نىېمىشىقا ئانا بالا ئايرىلىپ ئۇخلاشىنى تەشەب
- پەرزەنت تەربىيەسىدە ئادىمىيلىك تەربىيەسى مۇ
- ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر ۋە ئەقلىي تەرەققىيات
- بالىلارنىڭ تورغا چىقىشقا خۇمار بولۇشىنىڭ ئال
- بالىلاردىكى نامۇۋاپىق بەسلىشىش پىسخىكىسىنى
- بىر ياشىلىق بالىلارغا ماتېماتكىنى قانداق ئۆگ
- ‹‹لاي قونچاق ›› تا ئىپادىلەنگەن بالىلار تە
- بالىلىرىمىز كائىناتقا قىزىقسۇن
- ئىستۇدېنتلىق ھاياتى ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ مەس
- بالا تەربىيەلەشتە ئاتا–ئانىلار تۇنجى جاۋاب
- »بالىلار بىر ياشتىن باشلاپ كىتاب ئوقۇسا بالد
- كىچىك قىزلار «خانىم»غا ئايلىنىپ قالدىمۇ؟
- قانداق بالىلار ئەقىللىق بولىدۇ؟
- »بالىلار بىر ياشتىن باشلاپ كىتاب ئوقۇسا بالد
- بالىلارغا ئىسم قويۇش ۋە تەربىيە
- قانداق بالىلار ئەقىللىق بولىدۇ؟
- قورقۇتۇش ۋە بالىلارنىڭ خاراكتىرى
- پەرزەنت تەربىيسىدىكى يېڭى قاراش
- بالىلار ئەزەلدىنلا دۆت بو
- «ئائىلە ۋە بالىلار مىجەزى»
- كىچىك قىزلار «خانىم»غا ئايلىنىپ قالدىمۇ؟
- بالىلارنىڭ تورغا چىقىشقا خۇمار بولۇشىنىڭ ئال