| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنىت تەربىيسى > بالىلار ئويۇنلىرى > تولۇق مەزمۇنى

‹‹ئىلىشماق›› ئويۇنى

ۋاقىت : 2012-11-29 23:25 | مەنبەسى : 未知 | ەمىنلىگۇچى : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

‹‹ئىلىشماق›› ئويۇنى

 

       ‹‹ئىلىشماق›› ئويۇنى ئۇيغۇر قىز ئۆسمۇرلىرى ئارىسىدا كەڭ ئومۇمىلاشقان ئويۇن بولۇپ، بىر يىلنىڭ ھەممە پەسىللىدە ئوينىلىدۇ.

       ‹‹ئىلىشماق›› ئويۇنىنى ئىككى قىز بىر – بىرىگە قارشى ئوينايدۇ، ئاۋۋال 1.20 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى شوينىنىڭ ئىككى ئۇچىنى چېتىپ، ئاندىن ئويۇننى باشلاش نۆۋىتىنى تالىشىدۇ. بۇ ئويۇن بىر قانچە باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. بۇ يەردە پەقەت ‹‹ئىلىشماق›› ئويۇنىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدىن ئالتىنچى باسقۇچىغىچە بولغان ھەرىكەتلەر تونۇشتۇرۇلىدۇ.

قىز ئىككى قولىنىڭ باش بارمىقىنى تىك تۇتۇپ، قالغان تۆت بارمىقىنى جۈپلەپ، ئىككى ئالقىنىنى بىر – بىرىگە ئۇدۇل قىلىپ تۇتىدۇ.
 

       بىرىنچى باسقۇچ: ئويۇن باشلىغۇچى ‹‹ئا›› قىز ئىككى قولىنىڭ باش بارمىقىنى تىك تۇتۇپ، قالغان تۆت بارمىقىنى جۈپلەپ، ئىككى ئالقىنىنى بىر – بىرىگە ئۇدۇل قىلىپ تۇتىدۇ. ئىككى قولىنىڭ جۈپلەنگەن تۆت بارمىقىنى ھالقىسىمان شوينىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرگۈزۈپ تۇرۇپ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە بىر ئايلاندۇرۇپ، قولىغا يۆگەلگەن شوينىنى ئالىقىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئىككى ئوتتۇرا بارمىقىغا ئېلىپ ئىككى يانغا تارتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تىك تۆت بۇلۇڭنىڭ ئۈستىگە قىيپاشراق ئورۇنلاشقان ئىككى كۆپەيتىش بەلگىسى ھاسىل بولىدۇ.

      ئىككىنچى باسقۇچ: ‹‹ب›› قىز ھەر ئىككى كۆپەيتىش بەلگىسىنىڭ كېسىشىش نوقتىسىنى ئىككى قولنىڭ باش بارمىقى ۋە كۆرسەتكۈچ بارمىقىدا قىسىپ، ئىككى يانغا تارتىپ تۇرۇپ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە بىر ئايلاندۇرۇپ، تۆت بارمىقىنى تىك تۆتبولۇڭنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۈستى تەرەپكە كۆتۈرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تىك تۆتبولۇڭنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆزئار كېسىشكەن بىر جۈپ كۆپەيتىش بەلگىسى – ‹‹گىكەم›› ھاسىل بولىدۇ.

      ئۈچىنچى باسقۇچ: ‹‹ئا›› قىزنىڭ تىك تۆتبۇلۇڭ ئىچىدىكى بىر جۈپ كۆپەيتىش بەلگىسىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىنى يەنىلا ئىككى قولىنىڭ باش بارمىقى ۋە كۆرسەتكۈچ بارمىقىدا قىسىپ تۇتۇپ، تىك تۆتبۇلۇڭنىڭ ئىچىدىن سىرتىغا ئاتلىنىپ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە بىر ئايلاندۇرىدۇ. بۇ چاغدا يان تەرىپى ئىككى قات، تىك تەرىپى بىرقات شوينىدىن تۈزۈلگەن تىك تۆتبۇلۇڭ – ‹‹لەڭمەن›› ھاسىل بولىدۇ.

      تۆتىنچى باسقۇچ: ‹‹ب›› قىز تىك تۆتبۇلۇڭنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ئىككى تال يالاڭ شوينىنى ئىككى چىمچىلىقى بىلەن ئالماپ ئېلىپ، تىك تۆتبۇلۇڭنىڭ يان تەرىپىنى تەشكىل قىلغان ئىككى قات شوينىنى ئىككى باش بارمىقىغا ئېلىپ، ئۈستى تەرەپكە كۆتۈرىدۇ. بۇ چاغدا ‹‹بۆشۈك›› شەكلى ياكى بىرىنچى باسقۇچتا پەيدا بولغان شەكىلنىڭ دۈم كۆمتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشى ھاسىل بولىدۇ.

ئىككى كۆپەيتىش بەلگىسىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىنى ئىككى باش بارمىقى ۋە بىگىز بارمىقىدا قىسىپ ئىككى يانغا تارتىپ
 

       بەشىنچى باسقۇچ: ‹‹ئا›› قىز ‹‹بۆشۈك››نىڭ ئىككى يان تەرىپىدىكى ھەر ئىككى كۆپەيتىش بەلگىسىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىنى ئىككى باش بارمىقى ۋە بىگىز بارمىقىدا قىسىپ ئىككى يانغا تارتىپ، ئۈستى تەرەپتىكى يالاڭ شوينىنىڭ ئۈستىدىن ئاتلىتىپ، تۆۋەنگە ساڭگىلىتىپلا ئىككى يانغا تارتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھەر ئىككى ئالقان يانتۇ بولۇپ، تىك تۆتبولۇڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆزئار كېسىشكەن ئىككى كۆپەيتىش بەلگىسى يەنى ئىككىنچى باسقۇچتا ھاسىل بولغان ‹‹گىلەم››نىڭ دۈم ھالەتتىكى كۆرۈنۈشى شەكىللىنىدۇ.

      ئالتىنچى باسقۇچ: ‹‹ب›› قىز تىك تۆتبۇلۇڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى كۆپەيتىش بەلگىسىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىنى ئىككى باش بارمىقى ۋە كۆرسەتكۈچ بارمىقىدا قىسىپ تۇتۇپ، تىك تۆتبۇلۇڭنىڭ ئىچىدىن سىرتىغا ئاتلىنىپ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە بىر ئايلاندۇرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئىككى يان تەرىپى ئەگرى – بۈگرى كەلگەن ئىككى تال شوينىدىن، ئىككى توغرا تەرىپى يەككە شوينىدىن تۈزۈلۈپ، ئىچكى قىسمىدا ئۆزئارا تۇتاش ئىككى كۆپەيتىش بەلگىسىنى شەكىللەندۈرگەن بىر مۇرەككەپ شەكىل پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەم باسقۇچلاردا ھاسىل بولىدىغان شەكىللەر ئالدىنقى باسقۇچلاردىكىدىن ھالقىپ كەتمەيدۇ.

      دېمەك، ‹‹ئىلىشماق›› ئويۇنىدا باش بارماق، كۆرسەتكۈچ بارماق، چىمچىلاق ئاساسلىق رول ئوينايدۇ.

      بالىلار بۇ ئويۇن ئارقىلىق زېھنىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ، شەيئىلەرنىڭ ئالاھىدە بەلگىلىرىنى پەرىقلەندۈرۈش ئارقىلىق ئومۇمىي قانۇنىيىتى بىلەن تونۇشۇپ، يېڭى ۋە مۇرەككەپ نەرسىلەرنى ئىجاد قىلىشقا پىكىر يۈرگۈزىدىغان بولىدۇ.

()

ياخشى
(1)
100%
ناچار
(0)
0%

«‹‹ئىلىشماق›› ئويۇنى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئالدىنقى ئەسەر:‹‹قارا – قارا قۇشلارىم›› ئويۇنى
كىيىنكى ئەسەر:يوق
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
تەۋسىيلىك مەزمۇنلار
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>