‹‹چىلىشىش›› ئويۇنى
‹‹چىلىشىش›› ئويۇنى
‹‹چىلىشىش›› ئويۇنى ئۇيغۇر ئوغۇل ئۆسمۈرلىرى ئۆزلىرىنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن ھەقىقىي قابىل ياكى ئەمەسلىكىنى ئايرىشتىكى مۇھىم ئۆلچەملەرنىڭ بىرى ساناپ ئىشتىياق بىلەن ئوينايدىغان، كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان قىزىقارلىق ئويۇن. بۇ ئويۇن قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىرىدە ئوينىلىدۇ.

چېلىشىش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە پائالىيىتى بولغاچقا، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگىمۇ تەبىئىي تەسىر قىلغان. بالىلار قىش كۈنلىرى مەھەللە – كويلاردا يۇمشاق جايلارغا، قۇم دۆۋىلىرىگە، ئەتىيازلىرى قۇرغاق سازلىقلارغا يىغىلىشىپ مەھەللە بويىچە ياكى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ چېلىشىپ ئوينايدۇ. ئاۋۋال گۇرۇپپىلارنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشى ئارقىسىدا ئىككى سورۇنبېشى بەلگىلىنىپ، مەيدانغا ئالدىن تەكلىپ قىلىنىدۇ. سورۇنبېشى بولغۇچىلار ھەرخىل رەخت ياكى تانىلاردا ‹‹بەلۋاغ›› تەييارلاپ، چېلىشىشنىڭ تۈرى ۋە شەكلى ئۈستىدە بىرلىككە كېلىدۇ. چېلىشىش رەسمىي باشلانغاندا، ئىككى سورۇنبېشى چېلىشماقچى بولغان بالىلارنى بىر – بىرلەپ تەكلىپ قىلىپ چىلىشىشقا سالىدۇ ھەمدە چىلىشماقچى بولغان ئىككى بالىغا چېلىشىشتا چېلىشىشتا بىلىۋېلىشقا ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ. چېلىشىش ئالدىدا تۇرغان ئىككى بالا نۆۋەت بىلەن بىر – بىرىنىڭ بېلىدىكى پوتىنى راۋۇرۇس تۇتۇۋالغانلىقىنى ئىلىك ئېلىشقاندىن كېيىن چېلىشىدۇ. بۇ خىل چېلىشىش ئۇيغۇرچە بولغاچقا، ئۇيغۇرچە چېلىشىشنىڭ بىر يۈرۈش قائىدىلىرىگە يات ھەرقانداق ھەرىكەت چەكلىنىدۇ، ئەگەر چېلىشىۋاتقان بالىلاردىن بىرسى چېلىشىشنىڭ قائىدىسىگە خىلاپ كېلىدىغان قىلىقنى بىر مەيداندا ئىككى قىتىم سادىر قىلسا، ئۇنىڭ شۇ كۈنلۈك چېلىشىش ھوقۇقى ئېلىپ تاشلىنىدۇ. بىر تەرەپ قائىدىسىزلىك قىلىپ قارشى تەرەپنى يىقىتىپ قويسا، نەتىجە يەنىلا قائىدىلىك چېلىشقۇچىغا مەنسۇپ بولىدۇ. بۇخىل چېلىشىشتا يىقىتقۇچى يىقىلغۇچىنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ قويىدۇ.
بۇ ئويۇن ئوغۇل ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام، كۈچلۈك ئۆسۈپ يېتىلىشى، كىچىكىدىن چېلىشىش سورۇنلىرىدا چېنىقىپ كېيىنچە ياراملىق ئەۋلادلاردىن بولۇپ چىقىپ، ئاتا – ئانىسى، خەلقگە شان – شەرەپ كەلتۈرۈشى، چېلىشىشنى ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىق.
()
«‹‹چىلىشىش›› ئويۇنى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- . ‹‹ئىلىشماق›› ئويۇنى
- . ‹‹قارا – قارا قۇشلارىم›› ئويۇنى
- . ‹‹سۇناي›› ئويۇنى
- . ‹‹چىلىشىش›› ئويۇنى
- . ‹‹ئىلەڭگۈچ›› ئويۇنى
- . ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرى ۋە بۈگۈنكى
- . ‹‹بىجىگەن توپ›› ئويۇنى
- . ‹‹تاقمۇ – جۈپمۇ؟›› ئويۇنى
- . ‹‹چانا تېيىلىش›› ئويۇنى
- . ‹‹ياڭاق سوقۇشتۇرۇش›› ئويۇنى
- . ‹‹راۋاب ياساش ۋە چېلىش›› ئويۇنى
- . ‹‹دۇتتار ياساش ۋە چېلىش›› ئويۇنى
- . ‹‹مېھماندارچىلىق›› ئويۇنى
- . ‹‹تۆگە ــ تۆگىلەڭ›› ئويۇنى
- . ئەنئەنىۋى ئويۇن-جۈپ – تاق ئويۇنى
- . ‹‹ئايشەمخاننىڭ تۇرغان جايى›› ئويۇنى
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]