| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنىت تەربىيسى > بالىلار ئويۇنلىرى > تولۇق مەزمۇنى

‹‹سۇناي›› ئويۇنى

ۋاقىت : 2012-11-29 23:15 | مەنبەسى : 未知 | ەمىنلىگۇچى : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

‹‹سۇناي›› ئويۇنى

      ‹‹سۇناي›› ئويۇنى ئادەتتە ‹‹ئىسقىرت›› ئويۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئويۇن ‹‹پىپى›› ئويۇنىنىڭ يۇقىرى شەكلى بولۇپ، 10 ياشتىن ھالقىغان ئوغۇل بالىلار تەرىپىدىن باھار پەسلىدە ئوينىلىدۇ.

      ئوغۇل بالىلار ئالدى بىلەن چوڭ كىشىنىڭ باش بارمىقى توملۇقىدىكى 25 – 30 سانتىمېتىر سۆگەت نوتىسىنى نەم يەرگە بوش – بوش ئۇرۇپ ياكى نوتىنىڭ قوۋزىقىنى قولى بىلەن ئاستا تولغاپ بوشىتىپ، تۈۋىدىن ئۇچىغا سۈزۈپ نەيچە پېتىچە ياغاچ قىسمىدىن چىقىرىۋالىدۇ، ئاندىن نەيچىنىڭ توم بېشىدىن 6– 8 مىللىمېتىر كېلىدىغان بىر تۆشۈك ئاچىدۇ. ئۈچىنچى قەدەمدە نەيچىنىڭ ئىچىدىن ئېلىۋېتىلگەن تاياقچىنىڭ توم ئۇچىدىن 10 – 12 سانتىمېتىر كېسىپ، ئىنچىكە ئۇچىنىڭ ئاستىنى سەل قىيپاش شىلىپ، ئۈستى تەرىپىنى بۇ باشتىن ئۇ باشقىچە 1 مىللىمېتىر قېلىنلىقتا قىرىۋېتىپ، بۇ تاياقچىنى نەيچىنىڭ ئىچىگە ھېلىقى تۆشۈكنىڭ گىرۋىكىگىچە كىرگۈزىدۇ. تاياقچىنىڭ توم ئۇچى نەيچىدىن 2 – 3 سانتىمېتىر سىرتقا چىقىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سۇناي پۈتۈپ چىقىدۇ.

‹‹سۇناي›› ئويۇنى

      بالىلار بۇ ئويۇنچۇقنى ياساپ بولغاندىن كېيىن، توپلىشىپ سۇناي چېلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ. بالىلارنىڭ سۇناي ياساش ماھارىتى ئوخشاش بولمىغاچقا، ياسالغان سۇنايلاردىن چىققان ئاۋاز ھەرخىل بولىدۇ، ئەمما بالىلارنىڭ سۇناي چىلىشى بىر خىل شەكىلدە بولۇشى شەرت، يەنى بالىلار سۇناينىڭ تاياقچە چىقىپ تۇرغان تەرىپىنى ئاغزىغا سېلىپ، ئۈستىدىكى تۆشۈكنى كۆرسەتكۈچ بارمىقى ۋە ئوتتۇرا بارمىقىدا نۆۋەتلەشتۈرۈپ بېسىپ، بەلگىلىك رىتىمدا پۈۋلەپ ھەرخىل ئاۋاز چىقىرىپ ئوينايدۇ. چىققان ئاۋاز ‹‹پىپى››نىڭ ئاۋازىدىن كۈچلۈك ۋە يېقىملىق بولىدۇ.

      بۇ ئويۇن بالىلاردا مۇزىكا تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ، بالىلارنى چالغۇ ياساش ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا يېتەكلەيدۇ.

()

ياخشى
(0)
0%
ناچار
(0)
0%

«‹‹سۇناي›› ئويۇنى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
تەۋسىيلىك مەزمۇنلار
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>