‹‹ئىلەڭگۈچ›› ئويۇنى
‹‹ئىلەڭگۈچ›› ئويۇنى
‹‹ئىلەڭگۈچ›› ئويۇنى ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەتىۋارلىق ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. مەشھۇر ئالىمىمىز مەھمۇد كاشغەرى بۇ ئويۇن ھەققىدە توختىلىپ: ‹‹ئىلەڭگۈچ – گۈلەڭگۈچ قىزلار ئوينايدىغان بىر خىل ئويۇننىڭ نامى. ئارغامچىنىڭ ئىككى ئۇچى بىر ياغاچقا ياكى لىمغا باغلىنىدۇ، ئوتتۇرىسىغا بىر قىز ئولتۇرىدۇ، پۇتلىرى بىلەن يەرنى تېپىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەزەن ئورلەپ، بەزەن پەسلەيدۇ›› دېگەن (‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› 3 – توم، 518 – بەت) دېمەك، بۇ ئويۇن ئەزەلدىنلا ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرىنىڭ ياخشى ئەرمىكى بولغان. بۇ ئويۇن ئادەتتە ئەتىياز، ياز ۋە كۈز كۈنلىرى دەل – دەرەخلىك ئېرىق – ئۆستەڭ بويلىرىدا، ئورمانلىقلاردا قىز ئۆسمۈرلەر تەرىپىدىن ئوينىلىدۇ. بۇ ئويۇننى 7 – 15 ياشقىچە بولغان قىزلار ئوينايدۇ.

ئىلەڭگۈچ ئارغامچىنىڭ ئىككى ئۇچىنى تۈپ دەرەخكە ياكى دەرەخنىڭ چوڭ ئىككى شېخىغا چىگىپ، ئوتتۇرىسى يەرگە تېگىپ قالمىغۇدەك قىلىپ سېلىنىدۇ. قىزلار 4 – 5 تىن بۆلۈنۈپ نۆۋەت بىلەن ئوينايدۇ. ئىلەڭگۈچ ئوينىغۇچى ئىككى تال ئارغامچىنى چىڭ تۇتۇپ كەينىگە يېنىپ، بىر پۇتىنى ئىلەڭگۈچ تاختىسىغا ئېلىپ، يەنە بىر پۇتىنى يەرگە تىرەپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئىتتىرىپ قويۇشى ياكى ئۆزىنى كۈچەپ ئالدىغا ئېتىش ئارقىلىق پۇتىنى يەردىن ئۈزۈپ ئۇچۇشقىلا باشلايدۇ. دەسلەپتە پەسرەك ئۇچىدۇ، كېيىن ئالدى – كەينىگە كۈچەپ رىتىملىق سىلكىنىپ بارغانسىرى ئېگىز ئۇچىدۇ، ئۇچۇش قانچە ئېگىز بولسا، ئۇچۇش تېزلىكى شۇنچە ئاشىدۇ. بىر قىز ئىلەڭگۈچ ئۇچۇۋاتقان پەستە نۆۋەت كۈتۈۋاتقانلار:
ئىلانى،
گۇچانى،
چىم چاچاق،
كىم ئويناق.
مېنىڭ بالام تورغايچاق،
.........
ھويت، ھويت، ھويت،
ماڭا قاراڭ،
بەسلىكى بار،
مەسلىكى بار.
بوز تايچاق
.......
دېگەنگە ئوخشاش ئىلەڭگۈچ قوشىقىنى ئېيتىدۇ. نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئىلەڭگۈچ ئۇچقۇچنىڭ قانائەتلەنگەندىن كېيىن باشقىلارغا ئۆتۈنۈشى ئارقىلىقلا بولىدۇ.
بالىلار بۇ ئويۇن ئارقىلىق تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ، ئۆزئارا ئوتۈنۈش، يول قۇيۇش، ياردەملىشىش قاتارلىق ئەخلاقىي پەزىلەتنى يېتىلدۈرىدۇ.
()
«‹‹ئىلەڭگۈچ›› ئويۇنى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- . ‹‹ئىلىشماق›› ئويۇنى
- . ‹‹قارا – قارا قۇشلارىم›› ئويۇنى
- . ‹‹سۇناي›› ئويۇنى
- . ‹‹چىلىشىش›› ئويۇنى
- . ‹‹ئىلەڭگۈچ›› ئويۇنى
- . ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرى ۋە بۈگۈنكى
- . ‹‹بىجىگەن توپ›› ئويۇنى
- . ‹‹تاقمۇ – جۈپمۇ؟›› ئويۇنى
- . ‹‹چانا تېيىلىش›› ئويۇنى
- . ‹‹ياڭاق سوقۇشتۇرۇش›› ئويۇنى
- . ‹‹راۋاب ياساش ۋە چېلىش›› ئويۇنى
- . ‹‹دۇتتار ياساش ۋە چېلىش›› ئويۇنى
- . ‹‹مېھماندارچىلىق›› ئويۇنى
- . ‹‹تۆگە ــ تۆگىلەڭ›› ئويۇنى
- . ئەنئەنىۋى ئويۇن-جۈپ – تاق ئويۇنى
- . ‹‹ئايشەمخاننىڭ تۇرغان جايى›› ئويۇنى
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]