ئوقۇغۇچىلار چېنىقىش ئۇسۇلىنىڭ ھەر خىل بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ‹‹مىليونلىغان ئوقۇغۇچى قىشلىق ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش پائالىيىتى›› نىڭ قانات يايدۇرۇلغىنىغا ھازىر خىلى كۈنلەر بولۇپ قالدى، بۇ پائالىيەتنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ ئوقۇغۇچىلار، ئاتا – ئانىلار، مەكتەپلەر مەسئۇللىرى چېنىقىشقا قانداق قاراۋاتىدۇ؟ مۇخبىر مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر قىسىم مەكتەپ مەسئۇللىرى، ئاتا – ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنى زىيارەت قىلدى. مەكتەپلەر ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش ۋاقتىنى بۆلۈۋەتكەن مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، مەيدان چەكلىمىسى سەۋەبىدىن، نۇرغۇن مەكتەپ مەسئۇلى ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش ۋاقتىنى بۆلۈۋېتىش قاتارلىق ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش ئۇسۇلىنى قوللانغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تور پونكىتىدا، ئۈزۇنغا يۈگۈرۈشنىڭ تەپسىلىي يولغا قويۇلۇش لايىھىسى تور بېتىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەيدان كىچىك بولغاچقا، مەكتەپ مەسئۇللىرى يىللىقلارنى بىرلىك قىلىپ، بىر كۈننى بەش ۋاقىت بۆلىكىگە بۆلۈپ يولغا قويغان، ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش ۋاقتىنىڭ 20 مىنۇتتىن 25 مىنۇتقىچە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان. بۇ مەكتەپتىكى دۈەن فامىلىلىك ئوقۇتقۇچى مۇنداق دېدى: ‹‹ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش ئەڭ ئاددىي، ئەڭ قۇلايلىق چېنىقىش ئۇسۇلى، بۇنداق چېنىقىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن سۈپىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىللە، ئوقۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ››. ئوخشاشلا مەيداننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 49 – ئوتتۇرا مەكتەپتىكىلەر ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشنى تەنتەربىيە دەرىسى ۋە تەنەپىس ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ تاماملىغان. ‹‹مىكرو مەكتەپ›› دەپ ئاتالغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 30 – باشلانغۇچ مەكتەپ باشقا تەنتەربىيە تۈرلىرىنى ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن، مەسىلەن: قوم بولاق ئېتىشىش، تەپكۈچ تېپىش، مەكتەپ خاس گىمناستىكىسى ئويناش قاتارلىقلار. ئاتا – ئانىلار ئۇزۇنغا يۈگۈرگەندە تەرلىگەندىن كېيىن، بالىمىز زۇكام بولىدۇ، دەپ ئەنسىرەيدىكەن نۇرغۇن ئاتا – ئانا مەكتەپنىڭ ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ناھايىتى قوللايدىكەن. ۋاڭ خۇڭ تولۇقسىز 1 – يىللىقتىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئاپىسى، ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹نەچچە كۈن ئىلگىرى، بالام چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدا ھېرىپلا كەلدى، ئەسلىدە 4 – سائەتلىك دەرس تەنتەربىيە دەرسى ئىكەن. بىر سائەتلىك تەنتەربىيە دەرستىلا بالام ھېرىپ كەتسە، دېمەك بالامنىڭ بەدەن سۈپىتى ناچار دېگەن گەپ. شۇڭا، ھازىر مەن بالامغا دائىم يۈگۈرۈشنى كۈندە قەتئىي داۋاملاشتۇرغاندىلا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ، دەپ رىغبەتلەندۈرۈۋاتىمەن››. جاڭ كېمۇ تولۇقسىز 1 – يىللىقتىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دادىسى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹ھازىر نۇرغۇن بالىنىڭ ئىرادىسى ناھايىتى بوش، مەن مەكتەپنىڭ ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش پائالىيىتىنى ئۇزاققىچە چىڭ تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇنداق بولغاندا، بالىلارنى چېنىقتۇرۇش بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى چىڭىتقىلى بولىدۇ››. يەنە بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار قىشلىق ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشنى قوللىمايدىكەن. 22 – باشلانغۇچ مەكتەپتىكى مەلۇم ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلە باشلىقى: ‹‹ھەر كۈنى ئۇزۇنغا يۈگۈرگەندە، بالىلار چىلىق – چىلىق تەرلەپ سوغۇقتا ئاسان كېسەل بولىدۇ›› دېدى. ئوقۇغۇچىلار چېنىقىش ئۇسۇلىنىڭ ھەر خىل بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن 23 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋۇ بىن: ‹‹مەن مەكتەپنىڭ قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش مەشىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ياخشى كۆرىمەن››، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹مەلۇم بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە ئاساسەن چوقۇم مۇنچە مېتىر يۈگۈرۈشنى شەرت قىلىۋالماسلىق كېرەك، چۈنكى بەدەن ساپاسى ياخشى بولمىغان ئوقۇغۇچىلار ئەگەر 1500 مېتىر يۈگۈرسە، چىدىيالماسلىقى مۇمكىن››. باشقا بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى لى شياۋ مۇنداق دېدى: ‹‹مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىنكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ۋاقتىدا مەكتەپ مەيدانىدا 2000 مېتىرغا يۈگۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى. مەن ۋە باشقا ئوقۇغۇچىلار بۇ خىل چېنىقىش ئۇسۇلىنى مەنىسىز دەپ قارايمىز، مەكتەپنىڭ ھەر خىل چېنىقىش ئۇسۇللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز››. ‹‹بىزنىڭ ئوقۇتقۇچى ھەر قېتىمقى ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشتىن بۇرۇن بىر نەچچە قىزىقارلىق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، بەدىنىمىز قىزىغاندىن كېيىن ئاندىن يۈگۈرتىدۇ. مەن ۋە ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى يۈگۈرۈشكە ئامراق››، دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 59 – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى لى ياڭياڭ. بۇ مەكتەپنىڭ قىشتا ئوقۇغۇچىلارنى ئۇزۇنغا يۈگۈرتۈش ئەنئەنىسى بار بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلار ھەر كۈنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈگۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىپتۇ. مەنبە:شىنجاڭ گىزىتى تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن
|