ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن...
پاتىمە تۇرسۇن
خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئوقۇتۇش مېتودى، سەۋىيەسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلىغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغاشنىڭ ئاچقۇچى. مېنىڭچە، خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارغا توغرا بولغان خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بېرىشى ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا، خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇ تىلى ئۆگىتىشتە تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللارنى قوللىنىشى كېرەك:
بىرىنچى، خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشتە قارىغۇلارچە يادلاپ ئۆگەنمەسلىك كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن بۇ تىلنى ياخشى ئۆگىنىشتىكى تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، مىسال ۋە قىزىقارلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆلۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلىغا خاتىمە بېرىپ، خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىنىڭ تەرتىپلىرىگە ماسلاشتۇرۇپ، يېڭى ئۇسۇل ۋە چارىلەر بىلەن تىلنى ياخشى ئىگىلەشكە ئاساس سېلىشى، بۇنىڭدا يەنە ئاڭلاش، ئوقۇپ چۈشىنىش، گىرامماتىكا، يېزىقچىلىققا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشى، ئوقۇغۇچىلارنى كۆپرەك ماتېرىيال كۆرۈشكە، تەسىرات يېزىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى، گىرامماتىكا قىسمىنى چۈشەندۈرگەندە، گىرامماتىكىلىق قائىدە – قانۇنىيەتلەرنى تولۇق ئىگىلىتىشكە ئاساس سېلىشى، يېزىقچىلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە، ئالدى بىلەن ياخشى يېزىلغان، بالىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىغا ماس كېلىدىغان ئەسەر – ماقالىلەرنى ئوقۇشقا تەشكىللەپ، ئۆزىگە تەسىر قىلغان تېمىدا ماقالە يېزىشقا ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك.
ئىككىنچى، خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنى نۇتۇق سۆزلەش، خەنزۇچە ھېكايە ئوقۇش، ماقالە يېزىش قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە تەشكىللەشكە ماھىر بولۇشى كېرەك.
ئۈچىنچى، خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى دەرسنى قىزىقارلىق، چۈشىنىشلىك، ئەڭ مۇھىمى ئوقۇغۇچىلار ئاسان ئەستە ساقلىيالايدىغان ئۇسۇلدا ئۆتۈشكە ماھىر بولۇشى كېرەك. دەرسنى جانلىق باشلاش تولىمۇ مۇھىم بولۇپ، دەرسنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالىغۇدەك باشلاپ ئۆتكەندە، سىنىپنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتى كۆتۈرۈلۈپ، ھەممە ئوقۇغۇچى بىردەك پىكىر قاتناشتۇرىدىغان، دەرسنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، دەرس ئارىلىقىدا ئوقۇغۇچىلاردىن كۆپرەك سوئال سوراش، مەيلى توغرا ياكى خاتا جاۋاب بەرسۇن، بىردەك ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارغا كۆپرەك سۆزلەش پۇرسىتى بېرىش كېرەك.
تۆتىنچى، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە يېتەكلەش كېرەك. بۇنداق بولغاندا، ئوقۇغۇچىلار ئەتراپنى كۆزىتىپ، يېڭى سۆزلەرگە دىققەت قىلىپ ئۆگىنىۋالالايدۇ. ئۆزى مۇستەقىل ئۆگىنىش، تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق يېڭى مەسىلىلەرنى بايقىيالايدۇ. سىنىپتا ئىگىلەپ بولالمىغان نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ تېز ئالغا باسالايدۇ. قىسقىسى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە ئوقۇتقۇچىلار ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئېچىشقا ماھىر بولۇشى، دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنى دەرستە تىرىشىدىغانلار قاتارىغا كىرگۈزۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەممە ئوقۇغۇچى تەڭ ئۆگىنىدىغان، تەڭ تىرىشىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.
(ئاپتور: قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسى تېرىم يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتىپىدىن)
(تەھرىر : admin)
«ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن...»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھمىيەت بىرىشكە تىگىشلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئا
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھمىيەت
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئ
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ھېس قىلغانلىرىم
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە نۇتۇق ئىقتىدارى
- قانداق قىلغاندا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتە
- قانداق قىلغاندا خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرسىگە بولغا
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى ۋە ئۈنۈم
- خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىنىڭ رۇلى ۋ
- خەنزۇ تىلىدىكى مەنىداش سۆزلەرنى پ
- مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى
- خەنزۇ تىلى دەرسىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆ
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھم
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلار
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھمىيەت بىرىش
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈر
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ھېس قىلغانلىرىم
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە نۇتۇق ئىقتىدارىنى يې
- قانداق قىلغاندا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ خەنز
- قانداق قىلغاندا خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈم
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرسىگە بولغان قىز
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ھېس ق
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى ۋە ئۈنۈم
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھمىيەت بىرىش
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھم
- خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىنىڭ رۇلى ۋە قابى
- خەنزۇ تىلىدىكى مەنىداش سۆزلەرنى پ
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈر
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ھېس قىلغانلىرىم
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلار
- خەنزۇتىلى ئۆگىنىشنىڭ بىر قانچە خى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە نۇتۇق ئىقتىدارىنى يې