ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > ئوقۇتۇش تەتقىقاتى > خەنزۇتىلى ئوقۇتۇش تەتقىقاتى > تولۇق مەزمۇنى

خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلار

ۋاقىت : 2011-03-04 21:49 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : كۆك بۆرە | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

خەنزۇ تىلنى قوللىنىش بىر خىل ماھارەت ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن چۇقۇم كۆپ مەشىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تۆۋەندە بىز ئۆز تەجرىبىمىزگە ئاساسەن بۇ جەھەتتىن ھېس قىلغانلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتىمىز :
بىرىنچى ، ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى تىل ماھارىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك .
1)   ئوقۇتقۇچى سىنىپتا خەنزۇچە سۆزلەش، بۇلۇپمۇ ، خەنزۇچە تېكىسىت قىسمىغا كەلگەندە ، ئوقۇغۇچىلاردىن كۆپرەك خەنزۇچە سۆزلەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزى خەنزۇچە سوئال قۇيۇپ ، ئۆزى جاۋاپ بېرەلەيدىغان قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈشكە ئادەتلەندۈرۈش كېرەك .
 مەسىلەن :
从前,有个有钱人,他请一位先生教儿子读书…
دېگەندەك جۈملىلەرنى ئوقۇغۇچىلاردىن :
1 ?)从前,有个什么人   
2)有钱人有孩子吗?
3)              有钱人请先生干什么?
4)              这句话提到了几个人?
5)              先生在古代是什么意思?
دېگەندەك شەكىللەردە سوراش ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىككى گۇرپىغا بۈلۈپ ، بىر گۇرۇپپا سۇئال سۇرايدىغان، يەنە بىر گۇرۇپپا تىز جاۋاپ بىرىدىغان سۆزلىشىش مەشىقى ئېلىپ بېرىش، شۇ ئاساستا ئوقۇغۇچىلارنى ئابزاسلار بۇيىچە بايان قىلالايدىغان سەۋىيەگە يەتكۈزۈش كىرەك.
2)   ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا خەنزۇچە سۆزلەش جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلارنى ئاڭلاپ چۈشىنەلمەيدىغان سۆز- جۈملىلەرنى بىۋاستە تەرجىمە قىلىپ بەرمەي، قول ئىشارىتى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانسا بۇلىدۇ. مەسىلەن: 请打开课本的第八页 دىمەكچى بولسا، ئوقۇتقۇچى مۇشۇ بىر جۈملىنى دىيىش بىلەن تەڭ، كىتاپ ۋاراقلاش ھەرىكىتىنى قوللانسا بۇلىدۇ.
3)   ئوقۇغۇچىلارنى تىكىست يادلاشقا يېتەكلەش كېرەك . بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېكىست يادلاشقا بولغان مۇددىئاسى ئېنىق، توغرا بولمىغانلىقتىن، قارغۇلارچە ئۆلۈك يادلاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ-دە، يادلىۋالغان جۈملىلەرنى ئەمەلىيەتتە قوللانمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى يادقا ئالغان جۈملىلەر بىلەن ئەمەلى ئالاقىلەردە ئىشلىتىشكە يېتەكلىشى كېرەك.
ئىككىنچى، ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بىرىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بۇلۇشى كىرەك.
شەكىلنىڭ بىر خىللىقىمۇ ئوقۇغۇچىلارنى زېرىكتۈرۈپ قۇيىدىغان تەرەپلەرنىڭ بىرى. شۇڭا ، ئوقۇتۇشتا ھەرخىل شەكىلدىكى جانلىق پائالىيەتلەرنىڭ رۇلىغىمۇ سەل قارىماسلىق كېرەك. مەسىلەن: دەرسلىكتىكى دىئالوگلارنى ئۆز تىلىغا ئايلاندۇرۇپ ئۆزگەرتىپ، روللارنى تەقسىم قىلىپ سۆزلىشىش مەشىقى ئېلىپ بېرىشقىمۇ بۇلىدۇ.
图尔迪:谁给你这本书的?
古丽仙:是我哥哥。
图尔迪:这本书的内容怎么样?
古丽仙:内容非常好。
图尔迪:你能看懂吗?
古丽仙:当然能看懂。
ئۈچىنچى، ئوقۇغۇچىلاردا مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش، مۇستەقىل ئۆگىنىش، ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش كىرەك.
بۇنىڭ ئۈچۈن، (1) مەشىقنى ئوقۇتقۇچىنىڭ بىۋاستە يىتەكچىلىكىدە ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەشكە ئادەتلەندۈرۈش؛ (2) ئوقۇغۇچىلارنى خەنزۇچە تەپەككۇر قىلىشقا يىتەكلەش كېرەك.
تۆتىنچى، زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك.
زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىنىڭ خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدىكى رۇلى ناھايتى چوڭ، ئېلىكتىرلەشكەن ئوقۇتۇشنى بەلگۈلەنگەن دەرسخانىدا ئېلىپ بارغىلى بولسىمۇ، لېكىن، كومپىيۇتېر ۋە باشقا زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىنى دەرسخانا سىرتىدىكى، مەسىلەن، ئائىلە، ئېلىكتىرونلۇق ئۇيۇنچۇق..... قاتارلىق جايلاردىمۇ بىمالال ئىشلەتكىلى ۋە بەلگىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بۇلىدۇ.
دىمەك، يۇقارقى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىنى جانلىق ئېلىپ بارغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاپ-سۆزلەش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بۇلىدۇ.
 

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
كۆك بۆرە تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-10-11 00:10 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-10-24 10:10
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ