مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى
ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەك، دەپ قارايمەن:
.1 خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇ تىلى ئۇگىنىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى تىل ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇشى كېرەك. ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇتقۇچى دەرسنىڭ مۇھىم، قىيىن نۇقتىلىرىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق قەرەللىك ھالدا سەۋىيە سىناش ئىمتىھانلىرىنى ئېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل ئاساسىنى سىناپ، شۇ ئاساستا دەرس لايىھەسى تۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى قاراتمىلىق ۋە قاتلاملاربويىچە يېتەكلەش كېرەك.
.2 خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ھېسسىيات جەھەتتىن يەنىمۇ يېقىنلىشىپ، ياخشى بولغان ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. چۈنكى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى – يامان بولۇشى بىۋاسىتە ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىغا تەسىركۆرسىتىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەخلاقىي پەزىلىتى، كەسىپچانلىقى ۋە سەمىمىيىتى ئۆز نۆۋىتىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ دەرسىنى ئۆگىنىش – ئۆگەنمەسلىكىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي ھالىتىنى، كەيپىياتىنى تەڭشەشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.
.3 خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى دەرس مەزمۇنى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى لايىھەلىگەندە ئىمكانقەدەر تۇرمۇش بىلەن يېقىنلاشتۇرۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار دەرسخانىدا ئۆگىنىش بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆزى يولۇققان مەسىلىلەرنى خەنزۇ تىلى ئارقىلىق تەھلىل ۋە تەپەككۇر يۈرگۈزگەندە ئاندىن خەنزۇتىلىنىڭ ئىشلىتىشچانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى چوقۇم دەرسخانىدىكى ئالاقىنى ئامالىنىڭ بارىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە يېقىنلاشتۇرۇشى، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگەنگىنىنى ئىشلىتەلەيدىغان، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە ئىگە بولغان تىل مۇھىتى يارىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. مەسىلەن، نەرسە – كېرەك سېتىۋېلىش، پۇل سوراش، تېلېفون بېرىش، كېسەل كۆرسىتىش، رۇخسەت سوراش، ئاددىي مۇھاكىملەرگە تەشكىللەش قاتارلىق ئەمەلىي تىل مەشىقلىرى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدا ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيىتىگە ئىشلىتىشكە يېتەكلىشى كېرەك.
.4 خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنى سوئال – جاۋابلىق مۇسابىقە شەكلى ئارقىلىق دەرس مەزمۇنىنى مۇكەممەللەشتۇرۇشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى بۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى دەرسخانىدا ياكى دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا بولسۇن، ئوقۇغۇچىلارنى قەرەللىك ۋە قەرەلسىز ھالدا يىللىقلار، سىنىپلار، گۇرۇپپىلارنى بىرلىك قىلغان ھالدا مۇۋاپىق تۇردە خەنزۇتىلى زېھىن سىناش مۇسابىقە پائالىيىتىگە تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنى ئىشلىيەلەيدىغان سورۇن ھازىرلاپ بېرىش كېرەك.
(ئاپتور: چىرا ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتىن: بېلىقىز مەتروزى)
مەنبە: 2011– يىل5– ئاينىڭ8– كۈنى شىنجاڭ گېزىتى
(تەھرىر : admin)
«مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئا
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھمىيەت
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئ
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ھېس قىلغانلىرىم
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە نۇتۇق ئىقتىدارى
- قانداق قىلغاندا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتە
- قانداق قىلغاندا خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرسىگە بولغا
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى ۋە ئۈنۈم
- خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىنىڭ رۇلى ۋ
- خەنزۇ تىلىدىكى مەنىداش سۆزلەرنى پ
- مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى
- خەنزۇ تىلى دەرسىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆ
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھم
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلار
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھمىيەت بىرىش
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈر
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ھېس قىلغانلىرىم
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە نۇتۇق ئىقتىدارىنى يې
- قانداق قىلغاندا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ خەنز
- قانداق قىلغاندا خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈم
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرسىگە بولغان قىز
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ھېس ق
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى ۋە ئۈنۈم
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھمىيەت بىرىش
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھم
- خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىنىڭ رۇلى ۋە قابى
- خەنزۇ تىلىدىكى مەنىداش سۆزلەرنى پ
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈر
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ھېس قىلغانلىرىم
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلار
- خەنزۇتىلى ئۆگىنىشنىڭ بىر قانچە خى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە نۇتۇق ئىقتىدارىنى يې