ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > ئوقۇتۇش تەتقىقاتى > خەنزۇتىلى ئوقۇتۇش تەتقىقاتى > تولۇق مەزمۇنى

خەنزۇ تىلىدىكى مەنىداش سۆزلەرنى پ

ۋاقىت : 2011-05-13 16:47 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : بەشتاش | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

خەنزۇ تىلىدىكى مەنىداش سۆزلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى

 

توغىرسىدا

قىسقىچە مەزمونى:    تىلنىڭ قۇرۇلما ماتىرىيالى بولغان سۆزلەرنى ئۆگەنگەندە بەزى مەنىداش سۆزلەرنى پەرقلەندۈرۈشتە قىينىلىپ قالىمىز. بۇماقالىدە مەنىداش سۆزلەر ۋە ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى بايان قىلىنىدۇ.

مەنىداش سۆزـــ مەنىسى يېقىن ياكى مەنىسى ئوخشاش سۆزلەرنى كۆرسىتىدۇ.

مەنىداش سۆزلەرنىڭ ئاساسلىق مەنىسى ئوخشاش بولسىمۇ، لىكىن سۆز مەنىسىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرسى، دەرىجىسى، تۈسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنچىكە پەرقلەر مەۋجۇت بولۇپ، مەنىداش سۆزلەر تىلنى توغرا ئىپادىلەشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەنىداش سۆزلەر دەل جايىدا ئىشلىتىلسە، شەيئىلەرنىڭ ھەر  خىل ھالىتى ئىنچىكە، ئوچۇق ئىپادىلىنىپ، سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى مۇۋاپىق بولماسلىق، تەكرارلىنىپ قىلىش، جانسىز بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىپ، تىلنى جانلىق، چۈشىنىشلىك، ئوبرازلىق قىلىپ ئىپادىلىگىلى بولىدۇ.

مەنىداش سۆزنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك:

1.   مەنا جەھەتتىن پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى.

بۇ ئۇسۇل ــــ مەنىداش سۆزلەر ئىپادىلىگەن مەنىنى ئاساس قىلىپ، مەنا جەھەتتىكى پەرقنى سېلىشتۇرۇش ئارقىىلىق، مەنىداش سۆزلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ.

مەنىداش سۆزلەرنىڭ مەنا جەھەتتىكى پەرقى ئاساسلىقى ئىككى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ.

(1)  سۆزنىڭ مەنا دائىرسىدىكى چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمايدۇ.بەزى مەنىداش سۆزلەر گەرچە ئوخشاش بىر تۈردىكى شەيئىلەرنى بىلدۈرسىمۇ، بەزىلىرىنىڭ دائىرسى بىر قەدەر تار، بەزىلىرىنىڭ دائىرسى بىر قەدەر كەڭ بولىدۇ.مەسىلەن:  战役战争،战斗بۇ ئۈچ سۆزنىڭ ھەممىسىدە  خېتى بار بولۇپخېتىنىڭ ئۆز مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئۈچ سۆزنىڭ ئاساسلىق

 پەرقى ـــ سۆز مەنا دائىرسىنىڭ ئوخشىماسلىقىدا.  战争 نۇرغۇنلىغان 战役ۋە 战斗لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 战役 نۇرغۇنلىغان 战斗لارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 战争نىڭ دائىرسى ھەممىدىن كەڭ بولۇپ، مىللەتلەر ،دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى قوراللىق توقۇنۇشلارنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. 战斗 بولسا دۈشمەن بىلەن ئۆز ئوتتۇرسىدىكى بىر قېتىملىق قوراللىق توقۇنۇشنى كۆرسىتىدۇ.

(2)  سۆز مەنىسىنىڭ دەرىجىسى ئوخشاش ئەمەس. بەزى مەنىداش سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئىپادىلەش دەرىجىسىدە يېنىك،  ئېغىرلىق جەھەتتە پەرقى بولىدۇ. مەسىلەن :希望  بىلەن 渴望بۇ ئىككى سۆزنىڭ ھەممىسىدە خېتى بولۇپ، كۆڭۈلدە مەلۇم مەخسەتكە يېتىشنى ئارزۇ قىلىش مەنىسى بار. 希望 ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان سۆز مەنىسى بىر قەدەر يېنىك سۆزدۇر. 渴望 بولسا مەلۇم مەخسەتكە جىددى يېتىش تەلىپىنى بىلدۈرىدۈ.

2.   تۈس جەھەتتە پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى.

نۇرغۇنلىغان مەنىداش سۆزلەر تۈسكە ئىگە. تۈس جەھەتتىن پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى ـــ مەنىداش سۆز ئىپادىلىگەن تۈسنى ئاساس قىلىپ تۈس جەھەتتىكى پەرقنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق مەنىداش سۆزلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ.

سۆزلەرنىڭ تۈسى ئادەتتە ـــ تىل تۈسى ۋە ھىسيات تۈسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

سۆزلەرنىڭ تىل تۈسى ئېغىز تىلى تۈسى ۋە كىتابى تىل تۈسى دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. 

ئېغىز تىلى ـــ كىشىلەر ئارىسىدا ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئىختىيارى ئاساستا مەخسۇسلۇققا ئىگە بولمىغان ئالاقە جەريانىدا شەكىللىنىدۇ.ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇناسىۋەتلىك ساھەنىڭ كەڭ، ئىشلىتىلىشى راۋان، جانلىق بولۇشىدا ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ، كۆپ سانلىق كىشىلەر ئورتاق ئىشلىتىدىغان سۆزلەر ۋە بىر قىسىم يەرلىك سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كىتابى تىل ـــ ئىجتىمائى كوللىكتىپ پائالىيىتى  ساھەسىدە شەكىللىنىدۇ. كۆپ مىقداردىكى مەخسۇس

سۆزلەر، قەدىمى سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن: خەنزۇ تىلىدىكى 妈妈بولسا ئېغىز تىلى،  母亲بولسا كىتاپ تىلى.

ھېسيات تۈسىدىكى سۆزلەر ـــ ئىجابى مەنىلىك سۆزلەر، سەلبى مەنىلىك سۆزلەر ۋە ئوتتۇرا جىنىس سۆزلەر دەپ ئايرىلىدۇ. مەسىلەن:  果断 بىلەن武断 بۇ ئىككى سۆزنىڭ ھەممىسىدە 决断مەنىسى بار بولۇپ، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغان ۋە ھۆكۈم قىلغاندىكى پوزىتسىيىسىنى كۆرسىتىدۇ. 果断ھۆكۈمنىڭ مۇئەييەن توغرا، بەك ئىشەنچىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. تەرىپلەش مەنىسىدە ئىشلىتىدىغان ئىجابى سۆز. بىراق 武断 ھۆكۈمنىڭ خاتالىق ۋە بىر تەرەپلىمىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئىنكار قىلىش مەنىسىدىكى سەلبى مەنىدىكى سۆز . 决断 ئوتتۇرا جىنىس سۆز.

生日بىلەن诞辰 بۇ ئىككى سۆزنىڭ ھەممىسى « تۇغۇلغان كۈن» دىگەن مەنىدە. لىكىن ئۇلارنىڭ تىل تۈسى، دائىرسى ۋە ئىشلىتىىش ئوبىكتى جەھەتلەردە پەرق بار. 生日 ئادەتتىكى ھېسيات تۈسىنى ئىپادىلەپ ، ئېغىز تىلىدا كۆپ ئىشلىتىىدۇ.ئىشلىتىش دائىرسىمۇ بىر قەدەر كەڭ. لىكىن 诞辰بولسا تەمكىن ھېسيات تۈسىنى بىلدۈرۈپ كىتابى تىلدا ئىشلىتىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇلۇغ ياكى ھۆرمەتكە سازاۋەر زاتلارغا ۋە دۆلەت پارتىيە قۇرۇلغان مۇھىم خاتىرە كۈنلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

3.   ئورۇن جەھەتتە تەھلىل يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى.

 بۇ ئۇسۇل ـــ كونكىرىت تىل مۇھىتىدىن تۇتۇش قىلىپ مەنىداش سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى جەھەتتىكى پەرقنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق مەنىداش سۆزلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ.

بەزى مەنىداش سۆزلەرنى ئىشلىتىش جەھەتتە مۇقىم ماسلىشىش مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، خالىغانچە ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ. بەزى مەنىداش سۆزلەرنىڭ سۆز خاراكتىرى ئوخشاش بولمىغاچقا جۈملىدىكى تەرتپىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. دىمەك ، مەنىداش سۆزلەر سۆز قىلغۇچى تۇرغان ئورۇن ، تىل مۇھىتى (كونتىكىس) بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن:

 (1)  发挥بىلەن 发扬 بۇ ئىككى سۆزنىڭ ھەر ئىككىلىسى پىئىل بولۇپ، 扩大发展 دىگەن مەنىسى بار لىكىن تەكىتلىنىدىغان تەرىپى ۋە ماسلىشىش ئوبىكتى ئوخشاشمايدۇ. 发挥 سۆزى  才能,作用دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ماسلىشىپ كېلىپ ئىچكى ئىقتىدارىنى ئىپادىلەپ بىرىشنى بىلدۈرىدۈ. 发扬سۆزى  发展和提倡 دىگەن مەنىدە بولۇپ، 成绩,传统دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ماسلىشىپ كېلىدۇ. ماسلىشىش مۇناسىۋىتى نىسپى مۇقىم بولغاچقا بۇنداق سۆزلەرنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

(2) 勇气 بىلەن 勇敢 بۇئىككى سۆزنىڭ مەنىسى ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش . لىكىن 勇气ئىسىم،  勇敢سۈپەت بولۇپ، سۆز خاراكتىرى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن جۈملىدىكى تەركىبىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. 这个人很勇敢   دىيىشكە بولىدۇ. لىكىن 这个人很勇气دىيىشكە بولمايدۇ.  这个人很有勇敢 دىيىشكە بولىدۇ. لىكىن 这个人很有勇气 دىيىشكە بولمايدۇ.   ئومۇمەن قىلىپ ئېيىتقاندا تېخىمۇ كۆپ بولغان مەنىداش سۆزلەرنى ئۆگىنىش، ئىگىلەش ئارقىلىق سۆز بايلىقىمىزنى بېيىتىپ توپلىغان مەنىداش سۆزلەرنى توغرا ئىشلىتىش تولىمۇ مۇھىم. بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم شەرتى ــ مەنىداش سۆزلەر ئارىسىدىكى ئىنچىكە پەرقنى چۈشىنىش ۋە ئاجىرتىش . مۇشۇنداق قىلغاندىلا مەنىداش سۆزلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ تىلنىڭ رەڭدارلىقى ۋە جانلىقلىقى، ئوبرازلىقلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.  

پايدىلىنىلغان ماتىرىياللار :

« خەنزۇچە ئۇيغۇرچە تەرجىمە دەرسلىكى» (شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى نەشىر قىلىپ تارقاتقان )

«ئەمەلى قوللىنىلىدىغان خەنزۇچە ــ ئۇيغۇرچە ئۆز ئارا تەرجىمە دەرسلىكى» ( شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى نەشىر قىلىپ تارقاتقان)

«شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلى»  2004- يىل 6- سان.

 

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ