قانداق قىلغاندا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ خەنزۇتىلى
قانداق قىلغاندا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ خەنزۇتىلى دەرسىدە يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ
خەنزۇتىلى ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا، دائىم ئۆگىنىشتىكى يوشۇرۇن ئىقتىدار مەسىلىلىرىگە دۇچ كىلىپ تۇرىمەن. يوشۇرۇن ئىقتىدارىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ ياخشى يامان بولۇشى دەرسلىك نەتىجىلىرى، سىنىپ ئىستىلى، مەكتەپ ئىستىلىنىڭ ياخشى يامان بولۇش بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. بولۇپمۇ پەقەت مۇۋاپىق ئالدىن تەييارلىق ۋە ئەمەلىي شەرىت شارائىت بىلەن تەمىنلىگەندىلا، دۇنيادىكى بارلىق ئادەملەر بىر ئادەمنىڭ ئىگەللىيەلەيدىغان بارلىق نەرسىلىرىنى ئىگىلىيەلەيدۇ. تۆۋەندە مەن يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش جەريانىدىكى بىر قىسىم تەجرىبىلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
1. مېھىرى- مۇھەببەت مۇھىتى يارىتىپ، يوشۇرۇن ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردىم.
لۈشۈن ئەپەندىم «مائارىپ مېھىرى- مۇھەببەت ئىچىگە يېلىتىز تارتىشى كېرەك» دەپ ئېيىتقان. مېھىرى- مۇھەببەت بولمىسا مائارىپنىڭ نەتىجىلىك بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. مېھىرى- مۇھەببەت يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىناق- ئىتتىپاق بولغان كەيپىياتنى يېتىشتۈرۈش خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەن ئاكتىپلىق بىلەن ئۇلارغا يېقىنلىشىپ، ئۇلارنىڭ يىقىن دوستلىرىغا ئايلىنىپ، ئۇلارنىڭ مۇئەييەن ئارتۇقچىلىقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك قەدىر- قىممىتىنى ھۆرمەتلىدىم.
2. جۇشقۇن دەرسخانا كەيپىياتى ئارقىلىق يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغىتىشقا ئەھمىيەت بەردىم.
يولداش ماۋزىدۇڭ «زىددىيەت ئىلىمى» دە مۇنداق دېگەن: « تاشقى ئامىل _ ئۆزگەرتىشنىڭ شەرتى، ئىچكى ئامىل _ ئۆزگىرىشنىڭ ئاساسى، تاشقى ئامىل ئىچكى ئامىل ئارقىلىق رول ئۆتەيدۇ.» شۇڭلاشقا، خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاش ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ ئوقۇغۇچىلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىشكە ئىگە قىلىدۇ. ئوقۇتۇش جەريانىدا مەن تۈرگە ئايرىش، قاتلاملارغا ئايرىش، كونكرىت ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش پىرىنسىپىغا ئەھمىيەت بەردىم. ئۆگىنىش تەلپىنى تۆۋەنلىتىش شەرتى ئاستىدا ئۆلچەمنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش، ئايرىم- ئايرىم ھالدا مۇئامىلە قىلىش كېرەك. يوشۇرۇن ئىقتىدارغا ئىگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتى دەرس ۋاقتىدا دائىم تولۇق مەركەزلەشمەيدۇ، شۇڭلاشقا مەن قىيىننى ئاسانلاشتۇرۇپ، كۆپنى ئازايتىپ، جەۋھەرلىرىنى سۆزلەپ، كۆپلەپ ماسلاشتۇرۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، دەرس ۋاقتىدا ئىمكان قەدەر خۇشال-خۇرام بولغان كەيپىيات يارىتىشقا تىرىشتىم.
3. ئالدىن مەشىقنى ياخشى ئىشلەپ، توغرا بولغان ئۆگىنىش ئۇسۇلنى شەكىللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردىم.
خەنزۇتىلدا يوشۇرۇن ئىقتىدارى يوق ئوقۇغۇچىلاردا كۆپىنچە كەينىگە سۆرەش، تايىنىۋىلىشتەك ناچار ئادەتلەر بار، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىن ئۆگەنمەسلىك دەرسخانىدا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇزاكىرە (تەكرارلاش) دەرسىدە مەن كۆپ قېتىم ئۇلارغا ياردەملىشىپ، تەلەپپۇزنى توغرىلاتقۇزۇپ، خام سۆزلەرنىڭ ئوقۇلۇش قانۇنىيىتىنى ھەمدە توغرا تەلەپپۇز ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈپ، سۆزنىڭ خاراكتېرى ھەم مەنىسى، تىكىستلەرنى ئوقۇش، تەرجىمە قىلىشنى مەشىقلەندۈرىمەن. ئەمەلىيەتتە يوشۇرۇن ئىقتىدارى بار ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئالدىن تەكرار قىلغاندا ئۇلارغا خەنزۇتىلىنى ئۆگىنىشنىڭ توغرا ئۇسۇلىنى ئىگەللەتكىلى، ئۇلاردا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.
4. مەشىقنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەشكە ئەھمىيەت بەردىم.
ھەركۈنى ئەتتىگەنلىك مۇزاكىرىدە مەن يوشۇرۇن ئىقتىدارىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىنقى كۈنى يادىلىغان خام سۆزلەرنى، جۇملە شەكلى، گرامماتېكا، ھەمدە مۇھىم گرامماتكىلىق قائىدە بويىچە جۈملە تۈزۈشنى، يادىلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىم. بىر باب تۈگكەندىن كېيىن ئۆز ۋاقىتدا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋالدىم. كەم جايلىرىنى كەيىنگە تولۇقلاپ بېرىشكە ئەھمىيەت بەردىم.شۇنداق قىلىپ ئۆگىنىش يۈكىنىڭ ئىغىرلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالدىم.
دىمەك، پەقەت بىزنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارغا ئىگە ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن مېھىرى- مۇھەببىتىمىز بولسا، تاكتىكا بولسا، سەنئەتلىكنى چۈشەنسەك چوقۇم ئۈنۈمگە ئېرىشىمىز.
(تەھرىر : admin)
«قانداق قىلغاندا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ خەنزۇتىلى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە نۇتۇق ئىقتىدارىنى يېتىلدۈ
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئا
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھمىيەت
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئ
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ھېس قىلغانلىرىم
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە نۇتۇق ئىقتىدارى
- قانداق قىلغاندا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتە
- قانداق قىلغاندا خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرسىگە بولغا
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى ۋە ئۈنۈم
- خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىنىڭ رۇلى ۋ
- خەنزۇ تىلىدىكى مەنىداش سۆزلەرنى پ
- مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى
- خەنزۇ تىلى دەرسىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆ
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھم
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلار
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
635241 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-07 22:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2012-03-07 22:03
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھمىيەت بىرىش
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈر
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ھېس قىلغانلىرىم
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە نۇتۇق ئىقتىدارىنى يې
- قانداق قىلغاندا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ خەنز
- قانداق قىلغاندا خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈم
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرسىگە بولغان قىز
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ھېس ق
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى ۋە ئۈنۈم
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھمىيەت بىرىش
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھم
- خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىنىڭ رۇلى ۋە قابى
- خەنزۇ تىلىدىكى مەنىداش سۆزلەرنى پ
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈر
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ھېس قىلغانلىرىم
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلار
- خەنزۇتىلى ئۆگىنىشنىڭ بىر قانچە خى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە نۇتۇق ئىقتىدارىنى يې