خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى ۋە ئۈنۈم
خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى ۋە ئۈنۈم
زاھىر زەپەر
ھەممىگە مەلۇم، خەنزۇ تىلى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تىلى. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىك دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكتۇر. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شارائىتى يار بەرگەن جايلاردا ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملار، شۇنداقلا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە خەنزۇ تىلى ئاساسىي دەرسلىك بولۇپ ئومۇملىشىۋاتىدۇ، بۇنداق شارائىتتا، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى ئاساسى ياخشى بولمىسا بولمايدۇ. چۈنكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن بولۇشى ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملاردىكى كەسپىي دەرسلەرنى ئۆگىنىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئاساسىنىڭ پۇختا بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدىكى ئەمەلىيىتىم ۋە تەجرىبەمدىن ھېس قىلغانلىرىمغا قارىغاندا، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن:
. 1 ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشى زۆرۈر. خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ كەسپىي سەۋىيەسى، بولۇپمۇ، خەنزۇچە تەلەپپۇزىنىڭ ياخشى – يامانلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە تەلەپپۇزىنىڭ ياخشى – يامانلىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، خەنزۇ تىل ئوقۇتقۇچىسى كەسپىي ساپاسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، خەنزۇچە تەلەپپۇزىنى توغرىلاپ، ئورتاق ئەدەبىي تىلنى ئىشلىتىشى، ئوقۇغۇچىلارغىمۇ شۇ تەلەپنى قويۇشى، خەنزۇ ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملاسى ۋە تەلەپپۇزى ھەققىدىكى قائىدە – قانۇنىيەتلەرنى پۇختا ئىگىلىتىشى كېرەك.
. 2 ئوقۇغۇچىلاردا خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يېتىلدۈرۈش زۆرۈر. ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشكە قىزىقىش – قىزىقماسلىقى خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇش – بولماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلاردا خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، دەرسنى ئامال بار ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۆتۈش، زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلانغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ رېئاللىقىنىمۇ نەزەردە تۇتۇش، جانلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە كۆپرەك ئوقۇشقا، كۆپرەك يېزىشقا، كۆپرەك ئاڭلاشقا، كۆپرەك سۆزلەشكە يېتەكلەش كېرەك.
. 3 ئوقۇغۇچىلاردا ئىشەنچ شەكىللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنىڭ بولۇش – بولماسلىقى ئۇلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى، تۆۋەن بولۇشىدىكى مۇھىم ئامىلدۇر. بەزى ئوقۇغۇچىلار خەنزۇ تىلىنى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە ئۆگىنىدۇ – يۇ، لېكىن دەرسخانىدا سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، خاتا سۆزلەپ قالسام ياكى توغرا تەلەپپۇز قىلالمىسام، ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىدا مەسخىرىگە قالارمەنمۇ، دەپ ئەنسىرەيدۇ. شۇڭا، خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى رىغبەتلەندۈرۈشىنى ئاساس قىلىپ، ئۇلار جاۋاب بېرەلەيدىغان سوئاللارنى سوراپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشى، شارائىت يار بەرسە ھەر كۈنى مۇۋاپىق ۋاقىت چىقىرىپ، خەنزۇ تىلىدىكى رادىيونى ئاڭلاشقا، خەنزۇچە تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى كۆرۈشكە ۋە ئۆزئارا خەنزۇچە سۆزلىشىشكە تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى ۋە ئۈنۈم»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ھېس قىلغان
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئا
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھمىيەت
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئ
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ھېس قىلغانلىرىم
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە نۇتۇق ئىقتىدارى
- قانداق قىلغاندا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتە
- قانداق قىلغاندا خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرسىگە بولغا
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى ۋە ئۈنۈم
- خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىنىڭ رۇلى ۋ
- خەنزۇ تىلىدىكى مەنىداش سۆزلەرنى پ
- مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى
- خەنزۇ تىلى دەرسىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆ
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھم
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلار
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھمىيەت بىرىش
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈر
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ھېس قىلغانلىرىم
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە نۇتۇق ئىقتىدارىنى يې
- قانداق قىلغاندا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ خەنز
- قانداق قىلغاندا خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈم
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرسىگە بولغان قىز
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ھېس ق
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى ۋە ئۈنۈم
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھمىيەت بىرىش
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھم
- خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىنىڭ رۇلى ۋە قابى
- خەنزۇ تىلىدىكى مەنىداش سۆزلەرنى پ
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈر
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ھېس قىلغانلىرىم
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلار
- خەنزۇتىلى ئۆگىنىشنىڭ بىر قانچە خى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە نۇتۇق ئىقتىدارىنى يې