قانداق قىلغاندا خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى ئ
قانداق قىلغاندا خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟
ئون نەچچە يىللىق خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدىكى تەجرىبەمگە ئاساسەن، خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى قاراشلىرىمنى كەسىپداشلىرىم بىلەن ئورتاقلاشماقچى:
1 . خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى دەرسنى ئەستايىدىل تەييارلاپ، قېتىرقىنىپ ئۆتۈش بىلەن بىللە خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك.
2 . خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە خەت يېزىش ۋە خەنزۇچە سۆزلەش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشنى نۇقتىلىق تۇتۇپ، يېزىش ۋە سۆزلەش مەشىقىنى كۈچەيتىشى، ئوقۇغۇچىلارنى دەرس ۋاقتىدا خەنزۇ تىلىدا سۆزلەش، ئاڭلاش، ئوقۇش، يېزىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى، دەرس ئۆتكەندە ھەر بىر خەتنىڭ ئوقۇلۇشى، يېزىلىش ئۇسۇلى، مەنىسى ۋە ئىشلىتىلىشىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاسىتىلىك بىلىم ئېلىشىنى بىۋاسىتە بىلىم ئېلىشىغا ئۆزگەرتىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارغا ھەر كۈنى بىر پارچە ھېكايە ياكى ماقالە ئوقۇپ كېلىش تاپشۇرۇقى بېرىش، دېكلاماتسىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، دەرسخانىدا ئۆتۈلگەن مەزمۇنلارنى پۇختىلاش كېرەك.
3 . خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىش ۋە ئىپادىلەش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھازىر شەھەرلەردىكى بىر قىسىم مەكتەپلەردە تەبىئىي پەنلەرنى ئاساسەن خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈش سىناق قىلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا ئىمكانقەدەر خەنزۇ تىلىدا سۆزلەش، ئوقۇغۇچىلارنى قايتا – قايتا سۆزلىتىش، خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما كىتابلارنى ئوقۇتۇش، سېلىشتۇرۇپ ئۆگىتىش، خەنزۇ تىلىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش، ھېكايە سۆزلىتىش، ئۆزئارا تەلەپپۇزىنى توغرىلاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىش، ئىپادىلەش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
4 . خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارغا يەنە خەنزۇچە سۆزلۈكلەرنىڭ قۇرۇلمىسى، گىرامماتىكىلىق قانۇنىيەتلىرىنى ئۆگىتىپ ئاھاڭ، خەت شەكلى ۋە مەنىسىنى توغرا ئىگىلىتىش كېرەك. خەنزۇچە خەتنىڭ سانى ۋە سىزىق، چېكىتلىرىنى پەرقلەندۈرۈش، تونۇش، يېزىش، ئەستە ساقلاش تەرەپلىرىنى كۆپرەك مەشىقلەندۈرۈپ، خەنزۇچە خەت يېزىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇ تىلى گىرامماتىكىسىنى سىستېمىلىق ئۆگىتىش بىلەن، ئۇلارنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى جۈملىلەرنىڭ تۈزۈلۈش قانۇنىيەتلىرىنى ئۆگىنىپ، خەنزۇ تىلىنى ئەمەلىيەت جەريانىدا قوللىنالايدىغان ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش كېرەك.
(تەھرىر : قۇياش ئوغلى)
«قانداق قىلغاندا خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى ئ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: قانداق قىلغاندا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ خەنزۇتىلى
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئا
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھمىيەت
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئ
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ھېس قىلغانلىرىم
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە نۇتۇق ئىقتىدارى
- قانداق قىلغاندا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتە
- قانداق قىلغاندا خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرسىگە بولغا
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى ۋە ئۈنۈم
- خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىنىڭ رۇلى ۋ
- خەنزۇ تىلىدىكى مەنىداش سۆزلەرنى پ
- مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى
- خەنزۇ تىلى دەرسىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆ
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھم
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلار
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
635241 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-07 22:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2012-03-07 22:03
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھمىيەت بىرىش
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈر
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ھېس قىلغانلىرىم
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە نۇتۇق ئىقتىدارىنى يې
- قانداق قىلغاندا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ خەنز
- قانداق قىلغاندا خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈم
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرسىگە بولغان قىز
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ھېس ق
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى ۋە ئۈنۈم
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھمىيەت بىرىش
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھم
- خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىنىڭ رۇلى ۋە قابى
- خەنزۇ تىلىدىكى مەنىداش سۆزلەرنى پ
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈر
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ھېس قىلغانلىرىم
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلار
- خەنزۇتىلى ئۆگىنىشنىڭ بىر قانچە خى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە نۇتۇق ئىقتىدارىنى يې