ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > ئوقۇتۇش تەتقىقاتى > خەنزۇتىلى ئوقۇتۇش تەتقىقاتى > تولۇق مەزمۇنى

ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە نۇتۇق ئىقتىدارىنى يېتىلدۈ

ۋاقىت : 2012-07-05 21:36 | مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە نۇتۇق ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن

 

مەريەمگۈل ئوبۇلقاسىم

 

دەۋرنىڭ تەرەققىياتى ۋە مائارىپ ئىسلاھاتى قەدىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «قوش تىل» مائارىپى قەدەممۇ قەدەم ئومۇملاشماقتا. خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى «قوش تىل» ئوقۇتۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشى دەۋرنىڭ تەلىپى، شۇنداقلا مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى، شۇڭا، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىپ، ئانا تىل بىلەن خەنزۇ تىلىغا پىششىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە سۆزلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن:

1. خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئۆزىنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىنىڭ ساپاسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى. خەنزۇ تىلى ئاساسى پۇختا بولمىغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئوقۇتقۇچى دەرسخانىنى جانلاندۇرىمەن، ئوقۇغۇچىلار بىلەن خەنزۇ تىلىدا ئالاقە قىلىمەن دەيدىكەن، ئوقۇتقۇچىدا «بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر» بولۇش ئىقتىدارى، مول كەسپىي ئاساسى، بەلگىلىك ئوقۇتۇش مېتودى بولۇشى كېرەك.

2. خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى خەنزۇچە سۆزلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنى فونېتىكا ئۆتكىلىدىن پۇختا ئۆتكۈزۈشى كېرەك. چۈنكى، توغرا تەلەپپۇز، ئىنتوناتسىيە جايىدا بولغاندىلا، ئاندىن خەنزۇ تىلىدىكى سۆز جۈمىللەرنى توغرا چۈشەنگىلى بولىدۇ. شۇڭا، خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى دەرس ئۆتۈشتە ئوقۇغۇچىلارغا تاۋۇش ۋە ئىنتۇناتسىيەنى تەكرارلاش ۋە مەشىق قىلدۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى فونېتىكا ئۆتكىلىدىن پۇختا ئۆتكۈزۈپ، تەلەپپۇزىنى توغرىلاش كېرەك.

3. خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك. يېزا - قىشلاقلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىن كەلگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مەيلى مەكتەپ ئىچى ياكى مەكتەپ سىرتىدىكى خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش مۇھىتى بولسۇن، يېتەرلىك بولۇشى ناتايىن. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا پايدىلىق بولغان ھەر خىل كۆرۈنۈشلەرنى لايىھەلەپ، ئوقۇغۇچىلار ئۆگەنگەن خەنزۇ تىلى بىلىمىنى ئىشلىتىشكە پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشى، ئۇنىڭدىن باشقا ئوقۇغۇچىلارنى كىتاب ئوقۇش، دېكلاماتسىيە قىلىش، ھېكايە ئېيتىش، نۇتۇق سۆزلەش، خەنزۇچە تىلدا ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ نۇتۇق جەھەتتىكى قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

4. خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى باھالاشنى ئىسلاھ قىلىش كېرەك. ئادەتتە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ئاساسلىقى يېزىق ئارقىلىق ئېلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش، سۆزلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە سەل قارىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئاڭلاش سۆزلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلىشى كېرەك.

5. خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەپ، دەرس مەزمۇنىنىڭ رەڭدار بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(1)
100%
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ