خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىنىڭ رۇلى ۋە قابىلىيتى
خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىنىڭ رۇلى ۋە قابىلىيتىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش كېرەك
ھەربىر خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى، ئىقتىدارى بۇلىدۇ، ئوقۇتۇششنىڭ ئۈنىمىنى ئۆستۇرۇشتە ئوينىغان رولى ئوخشاش بولمايدۇ. جەمئيەتنىڭ تەرەقىياتى ۋە ئۈزلىكسىز تەرەقىي قىلىۋاتىقان مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزۇپ كېىۋاتقان خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىلىرى دەرىسخانا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، يۇقۇرىنىڭ تەلىپى بۇيىچە ئەۋلاتلارنى تەربىيلەش داۋامدا ئۆزلىكسىز ئىزدىنىۋاتىدۇ ۋە تىرىشىۋاتىدۇ.
خەنزۇتىلى دۆلەت تىلى ھەرگىزمۇ چەتئەل تىلى ئەمەس، قابىلىيەت بۇلسا بىرخىل پائالىيەت ۋەزىپىسىنى ئۇرۇنلاشتا زۆرۈر بولغان ئالدىنقى شەرتتۇر.
قابىلىيەت ھەربىر ئادەمنىڭ ئەمەلىي پائالىيتى بىلەن زىچ باغلانغان، خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىلىرى خاراكتېر ئالاھىدىلىكى _____ ئۆز كەسپى بىلىم ئىقتىدارىنىڭ ئالاھىدىلىكى بۇيىچە ئوقۇتۇش ئەمەلىيتىدە ئۆزىنىڭ رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش ھەققىدە ئوبدان ئويلىنىشقا تىگىشلىك بىر مەسىلە.
مەن بۇ ھەقتە مەيلى ئوقۇتۇشتىن ئىلگىرىكى قوشتىل تەييارىلىق سىنىپ ئوقۇتقۇچىلىرى بولسۇن ۋە ياكى ئۇتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بولسۇن خەنزۇتىلىدا ئۇقۇغۇچىلارغا بىلىم بىرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار چۇقۇم ئۆز قابىلىيتىمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇقۇغۇچىلارغا ئەتراپلىق بىلىم بىرىش ئۈچۈن خەنزۇتىلى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش- مەكتەپ مۇدىرى ۋە خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان قىيىن ۋە مۇرەككەپ مەسىلە، مەن ئۆزەمنىڭ 10 نەچچە يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش ۋە ئوقۇتۇشقا يىتەكچىلىك قىلىش جەريانىدا خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشى جەھەتتە ئىزدىنىپ، بىر قەدەر ئۈنۈملۈك دەپ قارىغان ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىمنى يەكۈنلەپ، ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن تۇلۇق چىقىش ئۈچۈن تۈۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك.
1. ئالدى بىلەن مەكتەپ مۇدىرى خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىغا بولغان تۇنۇشنى ئۆستۈرۈش لازىم. ھازىر خېلى كۆپ مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىغا بولغان تۇنۇشى ئىنىق ئەمەس، ئۇلار خەنزۇتىلى دەرسىنى باشقا پەنلەرگە ئوخشاش دەپ قاراپ، خەنزۇتىلى دەرسىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى، باشقا پەنلەرگە قارىغاندا ئالاھىدە ماھارەت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا بۇ توغرىدىكى چۈشەنچىنى چۇقۇم چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.
2. خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئالدى بىلەن ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيۈشى، تىرىشىپ ئۆگۈنۈشى، ئەتراپلىق ئىزدىنىپ، مول بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولۇشى. دەرسلىك كىتاپقىلا تايىنىۋېلىشتەك ئەھۋاللارنى تۈگۈتۈشى ئۆز مەسئۇلىيتىنىڭ نەقەدەر مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى، مىللىتىمىزنىڭ ئىستىقبالىنىڭ ئۆزلىرىگە باغلانغانلىقىنى تۇلۇق چۈشىنىش كېرەك.
3. خەنزۇتىلى دەرسىدە ئوقۇتۇش يىللاردىن بۇيان بىر قىسىم مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇيغۇسىدا ‹بىر خىل شەكىل› ئارقىلىق ئۆتۈلىدىغان دەرس بولۇپ كەلدى. كىتاب ئاخىرلاشسا ئوقۇغۇچىلار ئۆتۈلگەن دەرسنى خاتىرىسىگە خاتىرىۋالسىلا بولىدىغان، ئۇنىڭ ئۈنۈمى بىلەن ھېچ كىشىنىڭ كارى بولمايدىغان خاتا كەيپىيات شەكىللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
4. ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۇش ۋە چۈشەندۈرۈشتە ئىلمىي، مۇلايىم بولۇش كېرەك. خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ھەقىقەتەن جاپاكەش بولۇپ، دەرىس ئۆتۇش تەييارلاشتا بۇلسۇن باشقا كەسىپتىكىلەرگە قارىغاندا جاپانى كۆپ تارتىدۇ. جاپادا ئالدىدا ھالاۋەتتە كەينىدە تۇرىدۇ. شۇنداق بۇلغىنى ئۈچۈن 《老子天下第一》دەپ مەيلى جەمىئيەت، مەكتەپ ئائىلىدە بولسۇن بەك كۈرەڭلەپ كەتمەسلىك، ئۆزىنى كەمتەر تۇتۇش‹‹مەن دىگەن ...››دىگەن ئىدىيىنى چۆرۈپ تاشلىشى سىنىپقا كىرىپلا ئۆزىنى داملاپ ئائىلىسىنى تۇنۇشتۇرۇپ دەرىسخانىدا قۇرۇق گەپ ساتىدىغان‹‹ۋالاقتەككۇر››بۇلۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم.
5. دەرىس تەييارىلاش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا سالماق بولۇش كېرەك. دەرىسنى خەنزۇچە خەت بىلىمەن دەپ ئىمىر چىمىر قىلىپ تەييارلاپ قويماسلىق، خەنزۇچە خەتنىڭ يېزىلىش ئۇسۇلى بۇيىچە تېخىمۇ چىرايلىق رەتلىك يېزىش، ئۆز كەسپىگە ئائىت ماتىرياللارنى كۆپ كۇرۇش يۇقۇرىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشلىرىدىن قۇسۇر چىقارماسلىق بۇ دىگەن مىنىڭ‹‹能干,作用 ››دەپ ھېچكىشى قىلمىغاننى قىلىپ كۈلكە چاقچاققا قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم.
6. ھەربىر ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ ئۆتكۇر كۆز ماھارىتى ھۆكۇم قىلىش ماھارىتى، ئىلمىي بۇلغان باھا بىرىش قابىلىيتىنى يىتىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن تۇلۇق پايدىلىنىش كېرەك.
ئوقۇتقۇچى دەرىسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنى‹‹بۇدتەك››ئۇلتۇرغۇزۇپ دەرىس سۆزلىمەسلىك، ئۇقۇغۇچىلارنى ئازادە مۇھىت بىلەن تەمىنلەش ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قانداق پائالىيەت بىلەن شۇغۇنلانغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قلىپ پىداگوگىكا، پىسخىلوگىيە بىلىملىرى بۇيىچە ئەتراپلىق تەربىيلەش، سەن ئىنتىزامسىز دەپ ئۇلارغا قالايمىقان بىلەن تەنقىتلىك ئاساستا تىل سالماسلىق، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىش ھەركىتىگە قارىتا‹‹好,非常好,聪明,很棒,很好›› دىگەندەك باھالارنى بىرىپ، ئىلھاملاندۇرۇپ ئوقۇتۇشنىڭ ئىچكى ھالقىىسىغا چوڭقۇر باشلاپ بىرەلەيدىغان بولۇش كېرەك.
7. ئۆزىنىڭ نۇتۇق قابىلىيتىنى تۇلۇق نامايەن قىلىشقا سەل قارىماسلىق، يەنى گەپ سۆزدە ئىلمىي بولۇش «مەندەك سۆزمەن بارمۇ» دەپ كەلسە كەلمەس سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىك ئۆزىنىڭ تىل جەھەتتىكىنى ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇش ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويۇشتا سالماق بولۇش، نۇتۇقى ئېنىق قايىل قىلارلىق بولۇش سۆز بىلەن ھەركىتى بىردەك بولۇش، ئىپادىلەشكە ماھىر بولۇشمۇ نۇتۇق قابىيتىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماسلىق لازىم.
ئۇقۇغۇچىلارغا خەنزۇتىلى دەرىسى ئۆگۇنىشنىڭ مۇھىملىقىنى سۆزلەشتە دەرىس مەزمۇنىغا بىزلەشتۇرۇپ ئەمىلىي مىساللارنى ئالالايدىغان،《学习汉语的好处》دەپ ۋەزىيەت تەربىيسى، ئائىلە، مەكتەپ تەربىيسىدىن جانلىق مىسال ئالالايدىغان بولۇش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم. ھەرگىزمۇ تاغدىن باغدىن سۆزلەپ ئۇقۇغۇچىلارنى زىرىكتۇرۇپ قويماسلىق لازىم.
8. دەرىسلىككە بىرلەشتۇرۇپ ئىجادىي تەپەككۇرقىلىش قابىلىيتىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇش لازىم.
يېڭلق يارىتىشقا ماھىر بولۇش، خەنزۇچە خەتنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بىلەن شەكىل تەرجىمىسى ھەققىدە ئۇقۇغۇچىلارغا ئەتىراپلىق بىلىم بىرىش، خەنرۇچە خەتنى چۇشەندۇرگەندە خەت سىزىقلىرىنى، يان بۇلىكىنى خەتنىڭ تۇزۇلۇش تەرتىۋىنى تەپسىلىي چۇشەندۇرۇش. مەسىلەن: «躬» خېتىكىدىكى «身» ئادەم تېنى دېگەن مەنىنى «弓» خېتى ئېڭىشمەك دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، «熄» خېتىدىكى «火» ئوت دېگەن مەنىنى «息» توختاتماق يۇقاتماق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، «嫁» خېتىدىكى «女» قىز، ئايال دىگەن مەنىنى «家» ئائىلە دېگەن مەنىنى، «好» دىگەن خەتتىكى ئىككى خەتنى ئايرىپ «女»، «子»دەپ چۈشەندۇرۇپ بىر ئائىلىدە بىر ئۇغۇل –بىر قىز بۇلسا《好》 ياخشى بۇلىدۇ دىگەندەك مىساللارنى ئېلىش ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسكە بۇلغان قىزىقىشنى يۇقۇرى كۆتىرىشكە ئاساس سېلىشى لازىم.
9. ئۇقۇغۇچىلارغا دەرىسلىككە بىرلەشتۇرۇپ ئىدىۋىي تەربىيە بىرىشتە ئۆزىنىڭ رۇلىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھەممە دەرىسنىڭ ئۆزىگە خاس بۇلغان ئىدىۋىي تەربىيە بىرىش تەرتىۋى بۇلۇدۇ. ئىدىۋىي تەرىبىيە بىرىش دەرىسلىك- مەزمۇنىغا بىرلەشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىشتىن ئايرىلالمايدۇ. دەرىس مۇنىبىرىدىن پايدىنىلىنىپ پارتىيىنىڭ تۇرلۇك فاڭجىنى سىياسەتلىرىنى ئەتراپلىق تەشۋىق قلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا،تارىخنى پىششىق بىلىش، ئۆتمۇش بىلەن بۆگۇننى سېلىشتۇرالايدىغان ئاڭنى ئوبدان تۇرغۇزۇش لازىم. مەسىلەن: «党»، «红旗»، «支持»، «帮助» قاتارلىق سۆزلەرنى ئۆتكەندە پارتىيىنى تونۇشتۇرۇش، تارىخىنى قىسقىچە سۆزلەپ بىرىش، قىزىل بايراقنىڭ نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى، قانداق ئالاھىدىلى بارلىقى، پارتىيىنىڭ غەمخورلىقى، ۋە قوللىشى ئاستىدا ھازىرقىدەك ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشكەنلىكىمىزنى مىسال كەلتۈرۈپ جۈملە تۈزۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلاردا پارتىيىنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، ھازىرقى تېنچ ۋەزىيەتنى قەدىرلەش تەربىيىسى ئېلىپ بارغاندا، دەرىسخانىغا بىرلەشتۈرۈپ مۇئەييەن دەرىجىدىكى ئىدىيىىۋى تەربىيە ئېلىپ بېرىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
10. خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىدە بار بۇلغان تەشكىللەش قابىيتىنى تۇلۇق نامايەن قىلىش لازىم. ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇشش ئەمىلىيتى داۋامىدا مەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتىزامىنى تەشكىنلەشتە بەك ئىقتىدارلىق دەپ سىنىپقا تاياق كۇتۇرۇپ كىرىدىغان، ئايرىم بىر قىسىملىرى ئۇقۇغۇچىلارنى تۈز ئۇلتۇرغۇزىۋەتتىم دەپ پو ئاتىدىغان ،تەشكىللەش ئىقتىدارىدا يېڭىلىق ياراتقاندەك قىياپەتكە كىرىۋالىدىغان، ئۈنلۈك ۋارقاراپ ئۇقۇغۇچىلارنى باشقۇرىدىغان ئەھۋاللار ھېلى ھەم مەۋجۈت، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ دەرىس ئىنتىزامىنى تەشكىللەش تۇلىمۇ زۆرۈر بۇلغان بىرخىل ۋەزىپە، ئوقۇتقۇچى پەقەت سىنىپتا ئۇقۇغۇچىلارنى ياخشى تەشكىللەيمەن دەپ كۇپىنچە ھاللاردا ‹‹注意,不要出声,不要说话,坐好,看黑板 ››دىگەننى بەك كۆپ تەكرارلاپ كىتىشتىن ساقلىنىش ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىغا سرىتتىن «坐好老师,注意老师 » دەپ لەقەم قۇيۇپ قۇيۇشىدىن ساقلىنىش. ئوقۇتقۇچى شۇ بىر سائەتلىك دەرىستە، شۇ بىر كۈنلىك پائالىيتىدە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۈزىنىڭ پىخسىكىسى بۇيىچە تەربىيلەشكە تۇلۇق ئەھمىيەت بىرىش كىرەك.
11. ئۇقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇق بىرىپ ئۆزگەرتىشتە ئۇزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ سەھۋەنىلك كۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش لازىم. ھەربىر دەرىسنىڭ ئۆزىگە خاس تاپشۇرۇق بۇللۇدۇ ئوقۇتقۇچى شۇ بىر سائەتلىك دەرىشكە قارىيتا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى چۇشىنىش ئىقتىدارىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۇچۇن تاپشۇرۇق بىرىش ھەرگىزمۇ ئۇزى ھەل قىلالمىغان، چۇشىنىكسىز جايلارنى تاپشۇرۇق بىرىپ ئۇقۇغۇچىلارنى قايمۇقتۇرپ قويماسلىق، تاپشۇرۇق تەكشۇرگەندە قاباھەتلىك ئىبارىلەرنى يازماسلق《阅,甲,乙》نى يىزىپلام ئۇقۇغۇچىلارنى ئۇيغا سىلىپ قۇيماسلىق، ئۇقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، خاتالىق كۈرۇلگەن تەرەپلەرنى ئۆزگەرتىشكە پايدىسى بۇلىدىغان يەكۈننى يېزىش،‹‹√››دىگەن بەلگىنى قۇيۇپ 95،98 نۇمۇرلارنى قۇيۇدىغان ئەھۋاللارنى سادىر قىلماسلىق، توغرا دىگەن ئىكەنمىز 100 نۇمۇر قۇيۇشىمىز كېرەك. 98 ،97، 95 نۇمۇرلارنى قويغاندا سەۋەبىنى يېزىشقا سەل قارىماسلىق لازىم.
12. خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىلىرى چوقۇم خەنزۇچە خەتلەرنىڭ بىخۇا تەرتىپى، يېزىلىش شەكلى ۋە تون بەلگىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، ھەر بىر خەتنى ھاۋاغا يېزىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر قانچە قېتىم ھاۋاغا يېزىشنى مەشىق قىلىپ بولغاندىن كىيىن دوسكىغا تەرتىپ بويىچە يېزىشنى تەلەپ قىلىش لازىم. بۇنداق قىلغاندا خەت ۋە سۆز جۈملىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتىرىسىگە سىڭىپ كىتىشتەك ياخشى ۋە ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىلىرى تۆۋەندىكى نوقتىلارغا دىققەت قىلىش لازىم.
1) تاپشۇرۇق بېرىشتىن بۇرۇن چۇقۇم ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىش قابىلىيتىنى تەھلىل قىلىشى، بېرىلىدىغان تاپشۇرۇقلارنى ئالدىن پىلانلىۋېلىشى، ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇق ئىشلەشتىكى تەلەپلەرنى ئىنىق ئۇقتۇرۇشى، بىر خەتنى كۆپ مەشىق قىلىپ يېزىشنى تەلەپ قىلىشى، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولغان ھامان يىغىۋېلىپ تەكشۈرۈپ، سۈپىتى ناچار، بىيخۇا تەرتىپى بويىچە يېزىلمىغان خەتلەرنىڭ ئاستىغا تۈزىتىپ يېزىپ قويۇش لازىم.
2) ئوقۇتقۇچىلار تاپشۇرۇق تەكشۈرگەندە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن خاتا ئىشلىگەن جايلىرىنى تەپسىلى تۈزىتىشى ھەم نۇمۇر قويماي بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقنى قايتا ئىشلەشكە بۇيرۇشى، لاياقەتلىك تاپشۇرۇق ئىشلىگەنگە قەدەر قايتا-قايتا ئىشلىتىپ، ئاندىن نۇمۇر قويۇش لازىم.
دېمەك: ھەربىر خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىسى ئەمىلىي خىزمەت داۋامىدا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تۇلۇق جارى قىىلدۇرۇپ يىتەر سىزلىك تەرەپلىرىنى دەل ۋاقتىدا تۈزىتىپ مېڭىشى، ئۆزىگە تەمەننە قۇيىدىغان چوڭچىلىق ئىدىيىسىنى چۆرىۋېتىپ داۋاملىق تۇردە ئىزدىنىپ ئۆز بىلىمىنى مۇۋاپىق يولدا ئىشلىتىش كەلگۇسى ئەۋلاتلارنى تەربىيلەشتە خەنزۇتىلىنى بىلگەنلىك ئالەمنى چۆرىگەنلىك دىگەندەك ئىدىيىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۆزىگە تەلمۇرۇپ تۇرغان شۇ سەبىي بالىلارنىڭ ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇرۇش ئۇچۇن توختىماي ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىپ ئاددىي خىزمەت ئورنىدا چوڭ-چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇش ئۇچۇن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندە ئاندىن ئۈزىمىزنىڭ خىزمەتتىكى ئارتۇقچىلىقىمىزنى، قابىلىيتىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ ياخشى بىر ئىز باسارلارنى تەربىيلىگۈچى بۇلۇپ چىقالايمىز دەپ قارايمەن.
(تەھرىر : قۇياش ئوغلى)
«خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىنىڭ رۇلى ۋە قابىلىيتى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئا
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھمىيەت
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئ
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ھېس قىلغانلىرىم
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە نۇتۇق ئىقتىدارى
- قانداق قىلغاندا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتە
- قانداق قىلغاندا خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرسىگە بولغا
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى ۋە ئۈنۈم
- خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىنىڭ رۇلى ۋ
- خەنزۇ تىلىدىكى مەنىداش سۆزلەرنى پ
- مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى
- خەنزۇ تىلى دەرسىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆ
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھم
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلار
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
及时雨 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-24 04:08 ئاخىرقى كەلگىنى:2011-08-25 02:08
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھمىيەت بىرىش
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈر
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ھېس قىلغانلىرىم
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە نۇتۇق ئىقتىدارىنى يې
- قانداق قىلغاندا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ خەنز
- قانداق قىلغاندا خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈم
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرسىگە بولغان قىز
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ھېس ق
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى ۋە ئۈنۈم
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھمىيەت بىرىش
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھم
- خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىنىڭ رۇلى ۋە قابى
- خەنزۇ تىلىدىكى مەنىداش سۆزلەرنى پ
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈر
- خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ھېس قىلغانلىرىم
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلار
- خەنزۇتىلى ئۆگىنىشنىڭ بىر قانچە خى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە نۇتۇق ئىقتىدارىنى يې