ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > ئوقۇتۇش تەتقىقاتى > خەنزۇتىلى ئوقۇتۇش تەتقىقاتى > تولۇق مەزمۇنى

ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرسىگە بولغان قىزىقىشى

ۋاقىت : 2012-03-12 14:23 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : 635241 | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرسىگە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇش ھەققىدە ئويلىغانلىرىم


 

   ئىلىم – پەن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، جەمئىيەت ئىختىساسلىقلارغا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان، قوش تىل مائارىپى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى دەرسىگە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە. تۆۋەندە مەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى دەرسىگە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە نۇقتا ھەققىدە كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى.


 

   1. ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش ھەققىدىكى تونۇشىنى توغرىلاش كېرەك. بۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈش لازىم. خەنزۇ تىلى خەلقئارادىكى مۇھىم تىللارنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ دۆلەت تىلى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا ئالاقە قىلىشىدىكى مۇھىم تىل، خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگەنمىگەندە كەلگۈسىدە باشقا تىللارنى ئۆگىنىش تەسكە توختايدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا خەنزۇ تىلى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، پەن – تېخنىكا بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى ئۆگىنىش ھەققىدىكى تونۇشىنى توغرىلاپ، ئۇلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.


 

   2. ئوقۇغۇچىلارغا خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇتۇش كېرەك. ھازىرقى پەن – تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، رىقابەت كەسكىنلىشىۋاتقان ئۇچۇر دەۋرىدە، خەنزۇ تىلى ھەر قايسى مىللەت كىشىلىرىنىڭ پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئىگىلىشىدىكى ھەم كۈندىلىك ئالاقىسىدىكى مۇھىم ۋاسىتە. بولۇپمۇ قوش تىللىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تاللاپ ئىشقا قويۇش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش دەۋرنىڭ جىددىي تەلىپى. بۇ نۇقتىنى ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇشتىكى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق جانلىق چۈشەندۈرۈش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ تۇرۇش كېرەك. چۈنكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بىر قېلىپتا مېڭىۋەرسە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى سۇسلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى پات – پات يېڭىلاپ، كۆپ خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى جانلىق قوللىنىش كېرەك.


 

   3. خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئىلھام بېرىشكە ماھىر بولۇش لازىم. خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئىلھام بېرىشكە ماھىر بولۇش، ئوقۇغۇچىلارغا سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمىگەندە دەرھال ئەيىبلىمەي، يەنىمۇ كۆپرەك ئويلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، بولۇپمۇ خەنزۇ تىلى ئۆگىىنىشتە نەتىجىسى ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى باشقىلارغا خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش ئۇسۇللىرى ھەققىدە تەجرىبە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىش، ھەر بىر سائەتلىك دەرسنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تۈزۈش، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگەنگىنىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشكە يېتەكلەش لازىم. خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدا ياخشىلىرىنى باشقىلارغا ئۈلگە قىلىش، ئوتتۇرا ھاللىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش، كەينىدىكىلىرىنى يېتەكلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشتە ئومۇميۈزلۈك تەكشى يېتەكلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.


 

   دېمەك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى دەرسىگە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى، شۇنداقلا خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تەلىپى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقى تۇغما بولمايدۇ ئەلۋەتتە. ئۇ ئۆگىنىش مۇھىتى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى دەرسىنى ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرىمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم تۈرلۈك ئۇسۇل ۋە ئەمەلىي مىساللاردىن پايدىلىنىپ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇتۇش بىلەن بىللە، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆپرەك سىردىشىپ، ئۇلارنىڭ روھىي كەيپىياتىنى ئىگىلەپ تۇرۇشىمىز، دەرسخانىدا كۆڭۈللۈك، ئازادە ئۆگىنىش كەيپىياتىنى يارىتىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى دەرسىنى ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
635241 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-07 22:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2012-03-07 22:03
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ