كۆيۈك يارىسىنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتەلەيدىغان نامى تېخنىكىلىق شىلىمنى ياساپ چىقتى
ئالىملار كۆيۈك يارىسىنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتەلەيدىغان نامى تېخنىكىلىق شىلىمنى ياساپ چىقتى
ئىككىنچى دەرىجىلىك كۆيۈك بىلەن ئۈچىنچى دەرىجىلىك كۆيۈك ئادەتتە بىمارلارنىڭ تېرىسىنىڭ چوڭقۇر قىسمىغىچە كۆيۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، دوختۇرلارنىڭ بۇ خىل كۆيۈك يارىسىنى داۋالاپ ساقايتىشى ئۈچۈن خېلى ئۇزۇن مەزگىل ۋاقىت سەرپ قىلىشىغا توغرا كېلىدىكەن. بۇنداق ئۇزۇن مەزگىللىك داۋالاش ئۇسۇلى بىمارلارنىڭ ئاغرىق ئازابىنى ئېغىرلىتىپلا قالماستىن بەلكى يەنە كۆيۈك يارىسىنىڭ ياللۇغلىنىپ قېلىشى شۇنداقلا يەنە يارا ئورنىغا تاتۇق قېلىپ قېلىشىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. گەرچە نۆۋەتتە بىمارلارنىڭ كۆيۈك يارىسىنىڭ ئاغرىقىنى توختىتالايدىغان شۇنداقلا كۆيۈك يارىسىنىڭ ياللۇغلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان نۇرغۇن دورىلار تەتقىق قىلىنىپ بازارغا سېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ دورىلارنىڭ ھېچقايسىسى يەنىلا ئۈنۈملۈك ھالدا كۆيۈك يارىسىنى داۋالاپ ساقايتىشنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتەلمەيدىكەن. لېكىن ھازىر بەزى تەتقىقاتچى ئالىملار كۆيۈك يارىسىنىڭ داۋالاپ ساقايتىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتەلەيدىغان بىر خىل يېڭى تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، ئالىملار nanogel دەپ ئاتىلىدىغان نامى تېخنىكىلىق شىلىمنى ياساپ چىققانىكەن.
بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى سىنگاپور پەن تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىدارىسى (A*STAR) نىڭ بىئولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە نامى تېخنىكىسى ئاكادىمىيىسى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ چىققان بولۇپ، بۇ خىل نامى تېخنىكىلىق شىلىم بولسا مەزكۇر ئاكادىمىيىنىڭ ئۆزلىرى ئىگە بولغان ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىش ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى قىسقا ئاممىياك كىسلاتا تېخنىكىسى ئاساسىدىكى پاتنىت تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ بارلىققا كەلتۈرۈلگەنىكەن. ئامىنو كىسلاتاسىدىكى قىسقا تەرتىپلەر ئاپتوماتىك ھالدا بىرلىشىپ نامى تالا ماتىرىيالىنى شەكىللەندۈرەلەيدىغان بولۇپ، بۇ ماتىرىيالغا سۇ قوشقاندىن كېيىن ئاندىن نامى تالالىق شىلىمغا ئايلىنىپ چىقالايدىكەن.
بۇ خىل ئۇسۇلدا ياساپ چىقىلغان نامى تېخنىكىلىق شىلىم ھاۋا ئۆتكۈزۈشچان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ شىلىمدا ناھايىتى مول سۇ ماددىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرەلەيدىكەن ھەم شۇ ئارقىلىق كۆيگەن تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتا شەكىللىنىشى ۋە ئۆزىنى قايتا ياساپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدىكەن. بۇ خىل دەرىجىدىن تاشقىرى قىسقا ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ زەھەرسىز بولۇش شۇنداقلا باشقا ئېمونتىت كۈچىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدىغان ئامىللارغا ئىگە بولماسلىقتەك ئالاھىدىلىكى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خىل شىلىمنى بىئولوگىيىلىك داۋالاش ساھەسىدە ئىشلىتىشكە ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدىكەن.
مەزكۇر تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئىپادە بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل كۆيۈك يارىسىنى داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ داۋالاپ ساقايتىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، ئادەتتە بۇ خىل نامى تېخنىكىلىق شىلىم ئارقىلىق كۆيۈك يارىسىنى داۋالاپ ساقايتىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن پەقەت ئىككى ھەپتىدىن 10 ھەپتىگىچىلا ۋاقىت كېتىدىكەن. بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ خادىملىرى ھايۋاناتلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تەجرىبىلەرنىڭ ھەممىسىدىلا كۆيۈك يارىسىنى داۋالاپ ساقايتىشقا كەتكەن ۋاقىت ئوخشاشلا ئىككى ھەپتە بولغانىكەن.
(تەھرىر : سەپەر)
«كۆيۈك يارىسىنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتەلەيدىغان نامى تېخنىكىلىق شىلىمنى ياساپ چىقتى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئادەم غول ھۈجەيرىسىدىن ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنى ياساپ چىقتى
- ئادەم غول ھۈجەيرىسىدىن ئادەم بەدىنىدىك
- كۆيۈك يارىسىنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتەلەيد
- شارسىمان ماشىنا ئادەم
- يەرشارىدىكى سۈرئىتى ئەڭ تېز
- ئىلگىرى دۇنيانى ئۆزگەرتكەن
- ئامېرىكا كېيىنكى ئەۋلاد ئالەم كېمىسىنى
- ئاتا-ئانىلار بوۋاقلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى
- كەلگۈسىنى ئالدىن پەرەز قىلالايدىغان تا
- ئەڭ بۇرۇنقى بوياق ماتېرىيالى
- دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى كونسېرۋا يېمەك
- يانفوننى 3D لىق سىكانىرلاش ماشىنىسىغا ئا
- سامسۇڭ Galaxy S5 كە سۇدىن,چاڭ-توزا
- ئالىملار ئەقلىي ئىقتىدار بىل
- Mino ئەقلىي ئىقتىدارلىق بوۋاقلار كىيىمى ئ
- 2013-يىلدىكى ئون چوڭ ئالىم
- دۇنيادىكى تۇنجى سۈنئىي يۈرەك كۆچۈرۈش ئو
- ئادەم غول ھۈجەيرىسىدىن ئادەم بەدىنىدىكى ئەزا
- كۆيۈك يارىسىنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتەلەيدىغان
- شارسىمان ماشىنا ئادەم
- يەرشارىدىكى سۈرئىتى ئەڭ تېز بول
- ئىلگىرى دۇنيانى ئۆزگەرتكەن 10 خى
- ئامېرىكا كېيىنكى ئەۋلاد ئالەم كېمىسىنى ياساپ
- ئاتا-ئانىلار بوۋاقلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى سىرتق
- كەلگۈسىنى ئالدىن پەرەز قىلالايدىغان تاقىۋېل
- ئەڭ بۇرۇنقى بوياق ماتېرىيالى
- دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى كونسېرۋا يېمەكلىكى
- نوبېل مۇكاپاتى ۋە ئۇنڭىغا ئېرىشكەن بىئولوگىي
- غۇۋا ئىنىرگيە دىگەن نىمە؟
- نوبىل مۇكاپاتى ۋە ئۇيغۇرلار
- ئالما شىركىتى نېمىشقا ئالىجاناپلىقىنى يوقىت
- ياسىلىشى غەلىتە 10 خىل رەقەملىك رەسىم ئاپپارا
- دېھقان كەشپىياتچى
- كەلگۈسى 10 يىلدا دۇنيانى ئۆزگەرتىد
- ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى يەنە بىر تېخنى
- زامان-ماكان يوشۇرۇنۇش كىيىمى
- 2013-يىللىق نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا 3 ئامېرىكىل