ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تىخنىكا ۋە كەشپىيات > تولۇق مەزمۇنى

ماناسلىق يىگىت غايەت زور موتىسىكىلىتنى قۇراشتۇرۇپ چىقتى

ۋاقىت : 2013-05-08 12:44 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم

 
ماناسلىق ياش يىگىت غايەت زور موتىسىكىلىتنى قۇراشتۇرۇپ چىقتى
ماناسلىق ياش يىگىت غايەت زور موتىسىكىلىتنى قۇراشتۇرۇپ چىقتى(1)
 
  بۇ يىل «1-ماي» ئۇيغۇر يىگىتى ئابلاجانغا ئالاھىدە بىر كۈن بولدى، ئۇ ئۆزى ياسىغان غايەت زور موتىسىكىلىتى بىلەن ماناس ناھىيەسىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا «داڭدار» كىشى بولۇپ قالدى. «مەن جەمئىي تۆت قېتىم موتىسىكىلتنى مىنىپ سىرتقا چىقىپ باقتىم، ھەر قېتىم سىرتقا چىققىنىمدا موتىسىكىلىتنىڭ كەينىدىن بىر توپ كىشىلەر ئەگىشىۋالىدۇ» دېدى ئابلاجان.

  30 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئابلاجان ماناس ناھىيەسى ئوۋياڭ پەن - تېخنىكا پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش سېخىنىڭ بىر ئىشچىسى. 2-ماي مۇخبىر ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشقاندا، ئۇ يەنە بۇ غايەت زور موتىسىكىلتى ئۈچۈن غەم يەۋاتاتتى: ئۇزۇنلۇقى 4.3 مېتىر، ئېگىزلىكى 2.4 مېتىر، ئېغىرلىقى ئاز كەم 300 كلوگرام كېلىدىغان بۇ موتىسىكىلىتنى يولغا ئېلىپ چىقىپ قاتناش قورالى سۈپىتىدە ئىشلەتكىلى بولمايتتى.

  ئابلاجان ئىزچىل تۈردە بۇ غايەت زور موتىسىكىلىتنى ساياھەت ئورۇنلىرىغا ئاپىرىپ، ساياھەتچىلەرنى ئۇنىڭغا مىنىپ رەسىمگە چۈشۈشكە جەلپ قىلىپ، ئازراق پۇل تېپىش خىيالى بارلىقىنى ئېيتتى.مۇخبىر ئابلاجان تەمىنلىگەن رەسىمدىن بۇ موتىسىكىلتنىڭ غايەت زور ئىككى چاقى بارلىقىنى، چاق دېئامىتىرىنىڭ ئادەتتىكى موتىسىكىلىتلارغا قارىغاندا بەش ھەسسە كېلىدىغانلىقىنى بىلدى.

  ئابلاجان مۇنداق دېدى: ئۇ كىچىكىدىنلا بىر نەرسە كەشپ قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، بۇلتۇر 4-ئايدىن باشلاپلا ئۇنىڭدا غايەت زور موتىسىكىلىت ياساش ئىستىكى پەيدا بولغان. «مەن بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 8 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلەپ بۇ موتىسىكىلىتنى ياساپ چىقتىم. نەچچە كۈن ئىلگىرى يولغا چىقىپ يەنە بىر قانچە جايىنىڭ تازا ياخشى قۇراشتۇرۇلماي قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ قايتىدىن تەڭشەپ چىقتىم، ھازىر مەسىلە يوق».
ماناسلىق ياش يىگىت غايەت زور موتىسىكىلىتنى قۇراشتۇرۇپ چىقتى(2)
 

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ غايەت زور موتىسىكىلتنى لايىھەلەشتىن ياساشقىچە بولغان جەرياننىڭ ھەممىسىنى ئابلاجان ئۆزى تاماملىغان. بۇلتۇر بىر يىلدا، ئۇ ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئۆيدە موتىسىكىلىت بىلەن ھەپىلەشكەن، ئابلاجاننىڭ ئاكىسى ئۇنىڭ كۈندە ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئىنتايىن ئالدىراش ئۆتىدىغانلىقىنى، ئىنىسىنىڭ بۇ موتىسىكىلتنى ياساپ چىقىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئابلاجان 10 مىڭ يۈەندەك پۇل خەجلەپ ماشىنا ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىپ، تۈرلۈك ماشىنا ئۈسكۈنىلەرنى ياساشنى سىناپ باققان. 2009-يىلى، ئۇ كەشىپ قىلغان يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان سىمسىز ۋىكلىيۇچاتىل دۆلەت پاتنېت ھوقۇقىغا ئىلتىماس قىلىنغان.نۆۋەتتە، ئابلاجاننىڭ موتىسىكىلىتى قاتناش قورالى سۈپىتىدە يولغا چىقسا بولمايدىكەن، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بۇ غايەت زور موتىسىكىلىتنى ساياھەت نۇقتىلىرىغا كىرگۈزۈش ئىكەن.

 

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(4)
80%
ناچاركەن
(1)
20%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ