بالىلارنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش خەۋپى بارلىقىنى خەۋەر قىلالايدىغان ئۈسكىنە بار بول
ياز پەسلىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى بالىلىرىنىڭ سۇغا چۆمۈلگەندە تۇنجۇقۇپ قېلىشى، ئەمما بالىلار سۇغا چۆمۈلگەندە ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەر ۋاقىت ئۇلارغا دىققەت قىلىپ يېنىدا يۈرەلىشى ناتايىن، ھەم شۇنداقلار جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ دەل ۋاقتىدا پەيدا بولۇپ، جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ ئۇلارنى ئەزراھىلنىڭ قولىدىن قوتۇلدۇرىۋېلىش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرى ئەمەس. مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بالىلارنىڭ سۇغا چۆمۈلگەن چاغدىكى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىدىكى جىددىي كېسەللەرگە دىئاگنوز قويۇش دوختۇرى-Graham Snyder يېقىندا مۇشۇنداق ئەھۋاللارنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىيالايدىغان ھەم بالىلار خەتەرگە يولۇققان ھامان دەل ۋاقتىدا ئاتا-ئانىلارغا سېگنال بېرەلەيدىغان -Seal سىستېمىسىنى ياساپ چىققان.

دوختۇر Snyder ئىلگىرى بىر نەپەر ئالتە ياشلىق قىزنىڭ ماتەم مۇراسىمىغا قاتناشقان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ قىز ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە يالغۇز سۇ ئۈزۈۋاتقاندا خەتەرگە يولۇقۇپ سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتكەنىدى، بۇ قىزنىڭ تۇنجۇقۇپ قالغىنىنى ئۆيدىكىلەر دەل ۋاقتىدا بايقىيالمىغان بولۇپ، ئۇنى بايقاپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندا قۇتقۇزۇشقا ئۈنۈم بەرمىگەن. ئەگەر كىچىك بالىلارنىڭ سۇ ئاستىدا تۇرۇپ قالغان بىخەتەر ۋاقتى مەلۇم چەكتىن ئېشىپ كەتكەندە ئاتا-ئانىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارغا ئۇقتۇرۇش قىلالايدىغان بىر خىل ئۈسكۈنە بولغان بولسا ئىدى، بۇ قىز ھازىرمۇ ھايات يۈرەلىگەن بولاتتى، مانا بۇلار دەل دوختۇر Snyder نىڭ Seal سىستېمىسىنى ئېلان قىلىشىنىڭ مەقسىتى ئىدى.
بۇ سىستېمىنىڭ ئاساسلىق ئۈسكۈنىسى بولسا SealBands ناملىق بىر خىل بويۇنغا تاقىۋالغىلى بولىدىغان ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنە بولۇپ، بۇنى بالىلار سۇغا چۆمۈلگەندە بوينىغا تاقاپ قويغاندا، ئەگەر بالىلارنىڭ سۇ ئاستىدا تۇرغان بىخەتەر ۋاقتى مەلۇم چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ھامان، بۇ ئۈسكۈنە ئاپتوماتىك ھالدا بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا شۇنداقلا يېقىن ئەتراپتىكى كىشىلەرگە بالىنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغانلىقنى ئەسكەرتىپ سېگنال بېرەلەيدىكەن.
(تەھرىر : admin)
«بالىلارنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش خەۋپى بارلىقىنى خەۋەر قىلالايدىغان ئۈسكىنە بار بول»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: شېۋىتسارىيە شىركىتى توك تارقىتالايدىغان بىنا لايىھىلەپ چىقتى
- دۇنيادىكى ئەڭ نېپىز يانفون بارلىققا كەل
- كورېيەدە شوپۇرسىز تاكسى بارلىققا كەلدى
- ئاندىرويىد سىستېمىسى ئەسلى سىفىرلىق كا
- غۇۋا ئىنىرگيە دىگەن نىمە؟
- دېھقان كەشپىياتچى
- ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى تەقلىدىي قۇلاق
- دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك تىك ئۇچار ئايروپ
- قورساقتىكى ھامىلىنىڭ 3D پىرىنتلىق مودىل
- شېۋىتسارىيە شىركىتى توك تارقىتالايدىغا
- بالىلارنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش خەۋپى با
- تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى پەۋقۇل
- «سۈنئىي يۈرەك» سىلىنغان قوينىڭ ھايات تۇ
- تىك تۇرۇپ ئۇخلايدىغانلارنىڭ سىرلىق ئەس
- ياۋروپا ئالىملىرى ئادەم مېڭىسىنى كومپى
- ماناسلىق يىگىت غايەت زور موتىسىكىلىتنى
- سېفىرلىق ئۇچۇرلارنىمۇ DNA غا ساقلىغىلى ب
- دۇنيادىكى ئەڭ نېپىز يانفون بارلىققا كەلدى
- كورېيەدە شوپۇرسىز تاكسى بارلىققا كەلدى، پات
- ئاندىرويىد سىستېمىسى ئەسلى سىفىرلىق كامېرال
- غۇۋا ئىنىرگيە دىگەن نىمە؟
- دېھقان كەشپىياتچى
- ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى تەقلىدىي قۇلاق ياسا
- دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك تىك ئۇچار ئايروپىلان ت
- قورساقتىكى ھامىلىنىڭ 3D پىرىنتلىق مودىلىنى بې
- شېۋىتسارىيە شىركىتى توك تارقىتالايدىغان بىن
- بالىلارنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش خەۋپى بارلىقى
- غۇۋا ئىنىرگيە دىگەن نىمە؟
- دېھقان كەشپىياتچى
- كەلگۈسى 10 يىلدا دۇنيانى ئۆزگەرتىد
- ئاندىرويىد سىستېمىسى ئەسلى سىفىرلىق كامېرال
- ئاقسۇلۇق دېھقان ئايروپىلان ياسىدى
- ئۇيغۇرلاردا كەشپىيات
- نوبىل مۇكاپاتى ۋە ئۇيغۇرلار
- قورساقتىكى ھامىلىنىڭ 3D پىرىنتلىق مودىلىنى بې
- نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى ئۇيغۇر
- ماناسلىق يىگىت غايەت زور موتىسىكىلىتنى قۇراش