ئالما شىركىتى نېمىشقا ئالىجاناپلىقىنى يوقىتىپ ئادەتتىكى يولغا كىرىپ قالدى ؟
شىنلاڭ تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 18-سېنتەبىردىكى خەۋىرى ، نۇر تورى تەرجىمىسى
ئالما شىركىتىنىڭ ياراتقۇچىسى جوبىس ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئالما شىركىتى ھەر قېتىم يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئالما شىركىتى توغرىسىدا بولۇنغان مۇلاھىزىلەرنىڭ ئاساسلىق تېمىسى ئوخشاشلا مۇنداق بىر نوقتىغا مەركەزلەشتى : ئالما شىركتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى بۇرۇنقىغا يەتمەيدىغان بولۇپ قالدى ، ئالما شىركىتى بۇرۇن ئادەتتىكى يولدا ماڭمايدىغان ،پەقەت '' ئالىيجاناپ '' لار يولىدىلا ماڭىدىغان شىركەت ئېدى ، لېكىن جوبىس ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئالما شىركىتى بارا-بارا ئۆزىنىڭ ئالىيجاناپلىقىنى يوقىتىپ ئادەتتىكى شىركەتكە ئايلىنىشقا باشلىدى. ئالما شىركىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى نېمىشقا كۈنسىرى تۆۋەنلەپ كەتتى ؟ نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا قىلچە ئىككىلەنمەيلا " چۈنكى جوبىس ۋاپات بولدى '' دەپ جاۋاپ بېرىشى مۇمكىن ، لېكىن ئالمىنىڭ بۇرۇنقى ئالىيجاناپلىقىنى يۇقىتىپ ئادەتتىكى يولغا كىرىپ قېلىشىنىڭ جوبىسنىڭ كېتىپ قېلىشى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق بولىشى مۇمكىن .
ئالما شىركىتىنى يېڭىلىق ياراتىش ئىقتىدارىنى يوقاتتى دەپ ئاغرىنىشتىن بۇرۇن بىز ئاۋۋال جوبىس ئالمىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ شىركەتنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئەڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئېگە دەپ قارالغان ۋاقىتلىرنى ئەسلەپ باقايلى ، ۋاقتىنچە بەلگە خاراكتېرلىك 4 قېتىمنى مىسالغا ئالايلى .
2. 2003-يىلى itunes store نى ئوتتۇرىغا چىقاردى.
3. 2007-يىلى iphone نى ئېلان قىلدى.
4. 2010-يىلى iphone4 نى ئېلان قىلدى.
نۆۋەتتە ئالمىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى مۇنداق ئۈچ سەۋەپتىن : تېخنىكا ، ئىكولوگىيە شەكىلى ۋە ئۆز ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش جۈرئىتى
تېخنىكا جەھەتتە ، ئالمىنىڭ بۇرۇنقى مەھسۇلاتلىرىدىن قارىساق ئالما شىركىتى ئەزەلدىن تېخنىكىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ كەلگەن ، لېكىن ھەرقانداق بىر تېخنىكىنىڭ تەدرىجى پىشىپ يېتىلىش جەريانى بولىدۇ ، لېكىن يېڭى تېخنىكا تېخى '' بۇۋاق '' ۋاقتىدىلا ئۇنى قارۇغۇلارچە زورلاپ ئىشلىتىش بۇ '' بۇۋاق'' نى ئاستا-ئاستا چوڭ بولغىلى قويماستىن ئەككىسچە ئۇنى " تۇنجۇقتۇرۇپ '' قويىدۇ . مانا بۇ ئالمىنىڭ ئاۋاز پەرىقلەندۈرۈش تېخنىكىسى siriنىڭ ئانچە مۇۋاپىقىيەت قازىنالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى. ئاۋازنى پەرىق ئېتىش تېخنىكىسى بىر يېڭىچە ئېقىم ، لېكىن ئۇ ھازىر تېخى يېرىم ھالەتتىكى مەھسۇلات ، بۇ تېخنىكىنى ئىشلىتىشكە تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ .
تېخنىكا جەھەتتىن ياكى ئىكولوگىيە ئەندىزىسى جەھەتتىن بولسۇن ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى ، بۇرۇنقى تېخنىكىلارنىڭ بارغانسىرى مۇكەممەللىشىشى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى يېڭىلىق يارىتىش بارغانسىرى قىيىنلىشىپ ماڭىدۇ ، شۇڭا كەسىپ ئىچىدە '' يېڭىلىق يارىتىش '' مەقسىتىدە يارىتىلغان '' يېڭىلق'' لار نىڭ نەتىجىسى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ .
1. توختىماي چوڭىيىۋاتقان ئېكران ( سامسۇڭ Galaxyۋە Note تىپلىق يانفونلار بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى )
2. توختىماستىن سىرتقى قېپىنىڭ رەڭگى ھەم شەكلىنى ئۆزگەرتىش .
3. كامېرا ئىقتىدارىنى توختىماي يۇقىرى كۆتۈرۈش .
4. '' تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال '' تېخنىكىلار . مەسلەن سامسۇڭنىڭ كۆز ئالمىسى ئارقىلىق كونترۇل قىلىش تېخنىكىسى ۋە ئالمىنىڭ siri ئاۋاز پەرىقلەندۈرۈش تېخنىكىسى.
دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يانفونلار ئىچىدە شىياۋمى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ ، بىر خىل ئۈستەل يۈزى تەگلىكىنى يېرىم يىلغىچە يېڭى تېخنىكا قاتارىدا ساناپ كەلدى.
يېڭىلىق يارىتىشنى قايتا باشلاشنىڭ شارائىتى
ئالمىغا ئوخشاش قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلار ئەگەر قايتىدىن يېڭىلىق يارىتىشتىكى ھاياتى كۈچكە ئېرىشمەكچى بولسا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل شارائىتنى ھازىرلىشى كېرەك .
1. تېخنىكىنىڭ پىشىپ يېتىلىشى .
مەسلەن ئاۋاز بەرىقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ۋە چىراي پەرىقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشى . پەقەت تېخنىكا پىشىپ يېتىلگەندىلا ئاندىن مۇكەممەل بولغان ئىشلىتىش تەسىراتىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ .
2. ئىكولوگىيە ئەندىزىسىنى يېڭىلاش.
ھازىرشەكىللەنگىنى كۆچمە ئەپ بازىرىدىكى ئەپلەر يىتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان بىر خىل ئەندىزە . ئەگەر ھازىرقى ئەپ ئىكولوگىيەسى بۇزۇپ تاشلىنىپ يېڭىچە قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقسا ، ئۇنداقتا يېڭىلىق يارىتىشقا يەنە پۇرسەت تۇغۇلىدۇ . گەرچە ھازىر كەلگۈسىدىكى يېڭى ئىكولوگىيەنىڭ بىخلىرى كۆرۈنگەن بولسىمۇ ، لېكىن تېخنىكلىق سەۋەپلەر سەۋەبىدىن تېخى دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرىۋاتىدۇ.
3. ''جاندىن كەچمىگىچە جانانغا يەتكىلى بولماس" لىق پوزىتسىيەسى ، يەنى ھازىرقى ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ ۋاز كېچىشكە تېگىشلىك بولغانلىرىدىن ۋاز كېچىپ ئۆز -ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان بولۇش.
ئالمىنىڭ ھازىرقى ئىستىراتېگىيەسى
بىر تەرەپتىن ئاۋاز پەرىق ئېتىش، بۇلۇت كومپيۇتېرى قاتارلىقلارغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىش . siri ياكى iphone5s تىكى بارماق ئىزىنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىىسى بولسۇن بۇنىڭ ھەممىسى دادىللىق بىلەن سىناش ھېساپلىنىدۇ. بۇ تېخنىكىلار پىشىپ يېتىلسىلا كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغىدەك مەھسۇلاتقا ئايلىنىدۇ ؛ يەنە بىر تەرەپتىن ، ئالما شىركىتى مەھسۇلات تۈرىنى كۆپەيتىپ خېرىدار دائېرسىنى كېڭەيتىمەكچى بولدى ، يەنى بىرلا ۋاقىتتا سەپلىمىسى ئوخشاش بولمىغان iphone5s ۋە iphone5c نى ئوتتۇرىغا چىقاردى.
(تەھرىر : admin)
«ئالما شىركىتى نېمىشقا ئالىجاناپلىقىنى يوقىتىپ ئادەتتىكى يولغا كىرىپ قالدى ؟»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- غەيرىي يېشىل ئېنىرگىيە مەنبەسى
- ئالما شىركىتى نېمىشقا ئالىجاناپلىقىنى
- خاسىيەتلىك مېخانىكا مىدوزا كەشىپ قىلىن
- قاتتىق دېسكا رايونىنى تەكشۈرۈش بۇيرۇقى
- ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى يەنە بىر
- ياسىلىشى غەلىتە 10 خىل رەقەملىك رەسىم ئا
- دۇنيادىكى ئەڭ نېپىز يانفون بارلىققا كەل
- كورېيەدە شوپۇرسىز تاكسى بارلىققا كەلدى
- ئاندىرويىد سىستېمىسى ئەسلى سىفىرلىق كا
- غۇۋا ئىنىرگيە دىگەن نىمە؟
- دېھقان كەشپىياتچى
- ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى تەقلىدىي قۇلاق
- دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك تىك ئۇچار ئايروپ
- قورساقتىكى ھامىلىنىڭ 3D پىرىنتلىق مودىل
- شېۋىتسارىيە شىركىتى توك تارقىتالايدىغا
- بالىلارنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش خەۋپى با
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
دۇلان تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئالى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-04-06 14:04 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-09-22 20:09
- غەيرىي يېشىل ئېنىرگىيە مەنبەسى
- ئالما شىركىتى نېمىشقا ئالىجاناپلىقىنى يوقىت
- خاسىيەتلىك مېخانىكا مىدوزا كەشىپ قىلىندى
- قاتتىق دېسكا رايونىنى تەكشۈرۈش بۇيرۇقىنى ئىش
- ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى يەنە بىر تېخنى
- ياسىلىشى غەلىتە 10 خىل رەقەملىك رەسىم ئاپپارا
- دۇنيادىكى ئەڭ نېپىز يانفون بارلىققا كەلدى
- كورېيەدە شوپۇرسىز تاكسى بارلىققا كەلدى، پات
- ئاندىرويىد سىستېمىسى ئەسلى سىفىرلىق كامېرال
- غۇۋا ئىنىرگيە دىگەن نىمە؟
- غۇۋا ئىنىرگيە دىگەن نىمە؟
- دېھقان كەشپىياتچى
- كەلگۈسى 10 يىلدا دۇنيانى ئۆزگەرتىد
- ياسىلىشى غەلىتە 10 خىل رەقەملىك رەسىم ئاپپارا
- ئاندىرويىد سىستېمىسى ئەسلى سىفىرلىق كامېرال
- قورساقتىكى ھامىلىنىڭ 3D پىرىنتلىق مودىلىنى بې
- ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى يەنە بىر تېخنى
- 2012-يىللىق ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى چوڭ ئىشلار
- نوبىل مۇكاپاتى ۋە ئۇيغۇرلار
- تارىختىكى ئەڭ ھاماقەت 12 چوڭ تېخنىكا