ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تىخنىكا ۋە كەشپىيات > تولۇق مەزمۇنى

ياسىلىشى غەلىتە 10 خىل رەقەملىك رەسىم ئاپپارات

ۋاقىت : 2013-09-04 10:29 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ياسىلىشى غەلىتە 10 خىل رەقەملىك رەسىم ئاپپارات

رەقەملىك ئاپپارات ياسالغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ،رەقەملىك ئاپپارات ياساش كارخانىلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ،رەقەملىك ئاپپاراتقا تورغا چىقىش، يۇمشاق دىسكا ساقلىغۇچ، MP3، پىرويېكتور قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئىشلەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتارەقەملىك ئاپپاراتنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىگىمۇ نۇرغۇن قان تەر سىڭدۈرگەن. بىر قىسىمرەقەملىك ئاپپاراتلار ھازىرمۇ مۇشۇ ساھەنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. تۆۋەندە ياسىلىشى غەلىتە 10 خىل رەقەملىك ئاپپاراتنى تونۇشتۇرىمىز.

1.لىگۇاڭ RDC-i700 9
لىگۇاڭ شىركىتى ئېلېكتىر ئېففېكتى ساھەسىدە ئىزچىل ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇۋاتىدۇ . تىپ نومۇرىRDC-i700 بولغانرەقەملىك ئاپپاراتقا ئۈچ مىليون 400 مىڭ پىكسېللىق سېنزور ئىشلىتىلگەن . بۇ ئۈسكۈنىنىرەقەملىك ئاپپارات دېگەندىن كۆرە رەسىم تارتىش ئىقتىدارى بولغان سىملىق كۆچمە خىزمەت ئۈسكۈنىسى دېسەك توغرا بولىدۇ. چۈنكى بۇرەقەملىك ئاپپاراتقا دېمودۇلياتور ئۇلانسىلا، بۇرەقەملىك ئاپپارات تورغا چىقىپ ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى يوللىيالايدۇ.

2. FinePix 40i
ئالما شىركىتىنىڭ iPod قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن بىر قانچە يىلدا، نۇرغۇنلىغانرەقەملىك ئاپپارات ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىرەقەملىك ئاپپاراتنى كىشىلەرنىڭ قولىدىكى رەسىم تارتىش، ناخشا ئاڭلاش ئىقتىدارى بولغان كۆڭۈل ئېچىش ئەسۋابىغا ئايلاندۇرۇشنى ئويلاشقان. بىراق ھېچقانداق بىررەقەملىك ئاپپارات بۇ جەھەتتە FinePix 40iرەقەملىك ئاپپاراتىغا يېتەلمەيدۇ. بۇرەقەملىك ئاپپارات سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتە MDشەكلىدە لايىھەلەنگەن بولۇپ، 64MBلىق قاتتىق دىسكا سەپلەنگەن. بۇرەقەملىك ئاپپاراتقا سىمسىز كونترول قىلىش ئەسۋابى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇرەقەملىك ئاپپاراتتا ئۇدا ئۈچ سائەت ناخشا ئاڭلىغىلى بولىدۇ. بىراق بۇرەقەملىك ئاپپارات پەقەت SQV شەكلىدىكى ناخشىلارنى قويالايدۇ.

3. SONY MVC-CD1000
Mavicaبولسا SONY شىركىتىنىڭ دەسلەپكىرەقەملىك ئاپپاراتى بولۇپ، بۇرەقەملىك ئاپپاراتقا «3.5 لىك1.44MB» ماگنىتلىق دىسكا ساقلىغۇچ قىلىپ ئىشلىتىلگەن. بۇرەقەملىك ئاپپاراتنىڭ پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى640×480بولۇپ، كېيىن پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. رەقەملىك ئاپپاراتىغا كېيىن كارتىسى ساقلىغۇچ قىلىنغان. ھەمدە 20 ھەسسىلىك ئۆزگىرىشچان فوكۇسلۇق يورۇقلۇق يىغىش لىنزىسى ئىشلىتىلگەن.
4.Nikon S100pj
«PJ»بولسا «Projector»غا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، پىرويېكتور دېگەن مەنىگە ئىگە. Nikon رەقەملىك ئاپپاراتىغا 14 مىليون پىكسېللىق سېنزور ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن باشقا يەنە ئىقتىدارى تۆۋەن بولغان پىرويېكتور ئاپپاراتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بىراق بۇ رەقەملىك ئاپپاراتنىڭ توك سەرپىياتى يۇقىرى، ئىشلىتىلىش دائىرىسى تار بولغاچقا، ياخشى بازار تاپالمىغان.

5.كوداك EasyShare V570
چەكلىك بولغان رەقەملىك ئاپپارات بوشلۇقىغا فوكۇس ئۆزگەرتىش ۋە فوكۇس بەلگىلەش ئىقتىدارىنى قوشۇش ئۈچۈن، كوداك EasyShare رەقەملىك ئاپپاراتىغا قوش CCD ۋە قوش كامېرا لىنزىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر دانە لىنزىسىنىڭ فوكۇس ئۆزگەرتىش ئارىلىقى 23mm، يەنە بىر دانە لىنزىسىنىڭ فوكۇس ئۆزگەرتىش ئارىلىقى 37-117mm. ئىستېمالچىلار بۇ ئىككى كامېرا لىنزىسىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيدۇ. بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى بۇ تېخنىكىنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتى ياخشى بولمىدى.

6.Casio QV-300
Nikon Coolpix رەقەملىك ئاپپاراتى بازار تېپىشتىن بۇرۇن ، Casio رەقەملىك ئاپپاراتى تۇنجى بولۇپ تەتۈر ئايلىنىدىغان رەقەملىك ئاپپاراتى لىنزىسىنى ئىشلەتكەن. QV-300بولسا Casio رەقەملىك ئاپپاراتىنىڭ ئەڭ ۋەكىللىك مەھسۇلاتىدۇر. بىراق بۇ رەقەملىك ئاپپاراتنىڭ سۈرەت سۈپىتى ئانچە ياخشى ئەمەس ، شۇنداقلا توك سەرپىياتى بەك يۇقىرى ئىدى.

7.CanonPowershot TX1
2007-يىلىغا بارغاندا، رەقەملىك ئاپپاراتلارنىڭ ھەممىسى سىن ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى. بىراق بۇ Canon شىركىتىنىڭ رەقەملىك ئاپپارات بىلەن تېلېكامېرا بىرلەشتۇرۇش قەدىمىنى توسۇپ قالالمىدى. TX1بولسا بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ۋەكىللىك مەھسۇلاتىدۇر. بىراق ئەمەلىيەت تېلېكامېرانىڭ يۇقىرى توك سەرپىياتى رەسىم تارتىشقا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

8.Polaroid PDC-3000 (1997-يىلى)
رەسىم تارتىش ۋە كىنو ئېلىش تېخنىكىسىنىڭ نامايەندىسى بولغان Polaroid رەقەملىك ئاپپاراتلىرى نۇرغۇنلىغان ئىلغار تېخنىكىلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. بىراق ھېچقانداق بىر رەقەملىك ئاپپارات PDC-3000دەك مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان. ئادەتتە كىشىلەر بۇ سىپىرلىق ئاپپاراتنى كۆرگەندە بۇنىڭ تاشقى كۆرۈنىشى كىشىنى بەكمۇ جەلپ قىلىدۇ. بۇ سىپىرلىق ئاپپاراتنىڭ كىشىلەرنى ئەڭ قىزىقتۇرىدىغان تەرىپى بۇ ئاپپاراتنىڭ PDNشەكلىدىكى رەسىمنى تارتىپ چىقىرالايدىغانلىقى. Polaroid شىركىتى يەنە رەسىم سۈپىتىنى كونترول قىلىش يۇمشاق دېتالىImage Quality Architectureنى ئېلان قىلغان. Polaroidنىڭ بۇ ئۇسۇلى كېيىن پۈتكۈل رەقەملىك ئاپپارات كەسپىنىڭ ئۆلچەملىك خىزمەت ئۇسۇلى بولۇپ قالدى.

9.NikonCoolpix 100
شەكلى قول چىراغقا ئوخشايدىغان Nikon رەقەملىك ئاپپاراتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا مەيدانغا كەلگەن. بۇ رەقەملىك ئاپپاراتقا 330 مىڭ پىكسېللىق سېنزور، فوكۇس بەلگىلەش لىنزىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. تۆت دانە AA باتارېيەسىنى توك مەنبەسى قىلغان.بۇ رەقەملىك ئاپپاراتنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى بۇنىڭغا PCMCIA ئېغىزى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بىۋاسىتە خاتىرە كومپيۇتېرغا ئۇلاشقا بولاتتى.

10.Canon Powershot A100
Canon A100رەقەملىك ئاپپاراتىغا بىر مىليون 200 مىڭ پىكسېللىق CCD سېنزور ، فوكۇس ئۆزگەرتىش ئارىلىقى 39mmf/2.8بولغان لىنزا ئىشلىتىلگەن.CF كارتىسىنى ساقلىغۇچ قىلىپ ئىشلەتكەن.بۇ ئاپپاراتنىڭ قىزىقارلىق يېرى شۇكى ئاپپارات ئالدى قىسمىنى چۆرگىلەتكەندە لىنزىنى قوغداش رولى بار ئىدى.

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(1)
50%
ناچاركەن
(1)
50%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ