ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تىخنىكا ۋە كەشپىيات > تولۇق مەزمۇنى

ئىلگىرى دۇنيانى ئۆزگەرتكەن 10 خىل يانفون

ۋاقىت : 2014-06-16 22:01 | مەنبەسى : نۇر تورى | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئىلگىرى دۇنيانى ئۆزگەرتكەن 10 خىل يانفون

ئىلگىرى دۇنيانى ئۆزگەرتكەن 10 خىل يانفون

بۈگۈنكى كۈندە بىز ئىشلىتىۋاتقان يانفونلار ئىچىدە, مەيلى ئادەتتىكى ئىقتىدار يانفونلىرى بولسۇن ۋە ياكى ئىلغار بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلار بولسۇن, بۇ يانفونلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى, سەپلەنمىلىرى شۇنداقلا ئۇلارغا ئىشلىتىلگەن تېخنىكىلارنىڭ ھەممىسى بىر كۈندىلا بارلىققا كەلگەن ھەم توساتتىنلا پەيدا بولۇپ قالغان ئەمەس ئەلۋەتتە, ھازىرقى يانفونلارنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا ئىلگىرى بازارغا سېلىنغان ھەر خىل يانفونلارنىڭ ئىلغار تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىسى, ئىقتىدار سەپلەنمىلىرى شۇنداقلا ئىلغار تېخنىكىلىرىغا ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ, گەرچە بۇ يانفونلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاللىقاچان تارىخ تەرىپىدىن شاللىنىپ بازاردىن قالغان بولسىمۇ, لېكىن بۇ يانفونلار پۈتكۈل كۆچمە ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى ساھەسىگە قارىتا مۇستەھكەم ئۇل سېلىپ بەرگەنىدى. تۆۋەندە بىز ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا زور تەسىر كۆرسىتىپ, دۇنيانى ئۆزگەرتكەن 10 چوڭ تىپىك يانفوننى كۆرۈپ باقايلى.

1. موتورولا StarTAC يانفونى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1996-يىلى
 

ئىلگىرى دۇنيانى ئۆزگەرتكەن 10 خىل يانفون

موتورولا StarTAC يانفونى پۈتۈن دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ بازارغا سېلىنغان قاپقاقلىق يانفون بولۇپ, موتورولا شىركىتى 1983-يىلى پۈتۈن يەر شارى بويىچە تۇنجى بولۇپ, سودىغا ئىشلىتىلىدىغان (يەنە سودىگەرلەر ئىشلىتىدىغان) Dynatac 8000x يانفونىنى بازارغا سالغاندىن تارتىپ, تاكى 90-يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندىلا ئاندىن موتورولا يانفونلىرىنىڭ باھاسى ئادەتتىكى ئېستىمالچىلار قۇبۇل قىلالايدىغان دەرىجىدىكى باھاغا تۆۋەنلىگەنىدى. موتورولا شىركىتى 1996-يىلى ئېلان قىلىپ بازارغا سالغان StarTAC يانفونى بولسا پۈتۈن دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ قاپقاقلىق يانفوننى مەيدانغا كەلتۈرگەن بولۇپ, بۇ يانفوننىڭ رازمىرى ۋە ماسسىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرىكى يانفونلارغا قارىغاندا كۆپ كىچىكلىتىلگەنىدى. موتورولا StarTAC يانفونىنىڭ تېلىفون ئالاقە خاتىرىسىگە 99 تال ئالاقە ئۇچۇر خاتىرىسىنى قاچىلاپ ساقلىغىلى بولىدىغان بولۇپ, بۇ يانفون باتارىيىسىنىڭ توك سەرپىيات ۋاقتى بولسا 4 سائەتكە يەتكەنىدى, بۇ خىل تېخنىكا ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ ئىلغار تېخنىكا بولۇپ ھېسابلىناتتى.

2. نوكىيا 9000 يانفونى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1996-يىلى

ئىلگىرى دۇنيانى ئۆزگەرتكەن 10 خىل يانفون

نوكىيا 9000 يانفونى بولسا پۈتۈن دۇنيا بويىچە تۇنجى نۇسخىدىكى پۈتۈن كۇنۇپكا تاختىلىق شۇنداقلا تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بولۇپ, بۇ يانفون 1996-يىلى ئېلان قىلىنغانىدى. ئىلگىرى يانفون بازىرىنىڭ كاتتىبېشى بولغان نوكىيا شىركىتى 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بازارغا سالغان بۇ Nokia 9000 يانفونى بولسا پۈتۈن دۇنيا بويىچە تۇنجى نۇسخىدىكى پۈتۈن كۇنۇپكا تاختىلىق يانفون بولۇپلا قالماي بەلكى يەنە پۈتۈن دۇنيا بويىچە تۇنجى نۇسخىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىدى. ئەمەلىيەتتە. ئۇ چاغلاردا پۈتۈن دۇنيادا ‹ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون› ئۇقۇمىمۇ مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.

3. نوكىيا 5110 يانفونى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1998-يىلى

ئىلگىرى دۇنيانى ئۆزگەرتكەن 10 خىل يانفون

پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئەڭ بازار تاپقان يانفون بولغان نوكىيا 5110 يانفونى بولسا 1998-يىلى ئېلان قىلىنىپ بازارغا سېلىنغانىدى. پۈتۈن يەر شارى بويىچە ھەقىقىي ئەڭ بازار تاپقان نوكىيا 5110 يانفونى بولسا ناھايىتى چىداملىق, ئىشلىتىشكە قولاي بولغان يانفون بولۇپ, شۇنىڭ بىلەن بىللە, بۇ يانفوننىڭ باتارىيىسىنىڭ توك سەرپىيات ۋاقتىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن ئىدى. بۇ يانفون ئۆزىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن بولغان سېتىلىش باھاسىغا تايىنىپ, ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ بازار تاپقان يانفونغا ئايلانغانىدى.

4. شىياپۇ J-SH04 يانفونى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2000-يىلى

ئىلگىرى دۇنيانى ئۆزگەرتكەن 10 خىل يانفون

پۈتۈن دۇنيا بويىچە تۇنجى نۇسخىدىكى رەسىم تارتىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىنغان شىياپۇ J-SH04 يانفونى بولسا 2000-يىلى ئېلان قىلىنىپ بازارغا سېلىنغانىدى. شىياپۇ J-SH04 يانفونى كامىراسىنىڭ پېكسىل دەرىجىسى ئارانلا 100 مىڭ پېكسىل بولسىمۇ, لېكىن بۇ يانفون يەنىلا پۈتۈن يەر شارى بويىچە تۇنجى نۇسخىدىكى رەسىمگە تارتىش ئىقتىدارىغا ئىگە يانفون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شىياپۇ شىركىتىنىڭ بۇ يانفونى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ئاندىن يانفون بازارلىرىدا ئارقا ئارقىدىن رەسىمگە تارتىش ئىقتىدارىغا ئىگە يانفونلار بارلىققا كېلىشكە باشلىغانىدى.

5. قارا بۆلجۈرگەن 6210 يانفونى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى:2002-يىلى

ئىلگىرى دۇنيانى ئۆزگەرتكەن 10 خىل يانفون

قارا بۆلجۈرگەننىڭ بۇ يانفونى دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ ئېلخەت بىلەن يانفوننى مۇكەممەل ھالدا بىرلەشتۈرگەن يانفون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قارا بۆلجۈرگەننىڭ 6210 تىپلىق يانفونى بولسا  سودا ساھەسىدىكى كىشىلەر چوقۇم ھازىرلاشقا  تېگىشلىك يانفون بولۇپ, چۈنكى بۇ يانفونىغا خالىغان ۋاقىتتا ئېلخەت تەكشۈرگىلى بولاتتى. قارا بۆلجۈرگەن 6210  يانفونىغا ئىشلىتىلگەن مۇستەھكەم ھەم چىداملىق بولغان QWERTY كۇنۇپكا  تاختىسى بولسا كىىشلەرنى بىمالال ھالدا  تورغا چىقىش, ئېلخەت تەكشۈرۈش, BlackBerry Messenger  مەشغۇلاتى شۇنداقلا SMS  قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بېرىش ئىمكانىغا ئىگە  قىلغان ئىدى. ئىلغار تېخنىكىسى شۇنداقلا قولايلىق كۇنۇپكا تاختىسى قارا بۆلجۈرگەننىڭ بۇ خىل يانفونىنى خېلى ئۇزۇن مەزگىللەرگىچە  ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ساھەسىدە ھۆكۈم سۈردۈرگەن بولۇپ, تاكى باش شىتابى فېنلاندىيىنىڭ كۇپىرتىنو شەھىرىگە  جايلاشقان بىر يانفون شىركىتى ( نوكىيا شىركىتىنى كۆرسىتىدۇ) ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ساھەسىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن, بۇ ھالەت ئۆزگەرگەن.

6. موتورولا Razr V3 يانفونى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2003-يىلى

ئىلگىرى دۇنيانى ئۆزگەرتكەن 10 خىل يانفون

پۈتۈن دۇنيا بويىچە تۇنجى نۇسخىدىكى ئەڭ يېنىك ھەم ئەڭ نېپىز بولغان يانفون- موتورولا Razr V3 يانفونى بولۇپ, ئالما شىركىتىنىڭ iPhone يانفونى بازارغا سېلىنىشتىن بۇرۇن, موتورولا شىركىتىنىڭ بۇ يانفونى بىر مەزگىل يانفون ئېستىمالچىلىرىنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇشىغا نائىل بولغانىدى. موتورولا شىركىتى 2003-يىلى Razr V3 يانفونىدىن ئىبارەت مۇشۇ بىردىنبىر ئەڭ بازار تاپقان ھەم ئېستىمالچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولغان يانفون مەھسۇلاتىنى بازارغا سالغان. موتورولا RAZR تىپلىق يانفوننىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ئالاھىدە, يانفون گەۋدىسى ئادەتتىن تاشقىرى نېپىز بولۇپ, ئاليۇمىندىن ياسالغان تاشقى قېپى ناھايىتى سىلىق ئىدى. موتورولا RAZR تىپلىق يانفونىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىلىدىكى سېتىپ چىقىرىلىش مىقدارى  130 مىليون دانىغا يەتكەن ئىدى.

7. LG شىركىتىنىڭ KE850 Prada يانفونى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2006-يىلى

ئىلگىرى دۇنيانى ئۆزگەرتكەن 10 خىل يانفون

بۇ يانفون پۈتۈن يەر شارى بويىچە تۇنجى بولۇپ ئېلىكتىر سىغىمى چەكمە كونتىروللۇق ئېكران سەپلەنگەن يانفون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. LG شىركىتىنىڭ KE850 Prada يانفونى بازارغا سېلىنىشتىن ئىلگىرى, گەرچە يانفون بازىرىدا نۇرغۇنلىغان چەكمە كونتىروللۇق ئېكران سەپلەنگەن يانفونلار بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ, لېكىن بۇ يانفون ئېكرانلىرىنىڭ ھەممىسىلا ئېلىكتىر قارشىلىقى چەكمە كونتىروللۇق ئېكران ئىدى. شۇڭلاشقا بۇ يانفونلارنىڭ ئېكرانىدا مەشغۇلات قىلىش ئۈچۈن چوقۇم يانفونغا مەخسۇس سەپلەنگەن قەلەم بولغاندىلا ئاندىن ئېكرانغا چېكىپ مەشغۇلات ئېلىپ بارغىلى بولاتتى. ئېلىكتىر سىغىمى چەكمە كونتىروللۇق ئېكران سەپلەنگەن KE850 Prada يانفونى بولسا تۇنجى بولۇپ ئىنسانلار بىلەن يانفون ئۇتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى بىرلەشتۈرگەن بولۇپ, ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى, ئېلىكتىر سىغىمى چەكمە كونتىروللۇق ئېكرانلار كېيىنچە ئالما شىركىتى تەرىپىدىن كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشقا ئېرىشكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن LG شىركىتىمۇ بارا بارا ئۆزىنىڭ يانفون بازىرىدىكى كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويۇشقا باشلىغان.

8. Palm Treo 650 يانفونى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2004-يىلى

ئىلگىرى دۇنيانى ئۆزگەرتكەن 10 خىل يانفون

بۇ يانفون پۈتۈن دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنى ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا يۈزلەندۈرگەن يانفون بولۇپ قالغانىدى. Palm شىركىتى ئۆزىنىڭ Treo 650 يانفون مەھسۇلاتىنى بازارغا سالغاندا, قارا بۆلجۈرگەن شىركىتى ئاللىقاچان كارخانا يانفون ئېستىمالچىلار بازارلىرىنى ئاساسەن ئىگەللەپ بولغان بولسىمۇ, لېكىن ئادەتتىكى ئېستىمالچىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا, ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بولسا يەنىلا ناھايىتى ناتونۇش بولغان بىر خىل ئۇقۇم بولۇپ ھېسابلىناتتى. لېكىن Treo 650 يانفونى دەل مۇشۇ خىل ھالەتنى ئۆزگەرتىپ, ئادەتتىكى يانفون ئېستىمالچىلىرىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون سېتىۋالالماسلىقىغا خاتىمە بەرگەنىدى. بۇ يانفونغا خىزمەتنى ئاساس قىلغان بىر قاتار يېڭى ئىقتىدارلار سەپلەنگەندىن باشقا يەنە ئېلخەت ئىشلىتىش, تور بەت زىيارەت قىلىش شۇنداقلا مۇزىكا ئاڭلاش ۋە فىلىم كۆرۈش, كامىرا قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئىقتىدارلار سەپلەنگەنىدى.

9. ئالما iPhone يانفونى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2007-يىلى

ئىلگىرى دۇنيانى ئۆزگەرتكەن 10 خىل يانفون

2007-يىلى ئېلان قىلىنغان ئالما iPhone يانفونى يانفون ئۇقۇمىغا قايتا ‹ تەبىر› بەرگەن يانفون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ بىر خىل ھەممىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن يانفون بولۇپ, بۇ يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر سېتىۋېلىشنى ئويلايدىغان لېكىن تەسىۋرلەپ بېرەلمەيدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىدى. iPhone يانفونىنىڭ ھەممە  نەرسىسى ناھايىتى سىلىق لايىھىلەنگەن بولۇپ, ئۇنىڭ ئاددىي بولغان لايىھىسىدىن تارتىپ تاكى مەشغۇلات  سېستىمىسىغىچە ھەممىسى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

10. T-Mobile G1 يانفونى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2008-يىلى

ئىلگىرى دۇنيانى ئۆزگەرتكەن 10 خىل يانفون

بۇ يانفون پۈتۈن دۇنيا بويىچە تۇنجى نۇسخىدىكى Android مەشغۇلات سېستىمىلىق يانفون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز يانفون تارىخىنى تىلغان ئالغان ۋاقتىمىزدا, نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پۈتۈن يەر شارى بويىچە تۇنجى Android مەشغۇلات سېستىمىسى ئىشلىتىلگەن يانفوننىڭ بولسا HTC شىركىتى بازارغا سالغان T-Mobile G1 يانفونى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. بۇ يانفون تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىسى ۋە ئىقتىدار سەپلەنمىسى جەھەتتە ناھايىتى ئادەتتىكىچە يانفون بولسىمۇ, لېكىن كېيىنكى كۈنلەردە پۈتۈن دۇنيا يانفون بازىرىغا خوجا بولغان Android يانفونلىرىنىڭ باشلامچىسى بولغان بۇ يانفون, يەنىلا بىزنىڭ ئەستە ساقلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

 

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ