ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تىخنىكا ۋە كەشپىيات > تولۇق مەزمۇنى

ئاتا-ئانىلار بوۋاقلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى سىرتقى قىياپىتىنى تاللىيالايدۇ

ۋاقىت : 2014-05-03 20:46 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

ئاۋسترالىيە «بوۋاق زاكاس قىلىش»نى يولغا قويماقچى كەلگۈسىدە ئاتا-ئانىلار بوۋاقلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى سىرتقى قىياپىتىنى تاللىيالايدۇ

 

 ئاتا-ئانىلار بوۋاقلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى سىرتقى قىياپىتىنى تاللىيالايدۇ

ئاۋسترالىيە ئۇچۇر تورىنىڭ 28-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيەدە كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە يېڭى بىر خىل گېن تېخنىكىسىنى يولغا قويىدىغان بولۇپ، ئاتا-ئانىلار ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇنلا ئۆزلىرىنىڭ تۇغۇلمىغان بالىسىنىڭ بەدەن سالامەتلىكى، ئېگىزلىكى ھەتتا بالىسىنىڭ كۆزىنىڭ رەڭگى قاتارلىقلارنى بىلەلەيدىكەن.
«يېڭى پەن-تېخنىكا ئالىمى» ژۇرنىلىنىڭ بۇ ئايدىكى خەۋەرىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر گېن تېخنىكىسى ئايال كىشى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھىنىڭ ئۇرۇقىغا قارىتا DNA تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇلار كۆپىيىش جەريانىدا پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان گېن ھەرىكىتىنى پەرەز قىلغىلى بولىدىكەن ھەمدە تېخى تۆرەلمىگەن بوۋاققا مۇناسىۋەتلىك سانلىق-قىممەتلەرگە ئىگە بولغىلى بولىدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇرۇقنىڭ ئىگىسىنىڭ گېنى بىلەن ھامىلىدار بولىدىغان ئايال كىشىنىڭ گېنى جۈپلەشكەندىن كېيىن بوۋاقنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى يۇقىرىلايدىغان بولۇپ، ئانا بولغۇچى مەزكۇر تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ بىر قىسىم ئىسپېرما تەقدىم قىلغۇچىلارنى شاللاپ چىقارسا بولىدىكەن.
نىيۇيورك ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتېتى تۇغۇت كەسپى پروفېسسورى مىكخائېل چاپمەن (Michael Chapman) مۇنداق دېدى:«بىز قورساقتىكى بوۋاققا ئاساسەن بۇ بوۋاقنىڭ كەلگۈسىدە قانداق كېسەلگە گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز، ئۇندىن كېيىن باشقا بىر شۇ خىلدىكى گېنغا ئىگە بولغان بوۋاق ئارقىلىق شۇ خىل كېسەلدىن ساقلىنالايمىز، بۇ زور بىر ئىلگىرلەش. بۇنداق قىلغاندا تۇخۇم بىلەن ئىسپېرمىنى تېخىمۇ ياخشى ھالدا جۈپلەشتۈرگىلى بولىدۇ.»
بۇ خىل تېخنىكا 4-ئايدا ئامېرىكا GenePeeks شىركىتى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلەرنى ئالدىن زاكاس قىلغىلى، مەسىلەن بوۋاقنىڭ تېرىسىنىڭ رەڭگى، ئېگىزلىكى ، بىلىنىڭ ئايلانمىسى قاتارلىقلارنى ئالدىن زاكاس قىلغىلى بولىدۇ.
مىكخائېل چاپمەن مۇنداق دېدى:«بىزنىڭ بۇنداق قىلىشىمىزنىڭ مەقسىتى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىراق ئەمەلگە ئاشىدىنى پەقەت بۇلا ئەمەس. كەلگۈسىدە بىز مەزكۇر تېخنىكىنى قايسى دەرىجىگە تەرەققىي قىلدۇرىمىز دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، بىز يەنىلا بۇ جەھەتتە زور بولغان ئەخلاق مەسىلىسىگە دۇچ كېلىمىز. چۈنكى مەزكۇر تېخنىكا جەمئىيەت قوبۇل قىلالايدىغان دەرىجىدىن ھالقىپ كەتتى.»

 

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ