شىنجاڭدىكى ئالىملار دۇنياۋىي قىيىن مەسىلە __ «كاربون قارا ئۆڭكۈرى» نىڭ سىرىنى يەشتى
شىنجاڭدىكى ئالىملار دۇنياۋىي قىيىن مەسىلە __ «كاربون قارا ئۆڭكۈرى» نىڭ سىرىنى يەشتى
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى (تۆۋەندە شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى، دەپ قىسقارتىلدى) دىكى مۇتەخەسسىسلەر جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى چۆللۈك، بوستانلىق تۇپرىقىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا، چۆللۈكتىكى شورتاڭلىقلارنىڭ زور مىقداردا كاربون (Ⅳ) ئوكسىد سۈمۈرۈپ، چۆللۈكنىڭ ئاستىدا غايەت زور ئانورگانىك كاربون ئامبىرى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بايقىدى، بۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكى قىيىن مەسىلە ــــ «كاربون قارا ئۆڭكۈرى» نىڭ سىرى يېشىلدى.
بۇ ئىلمىي بايقاش ئاساسىدا تۇرغۇزۇلغان «قۇرغاق رايونلاردىكى شورتاڭلىقلارنىڭ كاربونلىشىش جەريانى ۋە يەر شارىنىڭ ئۆزگىرىشى» تۈرى دۆلەتنىڭ «973 پىلانى» غا كىرگۈزۈلدى ۋە مۇھىم پەنلەرنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ساھەلىرى بويىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى تۈرى قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ تۈر يېقىندا پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارادا كاربوننىڭ ئايلىنىشىنى تەتقىق قىلىش ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشتەك ئورنىنى بېكىتتى.
يەر شارىدا كاربوننى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى تەتقىقاتىدىكى يادرولۇق مەسىلە. ئالىملار يەر شارىدا كاربوننى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تەتقىقاتىدا قويۇپ بېرىلگەن %20 تەك كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ دېرىكىنىڭ يوقلۇقىنى بايقىغانىدى، بۇ يەر شارىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە كاربوننىڭ ئايلىنىش ساھەسىدىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسى بولۇپ، ئالىملار بۇنى ئوبرازلىق قىلىپ، «كاربون قارا ئۆڭكۈرى» دەپ ئاتىغانىدى.
بۇ تۈردىكى باشلامچى ئالىم، شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى چېن شى مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى دەريالارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريالىرى، دەريا سۈيىنىڭ كۆپ قىسمى بىپايان قۇملۇققا سىڭىپ كېتىدۇ، قۇملۇق بىلەن چۆللۈكنىڭ ئاستىدىكى تۇزلۇق سۇ قاتلىمىنى دېڭىز - ئوكيانغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. دېڭىز - ئوكيان يەر شارى بويىچە كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى ئەڭ كۆپ سۈمۈرىدۇ. بىز تۈر تەتقىقاتىدىن تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن قۇربان تۇڭغۇت قۇملۇقى ئاستىدىكى تۇزلۇق سۇ قاتلىمىدا غايەت زور ئانورگانىك كاربون ئامبىرى بارلىقىنى بايقىدۇق. شىنجاڭدا يەرنى شورسىزلاشتۇرۇشتا ئىشلىتىلگەن سۇ، كەلكۈن ۋە يەر ئاستى سۈيى ھەر يىلى شورلۇق يەردىكى زور مىقداردىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى يەر ئاستىدىكى تۇزلۇق سۇ قاتلىمىغا ئېلىپ كىرىپ ساقلايدۇ ياكى كىرىستاللاشتۇرىدۇ. قۇرغاق رايونلارنىڭ يەر ئاستى تۇزلۇق سۇ قاتلىمىدىكى ئانورگانىك كاربوننىڭ ئومۇمىي مىقدارى 1 تىرىليون توننىدەك كېلىدۇ، بۇ قاتلام ھازىر يەر شارىدا بايقالغان تۇپراق (1 تىرىليون 500 مىليارد توننىدىن 1 تىرىليون 600 مىليارد توننىغىچە) ۋە ئۆسۈملۈك (600 مىليارد توننىدىن 800 مىليارد توننىغىچە) تىن باشقا 3 - زور ھەرىكەتچان كاربون ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈر يەر شارىدا زور مىقداردىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ دېرىكى بولماسلىق، يەنى «كاربون قارا ئۆڭكۈرى» نى چۈشەندۈرۈشكە يېڭى يول ئېچىپ بېرىپلا قالماي، شورلۇق يەردىن پايدىلىنىپ، سانائەتتە قويۇپ بېرىلگەن كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى ئازايتىشنى ئۈنۈملۈك يول بىلەن تەمىنلىدى، دۆلىتىمىزنىڭ كاربوننى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئېنېرگىيە تېجىشى، بۇلغىمىلارنى ئازايتىشىنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ۋە كاربون قويۇپ بېرىش بويىچە خەلقئارا سۆھبەتتىكى بېسىمغا تاقابىل تۇرۇشىنى يېڭى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.
شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىدىكى مۇتەخەسسىسلەر جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى چۆللۈك، بوستانلىق تۇپرىقىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، چۆللۈكتىكى شورتاڭلىقلارنىڭ كۈنبويى كاربون (Ⅳ) ئوكسىد سۈمۈرىدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇ بايقاش خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى. ئامېرىكا «ئىلىم - پەن» ژۇرنىلى: «جۇڭگونىڭ چۆللۈك تەتقىقاتچىلىرى قۇربان تۇڭغۇت چۆللۈكىدە كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى ئۆلچەپ، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان يەكۈنگە ئېرىشتى، چۆللۈكتىكى شورتاڭلىقلار كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى ئانورگانىك شەكىلدە ئۈن - تىنسىز سۈمۈرمەكتە» دەپ قارىدى. بۇ يەكۈن ئىلىم - پەن ساھەسىدىكىلەر ئىزچىل چۈشەندۈرەلمەي كەلگەن «كاربون قارا ئۆڭكۈرى» نىڭ سىرىنى يەشتى.
ئالىملار يەنە چۆل ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈمدە فوتوسېنتىزلاش جەريانى ۋە نەملىككە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمى قاتارلىقلارنى ئېچىپ بېرىپ، بىر مېتىردىن ئالتە مېتىرغىچە بولغان تۇپراق قاتلىمىنىڭ چۆللۈكتىكى يەر ئاستى ئورگانىك كاربون ئامبىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى؛ قۇرغاق رايون ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مودېلىنى مۇستەقىل ياساپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئىچكى قۇرۇقلۇقى قۇرغاق رايونلىرىدىكى كاربوننىڭ ھەرىكەت ھالىتى ۋە ئۇنىڭ يەر شارىنىڭ ئۆزگىرىشى ئارىسىدىكى تەسىرنى چۈشەندۈردى.
(تەھرىر : admin)
«شىنجاڭدىكى ئالىملار دۇنياۋىي قىيىن مەسىلە __ «كاربون قارا ئۆڭكۈرى» نىڭ سىرىنى يەشتى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: دۇنيادىكى تۇنجى سۈنئىي يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئوڭۇشلۇق بولدى
- دۇنيادىكى تۇنجى سۈنئىي يۈرەك كۆچۈرۈش ئو
- شىنجاڭدىكى ئالىملار دۇنياۋىي قىيىن مەس
- بوۋاقلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن iPad ئورۇندۇ
- ياپونىيەدە يول ماڭغاندا يانفون ئويناپ م
- 5G تېخنىكىسى ئالاقە ساھەسىدىكى يېڭى قىزى
- ئەر ئاياللارنىڭ مېڭە نېرۋىلىرى ئوخشىما
- WiFi سىگنالىنى ئۆتكۈزمەيدىغان تام قەغىزى
- يانفونغا ئىكرانى ئارقىلىق توك قاچىلاش
- نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارلا گەپ قىلالايدۇ؟
- بېلەككە تاقىۋېلىنىدىغان ئەقلىيفون EmoPul
- ئەڭ بۇرۇنقى قۇلۇپ نەدە ئشلىتىلگەن؟
- ھاۋا تەڭشىگۈچ قانداق ئىجاد قىلىنغان؟
- ئەڭ بۇرۇنقى يۇقىرى بېسىملىق قازان
- دۇنيا بويىچە تۇنجى كىرئالغۇ
- گۇگېل شىركىتى تورداشلار بىلەن پاراڭلىش
- نوبېل مۇكاپاتى ۋە ئۇنڭىغا ئېرىشكەن بىئو
- دۇنيادىكى تۇنجى سۈنئىي يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېرات
- شىنجاڭدىكى ئالىملار دۇنياۋىي قىيىن مەسىلە __
- بوۋاقلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن iPad ئورۇندۇقى كۈچ
- ياپونىيەدە يول ماڭغاندا يانفون ئويناپ مېڭىشن
- 5G تېخنىكىسى ئالاقە ساھەسىدىكى يېڭى قىزىق نۇق
- ئەر ئاياللارنىڭ مېڭە نېرۋىلىرى ئوخشىمايدىكە
- WiFi سىگنالىنى ئۆتكۈزمەيدىغان تام قەغىزى
- يانفونغا ئىكرانى ئارقىلىق توك قاچىلاش
- نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارلا گەپ قىلالايدۇ؟
- بېلەككە تاقىۋېلىنىدىغان ئەقلىيفون EmoPulse بارل
- نوبېل مۇكاپاتى ۋە ئۇنڭىغا ئېرىشكەن بىئولوگىي
- غۇۋا ئىنىرگيە دىگەن نىمە؟
- دېھقان كەشپىياتچى
- ياسىلىشى غەلىتە 10 خىل رەقەملىك رەسىم ئاپپارا
- ئالما شىركىتى نېمىشقا ئالىجاناپلىقىنى يوقىت
- نوبىل مۇكاپاتى ۋە ئۇيغۇرلار
- كەلگۈسى 10 يىلدا دۇنيانى ئۆزگەرتىد
- ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى يەنە بىر تېخنى
- خاسىيەتلىك مېخانىكا مىدوزا كەشىپ قىلىندى
- ئاندىرويىد سىستېمىسى ئەسلى سىفىرلىق كامېرال