گۇگېل شىركىتى تورداشلار بىلەن پاراڭلىشىدىغان ماشىنا پاتېنتىنى ئىلتىماس قىلدى
گۇگېل شىركىتى تورداشلار بىلەن پاراڭلىشىدىغان ماشىنا پاتېنتىنى ئىلتىماس قىلدى
ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇگىل شىركىتى ئىلتىماس قىلغان بۇ پاتېنت ۋە يۇمشاق دېتالنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى،تورداشلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى باشقا دوستلىرى بىلەن ئالاقە قىلىش ئەھۋالىنى ئۆگىنىش بولۇپ،بۇ يۇمشاق دېتال ماشىنا ئادىمى، ئاپتوماتىك ھالدا، ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى باشقا دوستلارنىڭ خەتلىرىنى ئانالىز قىلىش ۋە جاۋاب قايتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالايدۇ.
گۇگىل شىركىتىنىڭ يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى بايادى(Ashish-Bhatia) پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ماتېرىيالىدا ، «يېقىنقى بىرقانچە يىلدا، ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ۋە باشقا ئېلېكترونلۇق ئالاقە قوراللىرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن،ئابونتلارنىڭ خەتلەرگە جاۋاب قايتۇرۇشىغا قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى»دېدى.
ئابونتلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن،يۇمشاق دېتال ماشىنا ئادىمى ھەرقايسى ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكەتلىرىگە تىزىملىتىپ،ئابونتلارنىڭ سىستېما ئۇچۇرىنى بىرتەرەپ قىلىش، دوستلىرىنىڭ خەت-چەكلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇش، ھالىتىنى يېڭىلاش ھەمدە باشقىلارغا رەسىم ، ۋىدېئو، ئۇلىنىش ئەۋەتىش قاتارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئانالىز قىلىدۇ.
ئابونتلارنىڭ ھەرقايسى ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكەتلىرىدىكى ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئانالىز قىلىپ بولغاندىن كېيىن، يۇمشاق دېتال ماشىنا ئادىمى ئاپتوماتىك ھالدا ئابونتلارنىڭ ئورنىدا جاۋاب قايتۇرىدۇ. يۇمشاق دېتال ماشىنا ئادىمىنىڭ جاۋابى ھەتتا راست ئادەمدىنمۇ توغرا بولىشى مۇمكىن.
يۇمشاق دېتال ماشىنا ئادىمى يەنە، ئابونتلارنىڭ دوستلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشتىكى سۆز ئۇرانى قاتارلىق ئىنچىكە ھالقىلارنىمۇ ئۈگىنەلەيدۇ، مەسىلەن، ئاق ياقىلىقلار قاتلىمىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئىنتايىن ئەدەپ-قائىدە بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ. بىراق دوستلار ۋە ئائىلىدىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلغاندا، تېخىمۇ تەبىئىي يوسۇندا جاۋاب قايتۇرىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، دوستلارنىڭ ئۇچۇرلىرىغا، يۇمشاق دېتال ماشىنا ئادىمى ئەڭ مۇۋاپىق جاۋابنى تاللاپ بېرەلەيدۇ. ھەقىقىي ئابۇنتلار پەقەت «قوشۇلۇش» كۇنۇپكىسى بىلەن جاۋابنى يوللىۋەتسىلا بولىدۇ.
ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىسى مۇتەخەسسىسى بېما(Hadley-Beema)«ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقە قىلىش جەريانىدىكى بىرقىسىم ئىنچىكە ھالقىلار، كەلگۈسىدە گۇگىل يۇمشاق دېتال ماشىنا ئادىمىنىڭ ئاجىز نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن، مەلۇم بىر كىشى دوستىنى چۈشلۈك تاماققا تەكلىپ قىلسا، قارشى تەرەپ، چۈشتە يېگەن ساندۋىچنىڭ تەمى ئانچە ياخشى ئەمەسكەن دېسە، بۇ ئىككى ئادەمنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يېقىنلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن، بىر قىسىم يۇمشاق دېتال ماشىنا ئادەملىرى گەپنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنىنى چۈشەنمەيدۇ»دېدى.
لىنكېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لوسىن(Shaun-Lawson) « ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابلاش »تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. لوسىن «مەن قانداق تور ئابونىتلىرىنىڭ بىر ماشىنا ئادەمگە ئۆزىنىڭ دوستلىرى ئارىسىدىكى ئالاقە ئىشلىرىنى تاشلاپ بېرىدىغانلىقىغا ئىنتايىن قىزىقىۋاتىمەن. گۇگىل شىركىتىنىڭ يۇمشاق دېتالى ۋە پاتېنتى ، ئىجتىمائىي ئالاقە تورى كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يىرىكلەشتۈرۈۋەتتى دېگەن خاتا كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن. بىراق ئەمەلىيەتتە، ئىجتىمائىي ئالاقە تورى كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ،ئۇلار بىرقانچە يىل بۇرۇن ئىشلىتىپ باقمىغان يېڭى ئۇسۇللار بىلەن ئۆز-ئارا ئالاقە قىلالايدۇ»دېدى.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«گۇگېل شىركىتى تورداشلار بىلەن پاراڭلىشىدىغان ماشىنا پاتېنتىنى ئىلتىماس قىلدى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: دۇنيا بويىچە تۇنجى كىرئالغۇ
- دۇنيا بويىچە تۇنجى كىرئالغۇ
- گۇگېل شىركىتى تورداشلار بىلەن پاراڭلىش
- نوبېل مۇكاپاتى ۋە ئۇنڭىغا ئېرىشكەن بىئو
- ئەڭ ئىلغار ماشنا ئادەم ئالەم ئۇچقۇچىسى
- توك ئادەم
- ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئىزچىل ئ
- 3D نۇسخىلاش تېخنىكىسى شىنجاڭغا يېتىپ كەل
- ئالىملار ھەرىكەت قىلىش تېزلىكى نۇر تېزل
- جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى 4Gلىق تورنىڭ مۇش
- ئالما شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق قو
- تۇنجى مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ
- Wi-Fi سىگنالىدا توك تارقىتىشقا بولىدۇ
- 2013-يىللىق نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا 3 ئامې
- كانادالىق ئايال يازغۇچى 2013-يىللىق نوبېل
- زامان-ماكان يوشۇرۇنۇش كىيىمى
- ياغاچ سائەت
- دۇنيا بويىچە تۇنجى كىرئالغۇ
- گۇگېل شىركىتى تورداشلار بىلەن پاراڭلىشىدىغا
- نوبېل مۇكاپاتى ۋە ئۇنڭىغا ئېرىشكەن بىئولوگىي
- ئەڭ ئىلغار ماشنا ئادەم ئالەم ئۇچقۇچىسى
- توك ئادەم
- ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئىزچىل ئىلگىر
- 3D نۇسخىلاش تېخنىكىسى شىنجاڭغا يېتىپ كەلدى
- ئالىملار ھەرىكەت قىلىش تېزلىكى نۇر تېزلىكىدى
- جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى 4Gلىق تورنىڭ مۇشۇ ئاي
- ئالما شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائى
- غۇۋا ئىنىرگيە دىگەن نىمە؟
- دېھقان كەشپىياتچى
- ياسىلىشى غەلىتە 10 خىل رەقەملىك رەسىم ئاپپارا
- نوبېل مۇكاپاتى ۋە ئۇنڭىغا ئېرىشكەن بىئولوگىي
- كەلگۈسى 10 يىلدا دۇنيانى ئۆزگەرتىد
- ئالما شىركىتى نېمىشقا ئالىجاناپلىقىنى يوقىت
- ئاندىرويىد سىستېمىسى ئەسلى سىفىرلىق كامېرال
- ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى يەنە بىر تېخنى
- خاسىيەتلىك مېخانىكا مىدوزا كەشىپ قىلىندى
- نوبىل مۇكاپاتى ۋە ئۇيغۇرلار