توك ئادەم
ئوندا بىر ئامپىرلىق توك ئېقىمى ئادەتتىكى ئادەمنى سوقۇپ ئۆلتۈرەلەيدىكەن، بىراق ھىندىستانلىق راج ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس. ئۇنىڭ بەدىنى نەچچە ئامپېرلىق توك ئېقىمىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇپ، ھېچقانداق زىيان زەخمەتكە ئۇچرىمايدىكەن. توكقا قارشى تۇرالايدىغان خىسلەتلىك ئادەم راج مۇشۇ خىل ئىقتىدارى بىلەن دۇنياغا داڭقى كەتكەن. چىرايى ئادەتتىكىچە بۇ كىشىنىڭ خىسلەتلىك ئادەم بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، بىراق توك مەنبەسىگە ئۇلىنىپ بىر سېكونتتىن كېيىنلا ئۇ خاسىيەتلىك ئادەمگە ئۆزگىرەلەيدۇ. ئۇ توك سىملىرىنى قولى بىلەن تۇتالايدۇ، بەدىنىدىن توك ئۆتكۈزۈپ لامپۇچكىلارنى يورۇتالايدۇ، ياكى ئىلەشتۇرۇش ماشىنىسىنى ئىشقا سالالايدۇ.
راج بىر تال توك سىمىنى ئاغزىغا كىرگۈزۈپ، يەنە بىر تال توك سىمىنى بەدىنىنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىگە تەككۈزۈپ، توك ئېقىمىنى بەدىنىدە ماڭغۇزالايدۇ، مۇشۇ ئارقىلىق توك ئۆتۈدىغان ھەرقانداق قۇرۇلمىنى ھەرىكەتلەندۈرەلەيدۇ. ئەگەر بۇ توك باشقىلارغا تېگىپ كەتسە، توك ئېقىمى ئۇلارنىڭ ئەزالىرىنى پالەچلەر، يۈرىكىنى سوقۇشتىن توختىتىپ قويىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، راج يەتتە ياش ۋاقتىدا ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان، شۇڭا قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن، ھەمدە ترانسفورماتورغا ئۆمىلەپ چىقىپ، ئۆلۈۋالماقچى بولغان. بىراق ئۇنى ھەيران قالدۇرغان نەرسە شۇكى، ئۇ ھېچنېمە بولمىغان. شۇ چاغدا ئۇ ئۆزىدە بىر خىل ئالاھىدە ئىقتىدارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىغان. شۇندىن كېيىن، ھەممە كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ «خاسىيەتلىك ئادەم» ئىكەنلىكىنى بىلىپ كەتكەن. راجنىڭ تېنى نېمە ئۈچۈن ئون ئامپېرلىق توك ئېقىمىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، بەزىلەر راجنىڭ بەدىنىدىكى ئېلېكتر قارشىلىق كۈچىنى ئۆلچەپ باققان، ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئېلېكتر قارشىلىقى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ 10 ھەسسىسىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكى بايقالغان. ئۇنىڭ بەدىنىدىن توك ئېقىمى ئۆتكەن چاغدا ئۇنىڭ كۆزلىرى ئالىيىپ قالسىمۇ، ھەتتا ۋاقىتلىق كۆرەلمەس بولۇپ قالسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا يېتەرلىك توك ئېقىمىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىكەن.
بىراق، ئىگىلىنىشىچە، راج دۇنيا بويىچە بەدىنىدىن توك ئۆتكۈزەلەيدىغان بىردىن بىر ئادەم ئەمەس ئىكەن. ئىككى يىل بۇرۇن سېربىيەدىكى خاسىيەتلىك ئادەم Slavisa Pajkicنىڭ يۇقىرى بېسىملىك توكقا چىداشلىق بېرەلەيدىغانلىقى ئاشكارىلانغان. تەكشۈرۈلۈشىچە، ئۇنىڭ تەر بېزى ۋە شۆلگەي بېزى يوق ئىكەن. ئالىملار ئۇنىڭ تېرىسى تەبىئىي ئىزولياتور، توك ئېقىمى ئۇنىڭ بەدىنىدىن ھەرگىز ئۆتەلمەيدۇ، دېيىشكەن.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«توك ئادەم»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئەڭ ئىلغار ماشنا ئادەم ئالەم ئۇچقۇچىسى
- نوبېل مۇكاپاتى ۋە ئۇنڭىغا ئېرىشكەن بىئو
- ئەڭ ئىلغار ماشنا ئادەم ئالەم ئۇچقۇچىسى
- توك ئادەم
- ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئىزچىل ئ
- 3D نۇسخىلاش تېخنىكىسى شىنجاڭغا يېتىپ كەل
- ئالىملار ھەرىكەت قىلىش تېزلىكى نۇر تېزل
- جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى 4Gلىق تورنىڭ مۇش
- ئالما شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق قو
- تۇنجى مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ
- Wi-Fi سىگنالىدا توك تارقىتىشقا بولىدۇ
- 2013-يىللىق نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا 3 ئامې
- كانادالىق ئايال يازغۇچى 2013-يىللىق نوبېل
- زامان-ماكان يوشۇرۇنۇش كىيىمى
- ياغاچ سائەت
- غەيرىي يېشىل ئېنىرگىيە مەنبەسى 2
- غەيرىي يېشىل ئېنىرگىيە مەنبەسى
- نوبېل مۇكاپاتى ۋە ئۇنڭىغا ئېرىشكەن بىئولوگىي
- ئەڭ ئىلغار ماشنا ئادەم ئالەم ئۇچقۇچىسى
- توك ئادەم
- ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئىزچىل ئىلگىر
- 3D نۇسخىلاش تېخنىكىسى شىنجاڭغا يېتىپ كەلدى
- ئالىملار ھەرىكەت قىلىش تېزلىكى نۇر تېزلىكىدى
- جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى 4Gلىق تورنىڭ مۇشۇ ئاي
- ئالما شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائى
- تۇنجى مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ
- Wi-Fi سىگنالىدا توك تارقىتىشقا بولىدۇ
- غۇۋا ئىنىرگيە دىگەن نىمە؟
- دېھقان كەشپىياتچى
- ياسىلىشى غەلىتە 10 خىل رەقەملىك رەسىم ئاپپارا
- كەلگۈسى 10 يىلدا دۇنيانى ئۆزگەرتىد
- ئالما شىركىتى نېمىشقا ئالىجاناپلىقىنى يوقىت
- ئاندىرويىد سىستېمىسى ئەسلى سىفىرلىق كامېرال
- ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى يەنە بىر تېخنى
- خاسىيەتلىك مېخانىكا مىدوزا كەشىپ قىلىندى
- كورېيەدە شوپۇرسىز تاكسى بارلىققا كەلدى، پات
- ياغاچ سائەت