غەيرىي يېشىل ئېنىرگىيە مەنبەسى 2
ۋىرۇس
ئىنسانلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيدىغان ۋىرۇسلاردىن پايدىلىنىپ، لىتىيلىق باتارىيەنىڭ مۇسبەت-مەنپىي قۇتۇپىنى ياسىغىلى بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇسسىس تەبىئىي پەن-سانائەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئالىملىرى سۈپەت ۋە مىقدارى دۆلەت بەلگىلەپ بەرگەن 1-دەرىجىلىك ئۆلچەمگە چۈشىدىغان، مۇھىت ئاسراش كۆرسەتكۈچى كۆڭۈلدىكىدەك، تۇپراق ۋە باشقا مۇھىتنى بۇلغىمايدىغان، چوڭلىقى تەڭگىچىلىك كېلىدىغان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جەمئىي 100 قېتىم زەرەتلىگىلى بولىدىغان باتارىيەنى كەشىپ قىلغان بولۇپ، باتارىيەنىڭ مۇسبەت-مەنپىي قۇتۇپى ۋىرۇستىن ياسالغان، پات ئارىدا بۇ خىل تېخنىكا سانائەتتە قوللىنىلماقچى.
ھاراق
شىۋىتسىيە تاموژنىسى ھەر يىلى چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئېلىپ كىرىلگەن بىر مىلىيون بوتۇلكا ھاراقنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۇنى تۆكىۋىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ بىر زور ئىسراپچىلىق، يېقىندا ئۇلار بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇ ھاراقلاردىن پايدىلىنىپ مىتان گازى يېقىلغۇ قىلىدىغان ماشىنىنىڭ يېقىلغۇسىنى ياساپ چىقتى.
چۇسا ئاجرىتىپ چىقارغان كېرەكسىز ماددا
چۇسا ئاجرىتىپ چىقارغان كېرەكسىز ماددا يىقىلغۇغا ئوخشىمايدىغاندەك قىلغان بىلەن لېكىن ئۇ نېفىتنى قايتا ھاسىل قىلىشتىكى مۇھىم بىر ھالقا. كىرىمنىي جىلغىسىدىكى بىر بىئو-خىمىيە شىركىتى تەجىربىخانىدا چۇسىنى كېرەكسىز نەرسىلەر بىلەن يېقىپ خام نېفىت ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇ جەريان خۇددى باكتىرىيەدىن ئىسپىرت ئالغانغا ئوخشاش، لېكىن ھازىر بۇ تېخنىكا پەقەت تەجىربىخانىدىلا قوللىنىلغان بولۇپ، ئەگەر ئۇنى سانائەتتە قوللىنىپ قالسا زور كۆلەمدە يەر كېتىدۇ، مەسىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەپتىلىك نېفىت سەرپىياتىنى قامداش ئۈچۈن تەجىربە كۆلىمى چىكاكو شەھىرىنىڭ چوڭلىقىدەك بولىشى كېرەك.
شاكىلات
شاكىلاتنىڭ يېقىلغۇ رولىنى ئوينىيالايدىغانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭىزدا ھەرگىز ھەيران قالماڭ، ئەمەلىيەتتە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنىرگىيە شاكىلات تەركىبىدىكى كاكائو ئۇرۇقى بولۇپ، كۆمۈر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يېقىلغۇ قىلىشقا بولىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ سىناقدا ئاللىبۇرۇن مۇۋەپپىقىيەت قازانغان بولۇپ، ئىشلەتكىنىنىڭ ھەممىسى ۋاقتى ئۆتكەن، سۈپىتى ئۆزگەرگەن شاكىلاتلار.
سۈنئىي چىقىرىلغان قارا بوران
ئادەتتە بىر قېتىمدا چىققان شىددەتلىك بوران ئېلىپ كەلگەن ئېنىرگىيە بىر چوڭ ئېلىكتىر ئىستانسىسىنىڭ چىقىرىدىغان ئېنىرگىيەسىگە توغرا كېلىدۇ. كانادا ئالىملىرى بىر قېتىملىق تەجىربىدە سۈنئىي چىقىرىلغان قارا قۇيۇندىن پايدىلىنىپ جەمئىي 200 مىلىيون ۋات ئېنىرگىيەنى ھاسىل قىلغان، بۇ بىر كىچىك شەھەرنى توك بىلەن تەمىنلەشكە تامامەن يەتكەن. ھازىر بۇ تېخنىكا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىش ئۈچۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنى كۈتمەكتە.
بەدەن تېمپىراتۇرىسى
ئادەم بەدىنىدىن چىققان ئىسسىقلىقنى ھەرگىز بوش چاغلىماڭ، شىۋىتسىيە ئالىملىرى ئىلغار ئۈسكۈنىنى كەشىپ قىلغان بولۇپ، ئىگەللەيدىغان كۆلىمى كىچىك، پەقەت ئىككى دانە ئېگىز تاياقدىن تەركىب تاپقان، بۇ ئۈسكۈنە كىشىلەر بەدىنىدىن چىقارغان ئىسسىقلىقنى يىغىۋىلىپ توك چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ ئۈسكۈنە ئادەم ئەڭ كۆپ ماڭىدىغان مېترو بېكىتىگە ئورنىتىلغان بولۇپ، يولۇچىلارنىڭ بەدىنىدىن تارقاتقان ئىسسىقلىقتىن پۈتۈن مېترو رايونىنى توك بىلەن تەمىنلەيدۇ.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«غەيرىي يېشىل ئېنىرگىيە مەنبەسى 2»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- ياغاچ سائەت
- غەيرىي يېشىل ئېنىرگىيە مەنبەسى 2
- غەيرىي يېشىل ئېنىرگىيە مەنبەسى
- ئالما شىركىتى نېمىشقا ئالىجاناپلىقىنى
- خاسىيەتلىك مېخانىكا مىدوزا كەشىپ قىلىن
- قاتتىق دېسكا رايونىنى تەكشۈرۈش بۇيرۇقى
- ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى يەنە بىر
- ياسىلىشى غەلىتە 10 خىل رەقەملىك رەسىم ئا
- دۇنيادىكى ئەڭ نېپىز يانفون بارلىققا كەل
- كورېيەدە شوپۇرسىز تاكسى بارلىققا كەلدى
- ئاندىرويىد سىستېمىسى ئەسلى سىفىرلىق كا
- غۇۋا ئىنىرگيە دىگەن نىمە؟
- دېھقان كەشپىياتچى
- ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى تەقلىدىي قۇلاق
- دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك تىك ئۇچار ئايروپ
- قورساقتىكى ھامىلىنىڭ 3D پىرىنتلىق مودىل
- ياغاچ سائەت
- غەيرىي يېشىل ئېنىرگىيە مەنبەسى 2
- غەيرىي يېشىل ئېنىرگىيە مەنبەسى
- ئالما شىركىتى نېمىشقا ئالىجاناپلىقىنى يوقىت
- خاسىيەتلىك مېخانىكا مىدوزا كەشىپ قىلىندى
- قاتتىق دېسكا رايونىنى تەكشۈرۈش بۇيرۇقىنى ئىش
- ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى يەنە بىر تېخنى
- ياسىلىشى غەلىتە 10 خىل رەقەملىك رەسىم ئاپپارا
- دۇنيادىكى ئەڭ نېپىز يانفون بارلىققا كەلدى
- كورېيەدە شوپۇرسىز تاكسى بارلىققا كەلدى، پات
- غۇۋا ئىنىرگيە دىگەن نىمە؟
- دېھقان كەشپىياتچى
- ياسىلىشى غەلىتە 10 خىل رەقەملىك رەسىم ئاپپارا
- كەلگۈسى 10 يىلدا دۇنيانى ئۆزگەرتىد
- ئاندىرويىد سىستېمىسى ئەسلى سىفىرلىق كامېرال
- ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى يەنە بىر تېخنى
- قورساقتىكى ھامىلىنىڭ 3D پىرىنتلىق مودىلىنى بې
- كورېيەدە شوپۇرسىز تاكسى بارلىققا كەلدى، پات
- ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى تەقلىدىي قۇلاق ياسا
- دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك تىك ئۇچار ئايروپىلان ت