دۇنيا بويىچە تۇنجى كىرئالغۇ
دۇنيا بويىچە تۇنجى كىرئالغۇ
بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كىرئالغۇ ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بىراق كىرئالغۇ ئىجاد قىلىنىشتىن ئىلگىرىكى نەچچە مىڭ يىل مابەينىدە كىشىلەر كىرنى قولدا يۇيۇشقا مەجبۇر بولغان.
1858 - يىلى خامىلتون شىمىس ئىسىملىك بىر ئامېرىكىلىق پىتتىسبورگدا دۇنيا بويىچە تۇنجى كىرئالغۇ تەتقىق قىلىنىپ ياسالغان. بۇ كىرئالغۇنىڭ ئاساسلىق بۆلىكى يۇمىلاق تۇڭ بولۇپ، تۇڭنىڭ ئىچىدە پالاقسىمان چاقپەلەكلىك بىر تىك ئوق بار. ئوق تەۋرىنىش ئارقىلىق ۋە ئۇنىڭغا تۇتاشتۇرۇلغان ئەگرى دەستە بىلەن بىرگە ئايلىنىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا بۇ كىرئالغۇنى ئىشلىتىش قۇلايسىز بولغاننىڭ ئۈستىگە، يۇيۇلغان كىيىملەر زىيانغا ئۇچرىغاچقا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمىگەن بولسىمۇ، بۇ كىرئالغۇ ئىشلىتىشنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كېيىنكى يىلى گېرمانىيىدە ئىچىگە كىيىم ئارىلاشتۇرغۇچ ئورنىتىلغان كىرئالغۇ مەيدانغا كەلگەن، بۇ كىرئالغۇدىكى ئارىلاشتۇرغۇچ يۇقىرى - تۆۋەن ھەرىكەتلەنگەندە پۇرژىنىغا ئورنىتىلغان ياغاچ مىخ كىيىملەرنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە كىرئالغۇنىڭ تەرەققىياتى تېزلىشىپ، سەككىز قىرلىق تۇڭ ئورنىتىلغان قول بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان كىرئالغۇ مەيدانغا كەلگەن، بۇ كىرئالغۇدا كىر يۇيۇشتا ئىچىگە سوپۇن ۋە سۇ قاچىلىنىدۇ، كىر يۇيۇلۇپ بولغاندىن كېيىن سۇ چىقىرىش قۇرۇلمىسى كىيىمنىڭ سۈيىنى سىقىپ چىقىرىدۇ.
تۇنجى ئېلېكترلىك كىرئالغۇنى ئالفاند فىسېر 1910 - يىلى چىكاگودا ئىجاد قىلغان. بىراق بۇ خىل كىرئالغۇ بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن سېتىلىشى ياخشى بولمىغان. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا توك تېخى ئومۇملاشمىغاچقا، ئېلېكترلىك كىرئالغۇمۇ ھەقىقىي يوسۇندا ئومۇملىشالمىغان.
(تەھرىر : سەپەر)
«دۇنيا بويىچە تۇنجى كىرئالغۇ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئەڭ بۇرۇنقى يۇقىرى بېسىملىق قازان
- بېلەككە تاقىۋېلىنىدىغان ئەقلىيفون EmoPul
- ئەڭ بۇرۇنقى قۇلۇپ نەدە ئشلىتىلگەن؟
- ھاۋا تەڭشىگۈچ قانداق ئىجاد قىلىنغان؟
- ئەڭ بۇرۇنقى يۇقىرى بېسىملىق قازان
- دۇنيا بويىچە تۇنجى كىرئالغۇ
- گۇگېل شىركىتى تورداشلار بىلەن پاراڭلىش
- نوبېل مۇكاپاتى ۋە ئۇنڭىغا ئېرىشكەن بىئو
- ئەڭ ئىلغار ماشنا ئادەم ئالەم ئۇچقۇچىسى
- توك ئادەم
- ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئىزچىل ئ
- 3D نۇسخىلاش تېخنىكىسى شىنجاڭغا يېتىپ كەل
- ئالىملار ھەرىكەت قىلىش تېزلىكى نۇر تېزل
- جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى 4Gلىق تورنىڭ مۇش
- ئالما شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق قو
- تۇنجى مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ
- Wi-Fi سىگنالىدا توك تارقىتىشقا بولىدۇ
- بېلەككە تاقىۋېلىنىدىغان ئەقلىيفون EmoPulse بارل
- ئەڭ بۇرۇنقى قۇلۇپ نەدە ئشلىتىلگەن؟
- ھاۋا تەڭشىگۈچ قانداق ئىجاد قىلىنغان؟
- ئەڭ بۇرۇنقى يۇقىرى بېسىملىق قازان
- دۇنيا بويىچە تۇنجى كىرئالغۇ
- گۇگېل شىركىتى تورداشلار بىلەن پاراڭلىشىدىغا
- نوبېل مۇكاپاتى ۋە ئۇنڭىغا ئېرىشكەن بىئولوگىي
- ئەڭ ئىلغار ماشنا ئادەم ئالەم ئۇچقۇچىسى
- توك ئادەم
- ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئىزچىل ئىلگىر
- غۇۋا ئىنىرگيە دىگەن نىمە؟
- دېھقان كەشپىياتچى
- ياسىلىشى غەلىتە 10 خىل رەقەملىك رەسىم ئاپپارا
- نوبېل مۇكاپاتى ۋە ئۇنڭىغا ئېرىشكەن بىئولوگىي
- كەلگۈسى 10 يىلدا دۇنيانى ئۆزگەرتىد
- ئالما شىركىتى نېمىشقا ئالىجاناپلىقىنى يوقىت
- ئاندىرويىد سىستېمىسى ئەسلى سىفىرلىق كامېرال
- ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى يەنە بىر تېخنى
- خاسىيەتلىك مېخانىكا مىدوزا كەشىپ قىلىندى
- نوبىل مۇكاپاتى ۋە ئۇيغۇرلار