بېلەككە تاقىۋېلىنىدىغان ئەقلىيفون EmoPulse بارلىققا كەلدى
يېقىندا،پۈتۈن يەر شارى بويىچە تۇنجى بېلەككە تاقىۋېلىنىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت indiegogo ئاۋام مەبلەغ سېلىش سۇپىسىدا نامايەن قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەتكە سېلىشتۇرغاندا ئالما شىركىتىنىڭ iWatch قاتارلىق ئۈسكۈنىلىرى ھېچنىمە بولۇپ ھېساپلانمايتتى. بۇ خىل EmoPulse Smile دەپ ئاتالغان بىلەك ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائىتىنىڭ لايىھىسىنى داڭلىق لايىھىلىگۈچى نىك كولوسوۋ ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ناھايىتى فانتازىك بولۇپلا قالماي بەلكى ئۇنىڭغا سەپلەنگەن ئېگىلىشچان LCD ئېكرانمۇ ھەم ئادەمنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە چىرايلىق ئىكەن.
ئىقتىدارى جەھەتتىن ئالغاندا، بۇ خىل EmoPulse ناملىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئابونتلارنىڭ سالامەتلىك ھەم يېمەك ئىچمەك ئەھۋالىنى كونتىرول قىلىپلا قالماي بەلكى يەنە ئۇنى تاقىغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىنىمۇ بىلەلەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا EmoPulse ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونى يەنە يانفون ئابونتلىرىنىڭ ئۇيقۇ ھالىتى ھەم سۈپىتىگە ئاساسەن، يانفون ئابونتلىرىنى ئەڭ مۇۋاپىق پەيتتە قوڭغۇراقلىق سائەت ئارقىلىق ئويغىتالايدىكەن. EmoPulse ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائىتى يەنە شۇ كۈنلۈك ھاۋارايى ئەھۋالىغا ئاساسەن يانفون ئېكرانى ھەم ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ئابونتلارنىڭ يانفون ئېكرانى ئۇچۇرلىرىنى ئېنىق كۆرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرەلەيدىكەن. EmoPulse بولسا بىر خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بولۈش سۈپىتى بىلەن يەنە ناھايىتى كۈچلۈك ھەم ئىلغار بولغان تېلىفون سۆزلىشىش، قىسقا ئۇچۇر قۇبۇل قىلىش ھەم ئەۋەتىش شۇنداقلا ئېلخەت ئەۋەتىش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە قىلىنغان ئىكەن.
قاتتىق دېتال سەپلەنمىسى جەھەتتە، EmoPulse ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونىغا ئىككى تال FOLED ئېكران ھەم OMAP 5 لىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىنىلگەن بولۇپ، بۇ يانفونغا يەنە 2GB لىق ئىچكى سىغىم ھەم 128/256GB لىق ساقلاش بوشلۇقى سەپلىنىلگەن ئىكەن. تور ئالاقىسى جەھەتتە EmoPulse ئەقىلىي ئىقتىدارلىق يانفونى 4G、WiFi、FM、GPS、NFC قاتارلىق كۆپ خىل ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىلىرىنى قوللىيالايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا يەنە 9 مىليون پېكسىللىق كامىرا سەپلىنىلگەن ئىكەن.
يۇمشاق دېتال جەھەتتە، EmoPulse ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونىغا ئالما شىركىتىنىڭ iOS مەشغۇلات سېستىمىسى ياكى ئاندىرويىد مەشغۇلات سېستىمىسى ئىشلىتىلمەستىن بەلكى ئۆزلىرى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ چىققان AI مەشغۇلات سېستىمسى ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ خىل مەشغۇلات سېستىمىسى ئىشلىتىلگەن يانفونلارنىڭ مەشغۇلات سۈرئىتى ئادەتتىكى مەشغۇلات سېستىمىسى قوللىنىلغان يانفونلارغا قارىغاندا توققۇز ھەسسە تېز بولىدىكەن.
نۆۋەتتە EmoPulse ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونى يەنىلا مەبلەغ يىغىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ يانفوننىڭ لايىھىلىگۈچىسى نىك كولوسكوۋ ۋەدە بېرىپ، مەبلەغ سالغۇچىلار پەقەت 300 ئامېرىكا دوللىرى يەنە خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 1800 يۇەن مەبلەغ سېلىشنى خالىسىلا 128GB لىق EmoPulse يانفونىدىن بىرگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
(تەھرىر : سەپەر)
«بېلەككە تاقىۋېلىنىدىغان ئەقلىيفون EmoPulse بارلىققا كەلدى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارلا گەپ قىلالايدۇ؟
- بېلەككە تاقىۋېلىنىدىغان ئەقلىيفون EmoPul
- ئەڭ بۇرۇنقى قۇلۇپ نەدە ئشلىتىلگەن؟
- ھاۋا تەڭشىگۈچ قانداق ئىجاد قىلىنغان؟
- ئەڭ بۇرۇنقى يۇقىرى بېسىملىق قازان
- دۇنيا بويىچە تۇنجى كىرئالغۇ
- گۇگېل شىركىتى تورداشلار بىلەن پاراڭلىش
- نوبېل مۇكاپاتى ۋە ئۇنڭىغا ئېرىشكەن بىئو
- ئەڭ ئىلغار ماشنا ئادەم ئالەم ئۇچقۇچىسى
- توك ئادەم
- ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئىزچىل ئ
- 3D نۇسخىلاش تېخنىكىسى شىنجاڭغا يېتىپ كەل
- ئالىملار ھەرىكەت قىلىش تېزلىكى نۇر تېزل
- جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى 4Gلىق تورنىڭ مۇش
- ئالما شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق قو
- تۇنجى مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ
- نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارلا گەپ قىلالايدۇ؟
- بېلەككە تاقىۋېلىنىدىغان ئەقلىيفون EmoPulse بارل
- ئەڭ بۇرۇنقى قۇلۇپ نەدە ئشلىتىلگەن؟
- ھاۋا تەڭشىگۈچ قانداق ئىجاد قىلىنغان؟
- ئەڭ بۇرۇنقى يۇقىرى بېسىملىق قازان
- دۇنيا بويىچە تۇنجى كىرئالغۇ
- گۇگېل شىركىتى تورداشلار بىلەن پاراڭلىشىدىغا
- نوبېل مۇكاپاتى ۋە ئۇنڭىغا ئېرىشكەن بىئولوگىي
- ئەڭ ئىلغار ماشنا ئادەم ئالەم ئۇچقۇچىسى
- توك ئادەم
- غۇۋا ئىنىرگيە دىگەن نىمە؟
- دېھقان كەشپىياتچى
- نوبېل مۇكاپاتى ۋە ئۇنڭىغا ئېرىشكەن بىئولوگىي
- ياسىلىشى غەلىتە 10 خىل رەقەملىك رەسىم ئاپپارا
- ئالما شىركىتى نېمىشقا ئالىجاناپلىقىنى يوقىت
- كەلگۈسى 10 يىلدا دۇنيانى ئۆزگەرتىد
- ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى يەنە بىر تېخنى
- ئاندىرويىد سىستېمىسى ئەسلى سىفىرلىق كامېرال
- خاسىيەتلىك مېخانىكا مىدوزا كەشىپ قىلىندى
- ياغاچ سائەت