ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تىخنىكا ۋە كەشپىيات > تولۇق مەزمۇنى

ئەر ئاياللارنىڭ مېڭە نېرۋىلىرى ئوخشىمايدىكەن، ئاياللار تېخىمۇ سەزگۈر كېلىدىكەن

ۋاقىت : 2013-12-08 18:35 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم


ئەر ئاياللارنىڭ مېڭە نېرۋىلىرى ئوخشىمايدىكەن، ئاياللار تېخىمۇ سەزگۈر كېلىدىكەن

ئەر ئاياللارنىڭ مېڭە نېرۋىلىرى ئوخشىمايدىكەن، ئاياللار تېخىمۇ سەزگۈر كېلىدىكەن

ئەرلەرنىڭ چوڭ مېڭە نېرۋا سىخېمىسى

ئەر ئاياللارنىڭ مېڭە نېرۋىلىرى ئوخشىمايدىكەن، ئاياللار تېخىمۇ سەزگۈر كېلىدىكەن

ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭە نېرۋا سىخېمىسى

چەتئەل تاراتقۇلىرى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئالىملىرى يېقىندا 1000 نەپەر ئەر ئاياللارنىڭ مېڭىسىنى سكاننېرلاپ سىزىپ، مېڭە نېرۋىلىرىنىڭ ئۇلىنىش سخېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن ھەمدە ئۇزۇندىن بۇيان تارقىلىپ يۈرگەن مۇنداق بىر سۆزنى دەلىللىگەن: ئەر ئاياللارنىڭ مېڭە نېرۋىسىدا كۆرۈنەرلىك پەرق بار.

تەتقىقات گۇرۇپپىسى سەككىز ياشتىن 22 ياشقىچە بولغان 428 نەپەر ئەر كىشى ۋە 521 نەپەر ئايال كىشىنىڭ چوڭ مېڭە نېرۋا ئۇلىنىش سخېمىسىنى سىزغان، سېكاننېرلىغان چوڭ مېڭە نېرۋىسىنىڭ قايتىش يول سخېمىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئايال كىشىنىڭ سول مېڭىسى بىلەن ئوڭ مېڭىسى ناھايىتى ياخشى ئۇلانغان، ئەرلەرنىڭ بولسا ئالدى تەرەپ بىلەن كەينى تەرەپ ياخشى ئۇلانغان، سول ۋە ئوڭ تەرەپنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇلانغان يېرى بولسا كىچىك مېڭە، بۇ دەل ئەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ھەرىكەت نېرۋىلىرىنىڭ بىر قەدەر ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە ئاساس بولالايدۇ.

پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋېرما مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق تەجرىبىدە ئادەمنى ئەڭ خۇشال قىلارلىق بايقاش شۇكى بۇرۇن كىشىلەر بايقىغان بىر خاسلىقنى قوللىدى، يەنى ئەرلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى نۇرغۇنلىغان سېزىم ۋە ماسلاشتۇرۇش قىلمىشلىرىنى تاماملىيالايدۇ، ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسى بولسا ئىجتىمائىي ئالاقە تېخنىكا ماھارەتلىرى ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى بىر تەرەپ قىلىشقا پايدىلىق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خېلى كۆپ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ.

ۋېرما مۇنداق دەپ چۈشەنچە بەردى، چوڭ مېڭىنىڭ سول تەرىپى لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلىشقا مەسئۇل، ئوڭ تەرىپى بولسا بىۋاسىتە سېزىم تەپەككۇرىگە مەسئۇل. ئەگەر مۇشۇ ئىككى تەرەپتىكى سېزىمغا چېتىلىدىغان خىزمەت بولۇپ قالسا، ئاياللارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ قايتىش نېرۋىلىرى بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى تاماملىيالايدۇ. «ئاياللارنىڭ بىۋاسىتە سېزىمى ناھايىتى سەزگۈر، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ياخشى. سۆزلەشكەن ۋاقىتتا ئاياللار كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدۇ، پۈتۈن زېھنىنى يىغالايدۇ».

ئۇ تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بۇرۇنقى پەرىزىمىزگە تەجرىبە نەتىجىسىنىڭ شۇنداق ماس كەلگەنلىكىدىن بەك ھەيران قالدۇق. «ئەگەر مەن بىر ئاشپەز ياكى ساتىراش تاپماقچى بولسام، ئۇلارنىڭ سەككىز، توققۇز ئۆلۈشى چوقۇم ئەر كىشى».

بۇ چوڭ مېڭە سخېمىسى ئالىملارنى ئوخشىمىغان جىنسلار ، ئوخشىمىغان ياش پەرقى ئوتتۇرىسىدىكى ساغلاملىق ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرەلەيدۇ. بۇ سخېما ئالىملارنىڭ مېڭە كېسىلى ۋە روھىي كېسەللىكنى داۋالىشىغا پايدىلىق.

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ