دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى كونسېرۋا يېمەكلىكى
كىشىلەرنىڭ يېمەكلىكنى ساقلاپ يېيىشنى باشلىغىنىغا نەچچە مىڭ يىل بولدى، بېلىق ياكى كالا گۆشىگە ئوخشاش بەزى يېمەكلىكلەرنى تۇز سېپىپ ياكى قۇرۇتۇپ ساقلىغىلى بولىدۇ. بەزى ئاقسۆڭەك ئائىلىلىرىدە مۇز ئىسكىلاتا بار بولۇپ گۆش ۋە بېلىقلارنى ساقلىغان.
18-ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا ناپولېئون پونابا قوشۇنلىرى ياۋروپاغا يۈرۈش قىلغان. ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا يېمەكلىكلەر ئاسان بۇزۇلۇپ قالىدىغان بولغاچقا، ھەربىي قوشۇندا دائىم تەمىنات ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن 1795 - يىلى ناپالېئون يېمەكلىكنى يېڭى پېتى ساقلاش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى 12 مىڭ فرانك بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
پارىژدىكى قەنت-كېزەك سودىگىرى ۋە بولكا ئۇستىسى نىكۇلاي ئالبېرت بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن 14 يىل قايتا قيتا تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا قاينىتىپ پىشۇرۇلغان كۆكتاتقا ئوخشاش سۇيۇق ھالەتتىكى يېمەكلىك ۋە مالىناغا ئوخشاش ئۇششاق مېۋىلەرنى ھاراق قۇتىسىغا سېلىپ ئېغىزىنى ھىم ئېتىپ قايناق سۇدا قىزدۇرغاندا ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
فرانسىيە قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىلىرى بۇ خىل ئۇسۇلدا ساقلانغان يېمەكلىكلەرنى ياقتۇرۇپ قالغان. نىكۇلاي ئالبېرت مۇكاپاتلانغان ۋە فرانسىيە قوراللىق قىسىملىرىنى قۇتىلىق شورپا ۋە كۆكتات بىلەن تەمىنلەش ھەققىدىكى چوڭ سوممىلىق توختامغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ نىكۇلاي ئالبېرت ۋە ئۇ تەتقىق قىلىپ ياسىغان يېمەكلىك قاچىلانغان قۇتىلار پارىژنى زىل - زىلىگە كەلتۈرگەن، ئۇنىڭ يېمەكلىك قاچىلانغان قۇتىلىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى كونسېرۋا يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ. كېيىن يوھان خول ۋە بلايىن دونكىن قاتارلىق ئىككى ئەنگلىيىلىك ئەينەك قۇتىنىڭ ئورنىغا نېپىز بىر قەۋەت قەلەي بىلەن قاپلانغان تۆمۈر قۇتا ئىشلىتىپ قۇتىدىكى ھاۋانىڭ چىقىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قۇتىنىڭ ئاغزىنى قەلەي بىلەن ھىملىغان.
(تەھرىر : سەپەر)
«دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى كونسېرۋا يېمەكلىكى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئەڭ بۇرۇنقى بوياق ماتېرىيالى
- ئەڭ بۇرۇنقى بوياق ماتېرىيالى
- دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى كونسېرۋا يېمەك
- يانفوننى 3D لىق سىكانىرلاش ماشىنىسىغا ئا
- سامسۇڭ Galaxy S5 كە سۇدىن,چاڭ-توزا
- ئالىملار ئەقلىي ئىقتىدار بىل
- Mino ئەقلىي ئىقتىدارلىق بوۋاقلار كىيىمى ئ
- 2013-يىلدىكى ئون چوڭ ئالىم
- دۇنيادىكى تۇنجى سۈنئىي يۈرەك كۆچۈرۈش ئو
- شىنجاڭدىكى ئالىملار دۇنياۋىي قىيىن مەس
- بوۋاقلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن iPad ئورۇندۇ
- ياپونىيەدە يول ماڭغاندا يانفون ئويناپ م
- 5G تېخنىكىسى ئالاقە ساھەسىدىكى يېڭى قىزى
- ئەر ئاياللارنىڭ مېڭە نېرۋىلىرى ئوخشىما
- WiFi سىگنالىنى ئۆتكۈزمەيدىغان تام قەغىزى
- يانفونغا ئىكرانى ئارقىلىق توك قاچىلاش
- نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارلا گەپ قىلالايدۇ؟
- ئەڭ بۇرۇنقى بوياق ماتېرىيالى
- دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى كونسېرۋا يېمەكلىكى
- يانفوننى 3D لىق سىكانىرلاش ماشىنىسىغا ئايلاند
- سامسۇڭ Galaxy S5 كە سۇدىن,چاڭ-توزاندى
- ئالىملار ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن
- Mino ئەقلىي ئىقتىدارلىق بوۋاقلار كىيىمى ئوتتۇر
- 2013-يىلدىكى ئون چوڭ ئالىم
- دۇنيادىكى تۇنجى سۈنئىي يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېرات
- شىنجاڭدىكى ئالىملار دۇنياۋىي قىيىن مەسىلە __
- بوۋاقلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن iPad ئورۇندۇقى كۈچ
- نوبېل مۇكاپاتى ۋە ئۇنڭىغا ئېرىشكەن بىئولوگىي
- غۇۋا ئىنىرگيە دىگەن نىمە؟
- دېھقان كەشپىياتچى
- ياسىلىشى غەلىتە 10 خىل رەقەملىك رەسىم ئاپپارا
- ئالما شىركىتى نېمىشقا ئالىجاناپلىقىنى يوقىت
- نوبىل مۇكاپاتى ۋە ئۇيغۇرلار
- كەلگۈسى 10 يىلدا دۇنيانى ئۆزگەرتىد
- ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى يەنە بىر تېخنى
- 2013-يىللىق نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا 3 ئامېرىكىل
- زامان-ماكان يوشۇرۇنۇش كىيىمى