ئوقۇغۇچىلاردا ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يېتىلدۈرۈشكە
ئوقۇغۇچىلاردا ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
ئايگۈل ئابدۇكېرىم
يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىدا ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يېتىلدۈرۈش، ئۇلارنى ئاساسىي بىلىم ۋە ئاساسىي ماھارەتكە ئىگە قىلىش ھەم ئۇلاردا ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش قىزغىنلىقى قوزغاپ، ئۆمۈر بويى ئۆگىنىدىغان ئىقتىدار ھازىرلاشقا تۈرتكە بولۇش تەكىتلەندى. لېكىن، دىققىتىنى يىغالمايدىغان، كەيپىياتى تېز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلاردا ئۆگىنىش، ئىزدىنىش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، قىزىقىش قىزغىنلىقىنى يېتىلدۈرۈش ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس. ئۇنداقتا، بۇ نىشانغا قانداق يەتكىلى بولىدۇ؟
. 1 ئوقۇغۇچىلارغا يېقىنلىشىش ھەم ئۇلارغا ئۈلگە بولۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچى ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە بولغاندىن باشقا، كەڭ دائىرىلىك قىزىقىشقىمۇ ئىگە بولۇشى، شۇنداقلا بۇ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى دەرس مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئوقۇغۇچىلارغا جايىدا نامايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلەش، قايىل بولۇش ھېسسىياتىنى قوزغىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، ئوقۇغۇچىلاردا ‹‹ئوقۇتقۇچۇمغا ئوخشاش بىلىملىك ئادەم بولىمەن››، دەيدىغان ئىرادە تۇرغۇزۇشقا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.
. 2 ئوقۇغۇچىلار بىلەن سىردىشىش كېرەك. ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا ياكى دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا يېقىنلىشىپ، ئۇلار بىلەن ئائىلە، ئۆگىنىش ئەھۋالى، دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلىرى ئۈستىدە پات – پات سىردىشىپ بەرسە، گىزى كەلگەندە ھېكايە، چۆچەكلەرنىئېيتىپ بەرسە، ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرالايدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئەركىن سىردىشىدىغان كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىغا تۈرتكە بولالايدۇ.
. 3 دەرسخانىنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك. قىزىقىش ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە يېتەكلەيدىغان كۈچلۈك قوزغاتقۇچتۇر. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىتىش ئۈچۈن، دەرسنى جانلىق ئۆتۈش، دەرس مەزمۇنىنى ئەركىن سۆزلەش بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلاردىن ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن سوئال سوراش، قەستەن بۇرمىلاپ سوئال سوراش ئارقىلىق ئۇلارنى ئىزدىنىشكە، پىكىر يۈرگۈزۈشكە يېتەكلىشى لازىم.
. 4 ئوپچە ئۆگىنىشكە يېتەكلەش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، دوراش پېسخىكىسى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى قىزىقىشى، ئالاھىدىلىكى، دەرس ئۆزلەشتۈرۈش ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلاشقان ئاساستا بىر نەچچە گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، مۇزاكىرىگە، مۇنازىرىگە، تاپشۇرۇق ئىشلەشكە ئۇيۇشتۇرسا، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان تەشەببۇسكارلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
. 5 ئارتۇقچىلىقنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ھەممە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى، ئۆگىنىش پوزىتسىيەسى ئوخشاش بولمىغىنى بىلەن، ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قىزىقىشى، ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەشكە، لايىقىدا ماختاشقا، ئۆزئارا ياردەم بېرىشكە تەشكىللەشكە ماھىر بولسا، ھەممە ئوقۇغۇچىنى ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇش ئاساسىدا ئۆگىنىشكە يېتەكلەش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.
. 6 ئۈلگىلەرنىڭ ھېكايىلىرىنى، يەنى پار ماشىنىسىنىڭ كەشپىياتچىسى ۋات، خىمىيە ئالىمى نوبېل، كەشپىياتچى ئېدىسون، پىرولېتارىيات يازغۇچىسى گوركىي قاتارلىق مەشھۇر زاتلارنىڭ قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ئۆگىنىپ نەتىجە قازىنىشى ھەققىدىكى قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا كۆپلەپ ئېيتىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلاردا تىرىشىپ ئۆگەنسىلا نەتىجە ياراتقىلى بولىدىكەن، دېگەن ئاڭ يېتىلدۈرۈش كېرەك.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«ئوقۇغۇچىلاردا ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يېتىلدۈرۈشكە»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ رىقابەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردا ئىشەنچ يې
- بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلىگەندە
- بالىلارنى كۆپ سۆزلىتىشكە يىتەكلەيدىغان
- يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن
- مۇئەللىم، قوپاللىقىڭىزنى ئۆزگەرتەلەمس
- دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يې
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىگ
- مېنى كەچۈرسىلە مۇئەللىم
- قاردىكى قىز
- مائارىپ = ياخشى ئادەت
- مەن ئۇلارنى ئۆز بالىلىرىمدەك ياخشى كۆرد
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چ
- ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئائىلە باشلىقلىرىنى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى
- قانداق قىلغاندا دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردا ئىشەنچ يېتىلدۈ
- بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلىگەندە يېمەك
- بالىلارنى كۆپ سۆزلىتىشكە يىتەكلەيدىغان سۇئا
- يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغ
- مۇئەللىم، قوپاللىقىڭىزنى ئۆزگەرتەلەمسىز؟
- دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلە
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىگە سەل
- مېنى كەچۈرسىلە مۇئەللىم
- قاردىكى قىز
- مائارىپ = ياخشى ئادەت
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چۈشىنى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- ئوقۇغۇچىلاردىكى پىسخىك چارچاش ئەھۋاللىرىنى
- مۇئەللىم ، يۇرەك سۆزلىرىمىزنى ئاڭ
- بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا ياز
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزى(كۆرۈپ ق
- سەبىيلەر كۆڭلىدىكى سۆزلەردىن تۇغۇ
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چۈشىنى
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- سەبىيلەر كۆڭلىدىكى سۆزلەردىن تۇغۇ
- ئوقۇتقۇچىلار قىلىشقا تېگىشلىك
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- مائارىپ = ياخشى ئادەت
- ھارمىغايسىز مۇئەللىم . . .
- يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغ
- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىدىيە–ئەخلا
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياكى « ئۆ