پەنلەر ئوقۇتۇشىمائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپىنى بەرپا قى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-12 11:01 مەنبەسى: ئاپتورى: nur414 كۆرۈلۈشى: قېتىم
قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ
تەلەي +1

 

قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ

 

سىنىپ مۇدىرىغا نىسبەتەن ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان سىنىپنى بىر ياخشى سىنىپ كوللېكتىپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش - چىقالماسلىق سىنىپ مۇدىرىلىق  خىزمىتىنى ئۆلچەيدىغان بىر مۇھىم ئۆلچەم بولۇپ، ياخشى سىنىپ كوللېكتىپى بەرپا قىلىش كۆپ تەرەپلىك ئامىللارغا باغلىق بولسىمۇ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىگەندە، بىر ياخشى سىنىپ كوللېكتىپى بەرپا قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  1. ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئىدىيە - ئەخلاق تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، ياخشى كەيپىيات يارىتىش لازىم. سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە - ئەخلاق تەربىيىسىنى ياخشى ئىشلەپ، سىنىپ كوللېكتىپىدا يۈز بەرگەن ئىشلارغا توغرا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ھەق - ناھەق قارىشى، قىممەت قارىشى ۋە تۇرمۇش قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا ياردەم بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا مەسىلىنى ئەتراپلىق، توغرا ئانالىز قىلىش ۋە ھەل قىلىش ھەققىدە تەربىيە بېرىپ، ساغلام ئىدىيىۋى كەيپىياتنى بەرپا قىلىشى لازىم.

  2. سىنىپ كادىرلىرىنى تەربىيىلەش ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بىر سىنىپ كوللېكتىپىدا سىنىپ كادىرلىرى خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىشلىنىش - ئىشلەنمەسلىكى سىنىپنىڭ خىزمىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىنىپ مۇدىرلىرى سىنىپ كادىرلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى تونۇپ يېتىپ، مۇنەۋۋەر سىنىپ كادىرلىرىنى ئاڭلىق تەربىيىلىشى ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈش لازىم. سىنىپ كادىرلىرىنى تاللاشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكرىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش، ئوقۇغۇچىلار ئىشىنىدىغان ئوقۇغۇچىنى سىنىپ كادىرى قىلىپ تاللاش ۋە سىنىپ كادىرلىرىنىڭ خىزمىتىنى قوللاش، يېتەكلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش لازىم.


  3. سىنىپ كوللېكتىپىنىڭ ئىنتىزام، تازىلىق خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك. بىر سىنىپ كوللېكتىپىنىڭ ئىنتىزامى - ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ كاپالىتى، تازىلىق - ئۆگىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. شۇنىڭ ئۈچۈن سىنىپ مۇدىرى ئۆگىنىشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىرگە، ئىنتىزام ۋە تازىلىقنىمۇ ياخشى تۇتۇپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىدا ياخشى ئىنتىزام، تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، سىنىپ كوللېكتىپى ئۈچۈن ياخشى ئۆگىنىش مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك.

  4. ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك پايدىلىق پائالىيەتلەرگە  دائىم تەشكىللەش كېرەك. بىر سىنىپ كوللېكتىپىدا مۇئەييەن ئۇيۇشۇش كۈچى بولۇشى كېرەك. تۈرلۈك پايدىلىق پائالىيەتلەرنى دائىم ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللېكتىپ شان - شەرەپ تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. سىنىپ مۇدىرى دەرستىن سىرتقى ۋاقىتتا ۋە ھېيت - بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك پايدىلىق پائالىيەتلەرگە تەشكىللىشى كېرەك. پائالىيەتنى ۋاقتىدا خۇلاسە قىلىش، پائالىيەتكە ئىدىيىۋى تەربىيە سىڭدۈرۈش لازىم. بۇنداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى تۇرمۇشىنى بېيىتىپلا قالماستىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە رىقابەت ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

  5. ئوقۇغۇچىلارنى دادىل سىناپ بېقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش لازىم. ئوقۇغۇچىلارغا ئىشىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپ مۇدىرى بولۇپ بېقىشقا، ئوقۇتقۇچى بولۇپ بېقىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارغا بىرەر تۈرلۈك خىزمەتنى تاپشۇرغاندا، تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىنى ئىزدىنىش، سىناپ بېقىشقا قوزغاپ، ئۇلارنى ئەمەلىيەت جەريانىدا كۆپرەك تەجرىبە توپلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش لازىم.

  6. سىنىپ مۇدىرى دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن كۆپرەك ئالاقە قىلىپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئالدىدىكى ئىپادىسى ئوخشاش بولمايدۇ. مانا بۇ، سىنىپ مۇدىرىدىن دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆپرەك ئىگىلەپ، ئەھۋالغا قاراپ تەربىيە بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ پائال ماسلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى سىنىپ كوللېكتىپىنى تەشكىللەش ۋە بەرپا قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

 

 

 

 

تەھىرلىگۇچى:يانتاق

更多

nur414نىڭ باشقا تېمىلىرى:


[مائارىپ ۋە رىئاللىق] قانداق قىلغاندا ياخشى سىنىپ كوللېكتىپىنى بەرپا قى [ 2012-09-12 11:01:51 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] سىنىپ مۇدىرلىقنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىم [ 2012-09-12 10:59:37 ]
[قانۇن تۇزۇم] جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى [ 2012-09-11 12:05:24 ]
[پەنلەر ئوقۇتۇشى] ئوقۇتقۇچىلار قوللانمىسى ئىلىكتىرونلۇق نوسخىسى( ئو [ 2012-09-07 23:07:36 ]
[پەنلەر ئوقۇتۇشى] 高中信息技术必修部分要点模拟题 [ 2012-09-07 23:00:41 ]
[پەنلەر ئوقۇتۇشى] 多媒体技术应用知识要点 [ 2012-09-07 22:55:33 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] تولۇق ئوتتۇرا ئۇچۇر تېخنىكا زۆرۈر دەرسلىك [ 2012-08-29 17:58:09 ]



ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
nur414 تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-03-29 17:03 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2012-09-21 16:09
تەۋسىيەلەر