پەنلەر ئوقۇتۇشىمائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

سىنىپ مۇدىرلىقنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىم

يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-12 10:59 مەنبەسى: ئاپتورى: nur414 كۆرۈلۈشى: قېتىم
سىنىپ مۇدىرلىقنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىم
تەلەي +1

 

سىنىپ مۇدىرلىقنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىم 

2009
يىل5 ئاينىڭ2 كۈنى 16:01 شىنجاڭ گېزىتى 

 
ئابلىمىتئەمەت
      ئوقۇغۇچىلارنى ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپى بويىچە تەربىيىلەشتەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئوقۇغۇچىلارنى بىلىملىك، ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك،مەدەنىي بولغان ئىز باسارلاردىن بولۇپ تەربىيىلەپ چىقىش سىنىپ مۇدىرىنىڭ بۇرچى،بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىشتا سىنىپ مۇدىرى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىشىكېرەك:

    1.
سىنىپ مۇدىرىدا ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانئىقتىدار بولۇش بىلەن بىللە، مۇكەممەل بولغان ئۇنىۋېرسال كەسپىي ساپا بولۇشى كېرەك. چۈنكى، سىنىپ مۇدىرى ئۆزىگە تەقسىم قىلغان دەرسنى ئۆتكەندىن باشقا، سىنىپكوللېكتىپىنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بۇنداق قوش ۋەزىپىنىڭھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن، سىنىپ مۇدىرى ئۆزىنىڭ كەسپىي بىلىمىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ،يېڭىلاپ تۇرۇش بىلەن بالىلار تەربىيىسى، پسىخولوگىيە، پىداگوگىكا ئىلمىگە دائىرماتېرىياللارنى كۆرۈپ، بالىلارنى چۈشىنىشى ۋە توغرا يولغا يېتەكلىشى كېرەك.

    2.
ئوقۇغۇچىلار ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالى،ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ساپاسى قاتارلىق تەرەپلەر بىلەن تونۇشۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىكەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە باھا بېرەلەيدىغان، مىجەز خاراكتېرى، زېھنىقابىلىيىتى، قىزىقىشى قاتارلىق تەرەپلەرگە تەڭ ئەھمىيەت بېرەلەيدىغان بولۇشىكېرەك.

    3.
سىنىپ يىغىنى ئېچىش ۋە سىنىپ يىغىنىنىڭ شەكلىنى يېڭىلاش،مەزمۇنىنى ھەر تەرەپلىمە بېيىتىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. چۈنكى، سىنىپ يىغىنىسىنىپمۇدىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيىۋى تەربىيە بېرىدىغان، ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغانمۇھىم تەربىيە شەكلى بولۇپ، ئەھمىيەتلىك ئېچىلغان سىنىپ يىغىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈنمۇھىم ئاساس سالىدۇ. شۇڭا، سىنىپ يىغىنىنىڭ مەقسىتى ئېنىق، تەربىيىنىڭ قاراتمىلىقىكۈچلۈك بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

    4.
سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارئالدىدا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى، بۇ ئارقىلىق ۋەدىدە تۇرۇشتا ئۈلگە بولۇشىكېرەك. مەيلى دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچى بولسۇن ياكى دەرستە ناچار، تەرتىپسىز ئوقۇغۇچىبولسۇن، ھەممە ئوقۇغۇچىغا ئادىل، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى، ئورتاق كۆيۈنۈشى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي ھالىتىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بايقىغان ھامان شۇ ئوقۇغۇچىبىلەن ئايرىم سىردىشىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈننى يېشىشىگە ياردەم قىلىشى،رىغبەتلەندۈرۈشنى ئاساس قىلىپ، تەنقىد قىلىشتىن ئامال بار ساقلىنىشى كېرەك.

    5.
ئائىلىدىكى تەربىيىلىنىش مۇھىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىندەرستە چېكىنىپ كېتىۋاتقان، يامان ئىللەتلەرنى يۇقتۇرۇۋېلىپ پسىخىك جەھەتتەئۆزگىرىپ كېتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلاغا قارىتا كەمسىتىش، يەكلەش پوزىتسىيىسىنىتۇتماستىن، ئۇلارغا ئاتا ئانىسىدەك كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇق قىلىشى، باشقائوقۇغۇچىلارنىمۇ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە يېتەكلەپ، ئۇلارغا سىنىپ كوللېكتىپىنىڭئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك.
تەھىرلىگۇچى:يانتاق

更多

nur414نىڭ باشقا تېمىلىرى:


[مائارىپ ۋە رىئاللىق] سىنىپ مۇدىرلىقنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىم [ 2012-09-12 10:59:37 ]
[قانۇن تۇزۇم] جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى [ 2012-09-11 12:05:24 ]
[پەنلەر ئوقۇتۇشى] ئوقۇتقۇچىلار قوللانمىسى ئىلىكتىرونلۇق نوسخىسى( ئو [ 2012-09-07 23:07:36 ]
[پەنلەر ئوقۇتۇشى] 高中信息技术必修部分要点模拟题 [ 2012-09-07 23:00:41 ]
[پەنلەر ئوقۇتۇشى] 多媒体技术应用知识要点 [ 2012-09-07 22:55:33 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] تولۇق ئوتتۇرا ئۇچۇر تېخنىكا زۆرۈر دەرسلىك [ 2012-08-29 17:58:09 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
nur414 تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-03-29 17:03 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2012-09-12 10:09
تەۋسىيەلەر