پەنلەر ئوقۇتۇشىمائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ئەنئەنىمىز مۇنداق ئىدى ! 4

يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-16 00:33 مەنبەسى: ئاپتورى: قاراۋۇل كۆرۈلۈشى: قېتىم
ناۋادا بىز ھاياتلىق قەدىمىمىزنى زاماننىڭ رېتىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ ئادىمىيلىك ئۆلچەملىرىگە يېتىش، مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ لاياقەتلىك ئەر
تەلەي +1

 

 4.مېھماندارچىلىق ئەدەبلىرى

ئەگەر ئۆيىڭىزگە بىرەر ئادەمنى تەكلىب قىلغان بولسىڭىز ياكى چاقىرمىغان بولسىڭىزمۇ كۆڭلى تارتىپ سىز بىلەن بىردەم - يېرىمدەم ھال-مۇڭ قىلىشقىلى ئۆيىڭىزگە كەلگەن بولسا ( كېلىشىدىن خەۋىرىڭىز بولمىغان تەقدىردىمۇ ) ، سىز مېھماننى خۇشخۇي ، خۇشپېئىل قارىشى ئېلىپ ھۈرمەت بىلەن كۈتۈۋېلىڭ ، سالام بېرىپ كۆرۈشۈڭ ، يوقلاپ كەلگىنى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ ، ئىچكىرىگە تەكلىب قىلىپ تۆرگە ئولتۇرغۇزۇڭ . ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن دەرھال دەستۇرخان سېلىپ تائام كەلتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىڭ . ناننى يېتەرلىك قىلىپ ئۇشتۇڭ ، كۆپ ئۇشتۇپ قويسىڭىز نان ئىسراپ بولىدۇ ، ئىسراپخورلۇقتىن ساقلىنىڭ . مېھماننى « قېنى ، مەزەلەرگە بېقىڭ » دەپ تەكلىب قىلىڭ ۋە ئەۋۋەل ئۆزىڭىز باشلاپ بېرىڭ. مېھماندىن ئەۋۋەل قولىڭىزنى تائامدىن تارتىۋالماڭ ، ئاز - ئازدىن بولسىمۇ بىرلىكتە يېگەچ تۇرۇڭ ، بولمىسا مېھمان خىجىل بولۇپ قېلىپ تائامدىن قولىنى تارتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ . مېھماننى « قېنى ئېلىڭ ، بېقىڭ » دەپ ھەددىدىن زىيادە قىستاۋەرمەڭ ، ئۈچ قېتىم تەكلىب قىلىپ قويسىڭىز كۇپايە . دەستۇرخانغا قويۇلغان تائام ئاز بولسا ئۆزىڭىز ئاز - ئاز ئېلىپ كۆپىنى مېھمانغا يېگۈزۈڭ . مېھمان تويۇپ تائامدىن قول تارتقاندىن كېيىن دەرھال قولىغا سۇ قۇيۇپ پاكىز لۈڭگە بېرىڭ . مېھمان بىلەن سىردىشىپ ئولتۇرغاندا ئۇنىڭ روھىي ھالىتىگە دىققەت قىلىپ سۆزلەڭ ، ئۇ كۆتۈرەلمىگىدەك سۆزلەر ئېغىزىڭىزدىن چىقىپ كەتمىسۇن، بولمىسا بەزى سۆزلىرىڭىز ئۇنىڭغا تېگىپ كېتىشى مۇمكىن . مېھمان ئالدىدا ئائىلە ئەزالىرىڭىزدىن بىرەرىنى دۈشكەللەپ ياكى ئەيىبلەپ ۋە ياكى قاتتىق سۆزلەرنى قىلىپ سالماڭ ، بۇنداق بولۇپ قالسا مېھماننىڭ كۆڭلىگە تۈرلۈك ئويلار كېلىپ قېلىشى مۇمكىن . مېھمان كەتمەكچى بولۇپ ئورنىدىن تۇرسا ئۇنى ئىشىككىچە ئۇزىتىپ چىقىپ ، ئۇنىڭغا سالامەتلىك تىلەپ خوشلىشىڭ ۋە يەنە كېلىپ مېھمان بولۇپ تۇرۇشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۆتۈنۈڭ . ناۋادا سىز كۆپ كىشىنى مېھمانغا چاقىرغان ياكى بىرنەچچە كىشى ئۇشتۇمتۇت كېلىپ قالغان بولسىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرىدىكى مېھماندارچىلىق ئەدەبلىرىگە رىئايە قىلىڭ ، قولىڭىزدىن كېلىشىچە ئۇلارنى خۇش قىلىشقا تىرىشىڭ.

 5. مېھماننىڭ ئىززىتى
ئەگەر بىراۋلار سىزنى ھۈرمەتلەپ ۋە ئىززەتلەپ توي ، زىياپەت ، مەرىكىلەرگە چاقىرسا چوقۇم بېرىڭ . بىرەر زۆرۈر ئىشقا تۇتۇلۇپ قېلىپ بېرىشقا ئىمكان بولماي قالسا ئۆزرە ئېيتىپ كەچۈرۈم سوراڭ ۋە ئۆزىڭىزگە ئىززەت - ئېكرام كۆرسىتىپ ، ھۈرمەت - ئىززەت قىلىپ چاقىرغانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈرىڭىزنى بىلدۈرۈڭ . تەكلىب قىلىنمىغان بىرەر كىشىنى توي ، زىياپەت ۋە باشقا مەرىكىلەرگە ھەرگىز بىللە ئېلىپ بارماڭ . توي ، زىياپەت ۋە مەرىكىلەرگە بېرىشتىن ئىلگىرى ئاتالار سۆزلىرى بويىچە ئازراق بىر نەرسە يەۋېلىڭ .ئۇ يەردە ئاچكۆزلۈك قىلىپ تاماقنى ھەدەپ يەۋېرىش ئەيىب سانىلىدۇ. ساھىبخان دەستۇرخانغا نېمە كەلتۈرسە ئۇنى ئېترازسىز يەڭ . دەستۇرخانغا كەلتۈرۈلگەن نازۇ - نېئىمەتلەرنىڭ بىر قىسىمىنى ساھىبخاننىڭ رۇخسىتىسىز ئۆيىڭىزگە ئېلىپ كەتمەڭ ، بۇ بەك ئۇيات ئىش . مېھمانلاردىن ئاشقان تائاملارنى تەۋەررۈك ، دەپ زورلاپ بىر - بىرىگە يېگۈزۈش بولمىغۇر قىلىق ، بۇنىڭدىن قاتتىق ساقلانماق كېرەك. زىياپەت تۈگىگەندىن كېيىن ئەزمىلىك قىلىپ سۆزلىشىپ ئولتۇرۇۋەرمەي ساھىبخانغا رەھمەت ئېيتىپ قايتىشقا ئىجازەت سوراش

تەھىرلىگۇچى:admin

قاراۋۇلنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[مائارىپ ۋە رىئاللىق] بەدەن ، مودا ۋەكىملىك [ 2012-02-16 00:54:10 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئىنتىزام -كەسىپنى قەدىرلەشنىڭ ئاساسىدۇر [ 2012-02-16 00:42:17 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] يىلدىن كىيىنمۇ كارغا كېلىدىغان ئادەم [ 2012-02-16 00:38:13 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئەنئەنىمىز مۇنداق ئىدى ! 5 [ 2012-02-16 00:35:02 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئەنئەنىمىز مۇنداق ئىدى ! 4 [ 2012-02-16 00:33:57 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئەنئەنىمىز مۇنداق ئىدى ! 3 [ 2012-02-16 00:33:00 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئەنئەنىمىز مۇنداق ئىدى ! 2 [ 2012-02-16 00:31:24 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئەنئەنىمىز مۇنداق ئىدى ! 1 [ 2012-02-16 00:29:25 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] 1950يىلدىن بۇيان دۇنياغا زور تەسىر كۆرسەتكەن 10 ئادەم [ 2012-02-16 00:28:11 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] قىزىقارلىق سېلۇشتۇرما [ 2012-02-16 00:26:44 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
قاراۋۇل تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 2012-02-15 22:02 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2012-02-16 00:02
تەۋسىيەلەر