![]() |
ئەنئەنىمىز مۇنداق ئىدى ! ئىلاۋە : ئەچۈ-ئۇغۇشلار(بابايى-ئەجدادلار)نىڭ ئىنسانىي سۈپەتلىرى ئەۋلادلار ئويغار(مەدەنىيەت )ساپاسىنىڭ ئۈلگىسىدۇر. تارىخ مىللىتىمىز ئەقىل-پاراسىتىنىڭ چوغيالىن (ئاجايىب كاتتا) جەۋھەرلىرىنى ئالپ (بۈيۈك)ئەچۈ-ئۇغۇشلارنىڭ ئۆركى (ئېسىل) سۆزى بولمىش پەندى-نەسىھەتلىرىگە مۇجەسسەملىگەن. ناۋادا بىز ھاياتلىق قەدىمىمىزنى زاماننىڭ رېتىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ ئادىمىيلىك ئۆلچەملىرىگە يېتىش، مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ لاياقەتلىك ئەركانلىرىغا ئايلىنىش مۇددىئاسىدا بولساق، شۈبھىسىزكى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھېكمەتكە تويۇنغان سۆزلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، مەۋجۇدلۇق مىزانلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە مۇھتاجمىز. ئۆركى ئەخلاق، مۇناسىپ ئەدەب-قائىدە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك زىننىتىدۇر. زامان تەرەققىي قىلىپ مەيلى قايسى دەرىجىگە يەتسۇن، ئىقتىسادىي رىقابەت ئىنسانلار ئىدېئولوگىيىسىدە مەيلى قانداق تەۋرىنىش ، ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلسۇن، زامان مەككارلىرى مەيلى قانداق ھىيلە-مىكىرلىرى بىلەن ئىنسانىيەتنى ئالدىسۇن ، جەمئىيەت يەنىلا ئۆركى ئەخلاققا مۇھتاجدۇر ! 1. سالاملىشىش قائىدىسى تونۇش ياكى ناتونۇش ئىككى كىشى ئۆزئارا ئۇچرىشىپ قالسا بىر-بىرلىرى بىلەن سالاملاشمىقى ئىنتايىن زۆرۈر. تونۇشلار ئۇچراشقاندا سالاملىشىپلا قالماي يەنە بىر-بىرىنىڭ ھال-ئەھۋالىنى سوراشلىرى لازىم. بىر كىشى ئىككىنچى كىشىگە سالام بەرسە ئىككىنچى كىشى دەرھال ئىلىك ئېلىپ سالامنىڭ جاۋابىنى بەرگەي. سالام بەرگۈچى سالامنى «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دەپ تولۇق ئېيتقاي، «ئەسسالام ئەلەيكە» دېيىشى دۇرۇست ئەمەس، «سالام ئەلەيكۇم» ياكى «سالام» ۋەياكى «ئەلەيكەس سالام» ۋەھەم «سالام بەردۇق» دېيىشكە زىنھار بولمايدۇ. سالامنىڭ جاۋابى « ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام» بولۇپ، بۇنى «ئەلەيكۇل سالام» ، «ئەلەيكەس سالام» ياكى پەقەت «ئەلەيكۇم» دەپلا قويۇش توغرا ئەمەس. «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» ئەرەبچە سۆز بولۇپ، «سىزگە تىنچ-ئامانلىق بولسۇن» دېمەكتۇر. «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام» بولسا «سىزگە ھەم تىنچ-ئامانلىق بولسۇن» دېمەكتۇر. سالاملاشقاندا باشنى ئەگمەستىن ئىككى قولنى كۆكرەككە قويۇپ سالام بېرىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. نۇرغۇن ئادەمگە ئۇچرىشىپ قالغان كىشى ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ئايرىم-ئايرىم سالام بېرىپ يۈرمەي ھەممىگە قاراپ بىرلا سالام بەرسە شۇ كۇپايە. ياشتا كىچىك كىشى چوڭ ياشتىكى كىشىگە ، مېڭىپ كېتىۋايتقان كىشى ئولتۇرغان كىشىگە سالام بەرمىكى بەرھەقتۇر. كەمسىتىپ ، كۆزگە ئىلمىغاندەك ھىجىيىپ سالام بېرىش ئەدەبسىزلىكتۇر. سالام سەمىمىي بولسۇن. سالام ئالغان كىشى بېشىنى قىمىرلىتىپلا قويماسلىقلىرى لازىم. سالامنىڭ جاۋابىنى ھۈرمەت بىلەن تەلتۆكۈس ئاڭلىتىپ دېيىش كېرەك. ناۋادا بىر كىشى تونۇشىنى يىراقتىن كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىش ئىلاجىنى قىلالمىسا، شۇ جايدا تۇرۇپ ، قولىنى كۆكسىگە قويۇپ سالام ئىشارىسىنى قىلسا بولىدۇ. قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە، قولنىڭ ئۇچىنىلا بېرىپ كۆرۈشۈش بەكمۇ ئەدەبسىزلىكتۇر. بۇنداق قىلىش سالام بەرگەن كىشىنى كەمسىندۈرگەنلىك ۋە كۆزگە ئىلمىغانلىقتۇر. كۆرۈشمىگىنىگە ئۇزاق بولغان كىشىلەر قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشلىرى لازىم. تەھىرلىگۇچى:admin
|