ئەنئەنىمىز مۇنداق ئىدى ! 3
يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-16 00:33 مەنبەسى: ئاپتورى: قاراۋۇل كۆرۈلۈشى: قېتىم
ناۋادا بىز ھاياتلىق قەدىمىمىزنى زاماننىڭ رېتىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ ئادىمىيلىك ئۆلچەملىرىگە يېتىش، مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ لاياقەتلىك ئەر
 |
 |
3.ئىجازەت سوراش ئەدەبلىرى بىراۋنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇ كىشى بىلەن كۆرۈشۈش ۋە بىرەر ئىش توغرىسىدا سۆزلەشمەكچى بولغانلارنىڭ ئىشىكتىن كىرگىچە ئىشىكنى چېكىپ ئۆي ئىگىسىدىن ئىجازەت ئالمىقى لازىمدۇر. ئۈن-تىنسىز ، شەپە چىقارماي ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرىش ئۇچىغا چىققان ئەدەبسىزلىك ۋە تەربىيىسىزلىكتۇر. ئاۋۋال ئىشىك ئاستاراق چېكىلمىكى كېرەك، ئىچكىرىدىن تاۋۇش چىقمىسا بىرئازدىن كېيىن يەنە چېكىڭ، ئەنە شۇنداق ئۈچ قېتىم چېكىلگەندىن كېيىنمۇ ئۆي ئىچىدىن شەپە بولمىسا ئۆيدە ئادەم يوقلىقى ياكى ئۆي ئىگىسىنىڭ جىددىي ئىش ئۈستىدە ئىكەنلىكى ۋە ياكى ئۆي ئىگىسىنىڭ مېھمان قوبۇل قىلغۇسى يوقلىقى مەلۇمدۇر. شۇڭا ئىشىكنى يەنە تاراقلىتىۋەرمەي ئارقىغا يېنىش لازىمدۇر. ئەگەر ئۆي ئىگىسى «سىز كىم ؟» دەپ سورىسا «مەن »دەپلا جاۋاب بەرمەي نامۇ-شەرىپىنى مەلۇم قىلىش لازىمدۇر. ئۆي ئىگىسى ئىشىكنى ئاچقاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن يۇقىرىدىكى ئەدەب-قائىدە بويىچە سالاملىشىپ ، نېمە ئىش توغرىلىق كەلگەنلىكنى ئوچۇق-يورۇقلۇق بىلەن دېيىش كېرەك. بۇ چاغدا سۆز مۇلايىم ئېيتىلغان بولسۇن. ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئۆيگە كىرىپ سۆزلىشىشكە تەكلىب قىلسا رەھمەت ئېيتىپ ماقۇل بولۇش كېرەك، ، ئىش بەك ئالدىراش بولسا ئۆزرە ئېيتىپ تەكلىبىگە رەھمەت بىلدۈرمەك كېرەك، ئۆي ئىگىسى ماقۇل كۆرسە كېلىش مەقسىتى بىلدۈرۈلسە بولىدۇ. كېرەكلىك جاۋابنى ئالغاندىن كېيىن ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىجازىتى بىلەن خوشلىشىش لازىمدۇر. تەھىرلىگۇچى:admin
|
------分隔线----------------------------