پەنلەر ئوقۇتۇشىمائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ئامېرىكا ئاساس مائارىپىنىڭ بىر خا

يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-13 11:30 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئامېرىكا ئاساس مائارىپىنىڭ بىر خاسلىقىدەرستىن سىرتقى پائالىيەت جۇشىڭ ئامېرىكا مائارىپىدا بالىلارنىڭ قىزىقىشى بويىچە ئۆسۈپ يېتىلى

ئامېرىكا ئاساس مائارىپىنىڭ بىر خاسلىقى—دەرستىن سىرتقى پائالىيەت

جۇشىڭ

   ئامېرىكا مائارىپىدا بالىلارنىڭ قىزىقىشى بويىچە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلگەن. بۇ، مەكتەپلەرنىڭ دەرس ئورۇنلاشتۇرۇشىدا گەۋدىلىنىپلا قالماي، دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ.

   ئامېرىكىدا بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەييارلىق سىنىپىغا كىرگەندىن باشلاپلا، دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە قاتنىشالايدۇ. ئوغلۇم تەييارلىق سىنىپتىكى ۋاقتىدا، ھەر سەيشەنبە سۇ ئۈزۈشنى، ھەر پەيشەنبە مۇزىكا چېلىشنى ئۆگىنەتتى. سۇ ئۈزۈشنى ئۆگەنگەندە، مەكتەپنىڭ مەخسۇس ئاپتوموبىلى سۇ ئۈزۈش سارىيىغا ئاپىرىپ قوياتتى ھەم دەرس تۈگىگەندىن كېيىن، يەنە مەكتەپكە ئەكىلىپ قوياتتى. مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى دەرسنى مەكتەپكە كېلىپ ئۆتەتتى. ھەققى ئەرزان بولۇپ، ھەر قېتىمدا ئون دوللار ئالاتتى.

   ئوغلۇم باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەر تېخىمۇ كۆپەيدى. بالام تۇرۇشلۇق مەكتەپنى مىسالغا ئالسام، دۈشەنبە شاھمات، ساپال ياساش، لىمىتلىق تەنھەرىكەت، تەبىئەت – سەنئەت ۋە ساغلاملىق گىمناستىكىسى، سەيشەنبە بالىلار ئاشپەزلىكى، چەت ئەل تىلى، ۋاسكېتبول، رويال چېلىش كۇرسلىرى بار. بۇ پائالىيەتلەرنى مەكتەپ ئۇيۇشتۇرماستىن، بەلكى پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات ياكى پىدائىيلار تەشكىلاتى تەشكىللەيدىكەن.

   مەكتەپ ئىچىدىكى دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەردىن باشقا، مەكتەپ سىرتىدىمۇ دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەر بار. مەسىلەن: ئۆيۈمگە يېقىن يەردىكى تەنھەرىكەت مەيدانىدا ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن نۇرغۇن بالا پۇتبول ياكى قورغان توپ مەشىقى قىلىدۇ ياكى مۇسابىقىلىشىدۇ. يەنە ئوغۇللار، قىزلار كۇلۇبى بولۇپ، بالىلار ئالتە ياشقا توشسىلا، كۇلۇبقا ئەزا بولالايدۇ، ئەزالىق ھەققى يىلدا 20 دوللار. كۇلۇبتا بالىلار تۈرنى قىزىقىشى بويىچە تاللايدۇ. مەسىلەن: توپ تۈرلىرى، كىتاب ئوقۇش گۇرۇپپىسى، ئائىلىۋى تاپشۇرۇق ئىشلەش يېتەكچىسى، گۈزەللىك گىمناستىكىسى، ئۇسسۇل، شۇنىڭدەك ساقچى ئىدارىسى بىلەن ئوت مۇداپىئە ئىدارىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ‹‹پەخرىي ساقچى›› پائالىيىتىگە قاتناشسا بولىدۇ.

   كۆپ سانلىق ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەردىن سىرت، جۇڭگولۇقلار پۇشتىدىن بولغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن خەنزۇ تىلىغا قىزىقىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش مەكتىپى، بالىلار تەپمە بوكس كۇرسى قاتارلىق ئالاھىدە ئېھتىياجنى قاندۇرىدىغان كەسپىي كۇرسلارمۇ بار.

   ئامېرىكىدا دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرنىڭ بۇنچە مول مەزمۇنلۇق بولۇشىنىڭ مۇھىم سەۋەبى پايدا ئالمايدىغان تەشكىلاتلار، پىدائىيلار، ئادەتتىكى ئاھالىلەر دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە مەدەت بېرىدۇ. بالىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئۇيۇشتۇرۇش ئادەمگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئاتا – ئانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى قوللاش قىزغىنلىقىنىڭ زىيادە يۇقىرىلىقى مەندە ئالاھىدە تەسىرات قالدۇردى. دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى تەشكىللەشكە ھېچقانداق ھەق بېرىلمەيدىكەن، بەزىلەر ھەتتا كەم قالغان نەرسىلەرنى يېنىدىن پۇل چىقىرىپ تولۇقلايدىكەن. نۇرغۇن كىشىنىڭ بالىلار ئۈچۈن بۇ پائالىيەتلەرنى تەشكىللىشىدىكى سەۋەب، ئۇلار ئۆزلىرىمۇ بۇ پائالىيەتلەرنى ياخشى كۆرىدىكەن ھەم بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى چىن كۆڭلىدىن قوزغاشنى ئويلايدىكەن. پۇتبول ئويناشنى تەشكىللىگەن نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى لاتىن ئامېرىكىلىقلار پۇشتىدىن بولۇپ، قورغان توپ دەرسى بىلەن ۋاسكېتبول دەرسىنى بېرىدىغانلار ئىچىدە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلار ھەم  سابىق كەسپىي تەنھەرىكەتچىلەر بار. بۇنداق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيىسى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، قىزىقىشىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە ئىجابىي رول ئوينايدىكەن.

   ئامېرىكىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلىرىنى خىراجەت جەھەتتە كاپالەتكە ئىگە دېيىشكە بولىدۇ. ئادەتتە بالىلار تاپشۇرغان خىراجەت دەرستىن سىرتقى بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئاساسىي چىقىمىغا يەتمەيدۇ. دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە كېتىدىغان مەبلەغنى تولۇقلاش يەرلىك ھۆكۈمەت ھەم جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق بولىدۇ. پائالىيەتنى تەشكىللىگەن بەزى تەشكىلاتلار يەرلىك ھۆكۈمەتتىن ئاز – تولا مەبلەغقە ئېرىشەلەيدۇ، بەزىلىرى نامەلۇم فوندلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، بەزى دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەر يەنە كارخانىلارنىڭ قوللىشىغا ھەم شەخسلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلەيدۇ.

   مەبلەغ ياردىمىدىن سىرت، بەزى ئاپپاراتلار بالىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلىرىگە قۇلايلىق يارىتىدۇ. مەسىلەن: مەكتەپ ئەسلىھەلىرى، تەنھەرىكەت مەيدانى، مۇزېي، كۇتۇپخانا قاتارلىق جايلارنى ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز ئېچىۋېتىدۇ. كۇتۇپخانىدا ھەركۈنى ھېكايە ئېيتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ، كۇتۇپخانا خادىملىرى بالىلارغا ھېكايە ئېيتىپ بېرىدۇ. بۇ پائالىيەتلەرنى ئالدىن كېلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىغا ھەمراھ بولۇپ، ۋاقتىدا كەلسىلا بولىدۇ.

   ئامېرىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلىرىنىڭ مول مەزمۇنلۇق بولۇشى ئازادە مۇھىت بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا دەرس نەتىجىسىگە قارىغاندىن سىرت، يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئامېرىكىلىق بالىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى كىچىكىدىنلا ئەركىن ھالەتتە تولۇق جارى قىلدۇرۇلىدۇ، ئەگەر مەلۇم جەھەتتە ھەقىقەتەن ئارتۇقچىلىقى بولسا، ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىدا ئالىي مەكتەپ، جەمئىيەتلا ئەمەس، ئاتا – ئانىلارمۇ بالىلارنىڭ كۆپ تەرەپتىن تەرەققىي قىلىشىنى قوللايدۇ ھەم بالىلىرىنىڭ ‹‹ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلىشى››غا چىدايدۇ.

   بۇنداق شارائىتتا، نۇرغۇن بالا مەكتەپتە ئوقۇشنى، دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ئاتا – ئانىلارنىڭ نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ، بۇ ئامېرىكا مائارىپىنىڭ ئۇتۇق قازانغان تەرىپى ھېسابلىنىدۇ. بالىلار بەزى نەرسىلەرنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈپ قالغاندا، ئاندىن ئۇنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىدۇ، ئەلۋەتتە.

   ئامېرىكىنىڭ مائارىپ سىستېمىسى ھەر بىر كىشىنى ئارتۇقچىلىقىنى ئەركىن جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە، بالىلارنى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بېكىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. ئامېرىكىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا ئوتتۇرىچە سەۋىيىسى يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ماتېماتىكىغا ئۇستا بالىلار باشقا دۆلەتلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. بۇ ئامېرىكا مائارىپىنىڭ ئەڭ ئۆزگىچە ھەم  ئۇتۇق قازانغان تەرىپىدۇر.

‹‹جۇڭگو مائارىپى گېزىتى››دىن

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئوسكار ئىسىمنىڭ قويۇلىشى ھەققىدە [ 2011-10-24 15:23:28 ]
[تارىخى بىلىملەر] جۇڭگۇ تارىخىدىكى ئەڭلەر...... [ 2011-10-24 15:21:36 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دۇنيادىكى 10 چوڭ يالغان گەپ [ 2011-10-24 15:17:18 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلاردىن ئاسانلا قۇتۇلساق بولماس [ 2011-10-24 15:15:45 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلاردا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇ [ 2011-10-24 15:14:35 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] نەزىرىمىزدىكى دادىلار [ 2011-10-24 15:11:57 ]
[قانۇن تۇزۇم] بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئالا [ 2011-10-24 15:10:35 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ تارىخى توغرىسىدا [ 2011-10-24 15:08:34 ]
[باشقا رەسىملەر] تۇغۇم شاكىلى - سەنئەتلىك دۇنيا [ 2011-10-12 17:19:19 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئۇرۇش قەھرىمانى زىخىرىللا نادىروف [ 2011-10-12 16:31:17 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر