پەنلەر ئوقۇتۇشىمائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي ساغلاملىقىن

يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-13 11:46 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي ساغلاملىقىنى قوغداشنى ئۇنتۇپ قالمايلى ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيىسىنى كۈچەيتىش، ياشلار،ئۆسمۈرلەر ساغلامل

ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي ساغلاملىقىنى قوغداشنى ئۇنتۇپ قالمايلى

    ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيىسىنى كۈچەيتىش، ياشلار،ئۆسمۈرلەر ساغلاملىقىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىرنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى، مائارىپ نازارىتى بىرلىشىپ ھۆججەت تارقىتىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يىلدا بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش، بۇنىڭ ئىچىدە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

   كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان ئەلرايى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن ئاتا – ئانىلارنىڭ قارشى ئېلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. بىراق بەزى ئاتا – ئانىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش كېرەكمۇ – يوق؟ دېگەن سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى.

   بىر ئائىلە باشلىقى مۇنداق دېدى: ‹‹بالام مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ، ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەلا، مىجەزى ئوچۇق، بىراق كىچىك ئۈچ مۇسبەتلىكB تىپلىق جىگەر ياللۇغى كېسىلى بار، ھازىر جىگەر ئىقتىدارى نورمال، داۋالاتمىساممۇ بولىدۇ. لېكىن مەكتەپ بىر تۇتاش سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە تەشكىللىسە، سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى باشقا بالىلار ۋە ئاتا – ئانىلار بىلىپ قالسا، بالامغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن باشقا ئوقۇغۇچىلار بالامدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، مەن بالامنىڭ روھىي جەھەتتە زەربە يەپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن، شۇڭا سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى، ئەڭ ياخشىسى، مەخپىي تۇتۇش كېرەك››.

   ئىگىلىنىشىچە، يېڭىلا ئېلان قىلىنغان ‹‹ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈشىنى باشقۇرۇش چارىسى››دە مۇنداق بەلگىلەنگەن: سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سالامەتلىك تەكشۈرگۈچى ئاپپاراتلار سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئوقۇغۇچىلار، ئاتا – ئانىلار ۋە مەكتەپكە شەخسىي سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى شەكلىدە ئېلان قىلىشى، مەكتەپ ۋە مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، يىلدا بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئەھۋالىنى تىزىملاپ مېڭىشى كېرەك. ئادەتتىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرى ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىدە تەكشۈرۈش، كۆز كېسىلى بۆلۈمىدە تەكشۈرۈش، ئېغىز بوشلۇقى كېسىلى بۆلۈمىدە تەكشۈرۈش، تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىدە تەكشۈرۈش، بەدەننىڭ تاشقى كۆرۈنۈش كۆرسەتكۈچىنى تەكشۈرۈش، فىزىئولوگىيىلىك كۆرسەتكۈچنى تەكشۈرۈش، باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇبېركۇليوز ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ، زۆرۈر تېپىلغاندا، جىگەر ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

   يەنە بەزى ئاتا – ئانىلار مۇنداق قارىدى: سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى جەزمەن ئاشكارىلاش كېرەك. چۈنكى بالىلار بىرگە ئويناشنى، نەرسىلەرنى تەڭ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەگەر بالىلارنىڭ بىرەرسى ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلى،B تىپلىق جىگەر ياللۇغى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسا، ناۋادا ئۇچۇرنى ئاشكارىلىمىغاندا، بۇ كېسەل باشقا بالىلارغا يۇقۇپ قالمامدۇ؟

   ھازىر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئەمدىلا باشلاندى، كونكرېت يولغا قويۇش لايىھىسى تېخى چىقىرىلمىغان ئەھۋالدا بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ، بۇنداق ئەنسىرەشنىڭمۇ ئاساسى بار. شۇڭا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ يولغا قويۇش لايىھىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزگەندە، بۇ ئىنچىكە نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، روھىي ساغلاملىقىنى قوغداشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.

 

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئوسكار ئىسىمنىڭ قويۇلىشى ھەققىدە [ 2011-10-24 15:23:28 ]
[تارىخى بىلىملەر] جۇڭگۇ تارىخىدىكى ئەڭلەر...... [ 2011-10-24 15:21:36 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دۇنيادىكى 10 چوڭ يالغان گەپ [ 2011-10-24 15:17:18 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلاردىن ئاسانلا قۇتۇلساق بولماس [ 2011-10-24 15:15:45 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلاردا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇ [ 2011-10-24 15:14:35 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] نەزىرىمىزدىكى دادىلار [ 2011-10-24 15:11:57 ]
[قانۇن تۇزۇم] بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئالا [ 2011-10-24 15:10:35 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ تارىخى توغرىسىدا [ 2011-10-24 15:08:34 ]
[باشقا رەسىملەر] تۇغۇم شاكىلى - سەنئەتلىك دۇنيا [ 2011-10-12 17:19:19 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئۇرۇش قەھرىمانى زىخىرىللا نادىروف [ 2011-10-12 16:31:17 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر