پەنلەر ئوقۇتۇشىمائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

مائارىپ ساھەسىدە جازالاش ئۆلچىمىن

يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-13 11:25 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
مائارىپ ساھەسىدە جازالاش ئۆلچىمىنى بېكىتىش كېرەكمۇ يوق؟ جاڭ خوڭيەن يېقىندا گېزىتلەردە مائارىپ ساھەسىدىكى جازالاش بەس مۇنازىرە قىل

مائارىپ ساھەسىدە جازالاش ئۆلچىمىنى بېكىتىش كېرەكمۇ – يوق؟

جاڭ خوڭيەن

يېقىندا گېزىتلەردە مائارىپ ساھەسىدىكى جازالاش بەس –  مۇنازىرە قىلىنىدىغان قىزىق پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندى. مائارىپ ساھەسىدىكى جازالاش مەسىلىسىگە كىشىلەر ھەر خىل پوزىتسىيىدە بولدى. قوللاش پوزىتسىيىسىدىكىلەر: ھازىر مائارىپ ساھەسىدە بەك كەڭچىلىك قىلىنىۋاتىدۇ، جازالاش مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر، دېدى. قارشى تۇرۇش پوزىتسىيىسىدىكىلەر: مائارىپ ساھەسىدە جازالاش تەن جازاسى بېرىشنىڭ باھانىسى بولۇپ قالىدۇ، دېدى. دىلىغۇل پوزىتسىيىدىكىلەر: مائارىپ ساھەسىدە جازالاشنىڭ ‹‹دەرىجىسى›› بولۇشى كېرەك، دېدى. بەزىلەر: مائارىپ ساھەسىدە جازالاشنىڭ ئۆلچىمىنى بېكىتىش كېرەك، دەپ تەكلىپ بەردى، بەزىلەر يەنە مائارىپ ساھەسىدە جازالاش توغرىسىدا قانۇن چىقىرىش كېرەك، دېگەن تەكلىپلەرنىمۇ بەردى.

ئەمەلىيەتتە، مائارىپ ساھەسىدە جازالاش مەسىلىسى توغرىسىدا تالاش – تارتىش قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، مائارىپ نەزەرىيىچىلىرى ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: جازالاش بولمىغان مائارىپ مۇكەممەل مائارىپ ئەمەس. شۇڭا جازالاش ياكى تەن جازاسى توغرىسىدا تالاش – تارتىش قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، جازالاش  جازا بېرىش ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇشتۇر، گەپ جازالاشتا ئەمەس، ئىبرەت قىلىشتا، ئۇنىڭدا ئوقۇغۇچىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زىيان – زەخمەتكە ئۇچرىماسلىقى ئالدىنقى شەرت قىلىنىدۇ، شۇڭا ئۇ كەم بولسا بولمايدىغان مائارىپ ۋاسىتىسىدۇر. تەن جازاسى ئېغىر جازا بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن مەلۇم زىيان – زەخمەتكە ئۇچرىتىدۇ، شۇڭا ئۇنى باشتىلا مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى ئەيىبلىگەن. ئۇنداقتا، مائارىپ ساھەسىدە جازالاشنىڭ ئۆلچىمىنى بېكىتىش كېرەكمۇ؟ قانداق ئۆلچەم بېكىتىش كېرەك؟ مېنىڭچە، جەزمەن كونكرېت ئۆلچەم بولۇشى زۆرۈر ئەمەس، چۈنكى مائارىپ ھادىسىسى ئەزەلدىن كۆپ خىللىققا ئىگە. بۇ، مائارىپ ساھەسىدە جازالاش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.

بۇ جەھەتتە ئەنگلىيە ئالىمى مايك كلاۋۋۇدنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى مۇدىرى بىزنى ياخشى مىسال بىلەن تەمىنلەيدۇ. مايك كلاۋۋۇد باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا بىر نەچچە دوستى بىلەن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىتىنى ئوغرىلىقچە ئۆلتۈرۈپ قويغان. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بۇ ئىشقا بەك ئاچچىقى كەلگەن. بۇلارنى قانداق جازالاش كېرەك؟ مەكتەپ مۇدىرى قايتا – قايتا ئويلىنىپ، مايك كلاۋۋۇد قا ئىتنىڭ ئىسكىلىتى بىلەن قان ئايلىنىش ئىسخېمىسىنى سىزدۇرۇشنى قارار قىلغان. مايك كلاۋۋۇد جازالىنىشى كېرەكلىكىنى بىلەتتى، شۇڭا ئۇ ئىككى پارچە رەسىمنى ئەستايىدىل سىزىپ چىققان. مەكتەپ مۇدىرى رەسىمنى كۆرۈپ بەك رازى بولغان ھەم مايك كلاۋۋۇدنى كەچۈرۈۋەتكەن. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مايك كلاۋۋۇدنى جازالاش ئۇسۇلىنى ناھايىتى جايىدا بولغان، دېيىشكە بولىدۇ، يەنى ئۇنىڭغا خاتالىقىنى تونۇتقان ھەم ئۇنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلغان، شۇنداقلا ئۇنىڭغا بىئولوگىيە بىلىملىرىنى ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن. كېيىن مايك كلاۋۋۇد داڭلىق ئاناتومىيە ئالىمىغا ئايلىنىپ، تېببىي ئالىملار بىلەن بىرلىكتە ئىنسۇلىننىڭ قەنت كېسىلىنى داۋالاشتىكى رولىنى بايقىغان ھەم 1923 – يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ‹‹ئىت ۋەقەسى››نى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بىز ئۈچۈن ئىلھام بولالايدۇ. ئەينى چاغدا مەكتەپ مۇدىرى مايك كلاۋۋۇدقا قوپاللىق بىلەن تەن جازاسى بەرگەن، تۇرغۇزۇپ قويۇش جازاسى بەرگەن ياكى مەكتەپتىن چېكىنىشكە بۇيرۇغان ۋە ياكى تۆلەم تەلەپ قىلغان بولسا، مايك كلاۋۋۇدنىڭ ئىستىقبالى باشقىچە بولغان بولاتتى.

مائارىپ ساھەسىدە جازالاشنىڭ ئۆلچىمىنى بېكىتكەندە، قارىماققا، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئوقۇغۇچىلارنى جازالىغاندا ئەمەل قىلىدىغان مىزان، ئاساسلىنىدىغان قانۇن بار بولىدىغاندەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە، بۇ شۇنداق ئوقۇغۇچىغا بېرىلىدىغان تەربىيىگە كاشىلا بولىدۇ. مائارىپ ساھەسىدە جازالاشتا ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈش ئالدىنقى شەرت قىلىنىشى، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى دەردىنى چىقىرىدىغان ئوبيېكت قىلىۋالماسلىقى، جازالاش ئۈچۈنلا جازالىماسلىقى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈش ئالدىنقى شەرت قىلىنغان جازالاش ئارقىلىق تەربىيىنىڭ مەقسىتىگە يەتكىلى، تەربىيىنىڭ ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

‹‹جۇڭگو مائارىپى گېزىتى››دىن

 

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئوسكار ئىسىمنىڭ قويۇلىشى ھەققىدە [ 2011-10-24 15:23:28 ]
[تارىخى بىلىملەر] جۇڭگۇ تارىخىدىكى ئەڭلەر...... [ 2011-10-24 15:21:36 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دۇنيادىكى 10 چوڭ يالغان گەپ [ 2011-10-24 15:17:18 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلاردىن ئاسانلا قۇتۇلساق بولماس [ 2011-10-24 15:15:45 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلاردا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇ [ 2011-10-24 15:14:35 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] نەزىرىمىزدىكى دادىلار [ 2011-10-24 15:11:57 ]
[قانۇن تۇزۇم] بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئالا [ 2011-10-24 15:10:35 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ تارىخى توغرىسىدا [ 2011-10-24 15:08:34 ]
[باشقا رەسىملەر] تۇغۇم شاكىلى - سەنئەتلىك دۇنيا [ 2011-10-12 17:19:19 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئۇرۇش قەھرىمانى زىخىرىللا نادىروف [ 2011-10-12 16:31:17 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر