ياش ئۆسمۈرلەرگە قانۇن تۈزۈم تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇش،ئوقۇغۇچىلاردا چوقۇم ئۆزىنى قوغداش
ئېڭنى تۇرغۇزۇش
ياش ئۆسمۈرلەرگە قانۇن تۈزۈم تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇش،ئوقۇغۇچىلاردا چوقۇم ئۆزىنى قوغداش ئېڭنى تۇرغۇزۇش
بىز باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى ئۆزىىمىزنى قوغداش ئۈچۈن قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق مەنپەتنى قوغداش قانۇننى ياخشى بىلېۋېلشىمىز لازىم.
1.باب ئومۇمىيپرىنسىپ
1.ماددا بۇ قانۇن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىيسالامەتلىكىنى قوغداش، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش،ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلارنى سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك،ئىنتىزامچان ئىزباسارلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغائاساسەن تۈزۈلدى.
2.ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر18ياشقا توشمىغان پۇقرالارغا قارىتىلغان.
3.ماددا دۆلەت، جەمئىيەت، مەكتەپۋە ئائىلىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە غايە تەربىيىسى، ئەخلاق تەربىيىسى، مەدەنىيەتتەربىيىسى، ئىنتىزام ۋە قانۇنچىلىق تەربىيىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم،ئىنتېرناتسىئونالىزم، كوممۇنىزم تەربىيىسى ئېلىپ بارىدۇ؛ ۋەتەننى، خەلقنى،ئەمگەكنى، ئىلىم - پەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيىدىغان ئىجتىمائىي ئەخلاقنى تەشەببۇسقىلىدۇ؛ كاپىتالىزم، فېئودالىزم ۋە باشقا چىرىك ئىدىيىلەرنىڭ چىرىتىشىگە قارشىتۇرىدۇ.
4.ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىدە تۆۋەندىكىپرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش لازىم: (1) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىيھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش؛ (2) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىشىلىكغۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىش؛ (3) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىيجەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىش؛ (4) تەربىيىلەش بىلەنقوغداشنى بىرلەشتۈرۈش. 5.ماددا دۆلەت قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىيجەھەتتىكى، مال - مۈلۈك ۋە باشقا جەھەتتىكى قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ دەخلى- تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىقوغداش دۆلەت ئورگانلىرى، قوراللىق كۈچلەر، سىياسىي پارتىيىلەر، ئىجتىمائىيتەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، شەھەر، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلامئورۇنلىرىنىڭ ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئۆزىنى - ئۆزى ئىدارە قىلىش تەشكىلاتلىرى،قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋەسىيلىرى ۋە باشقا قۇرامىغا يەتكەن پۇقرالارنىڭ ئورتاقمەسئۇلىيىتى. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ توسۇش، چەكلەش ياكىئالاقىدار تارماقلارغا پاش قىلىش، شىكايەت قىلىش ھوقۇقى بار. دۆلەت،جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە ئائىلىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇن ۋاسىتىسىدىنپايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش جەھەتتە تەربىيە بېرىشىۋە ياردەم بېرىشى لازىم. 6- ماددا مەركەز ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەتئورگانلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى دائىرىسىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشخىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم. گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق،بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېھتىياجىغا قاراپ تەشكىلىي تەدبىرقوللىنىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشخىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللاربىرلەشمىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى،پىئونېرلار ئەترىتى ۋە باشقا ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەر دەرىجىلىك خەلقھۆكۈمەتلىرىگە ياردەملىشىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ،قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشى لازىم. 7.ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار قۇرامىغايەتمىگەنلەرنى قوغداشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىمۇكاپاتلايدۇ. 2.باب ئائىلىدە قوغداش 8.ماددا ئاتا - ئانىلار ياكىباشقا ۋەسىيلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇن بويىچە ۋەسىيلىك قىلىشى ۋە ئۇلارنىبېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى خورلىماسلىقى،تاشلىۋەتمەسلىكى لازىم؛ قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلارنى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنمېيىپلارنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ؛ بوۋاقلارنى سۇدا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىش،تاشلىۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ. 9.ماددا ئاتا - ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەرقۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئوقۇش يېشىغايەتكەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بەلگىلىمە بويىچە مەجبۇرىي مائارىپ تەربىيىسىگەبېرىش، مەكتەپتە مەجبۇرىي مائارىپ تەربىيىسى ئېلىۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىمەكتەپتىن قالدۇرماسلىقى كېرەك. 10.ماددا ئاتا - ئانىلار ياكى باشقاۋەسىيلەر ساغلام ئىدىيە، ئەخلاقىي پەزىلەت ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇل ئارقىلىق قۇرامىغايەتمىگەنلەرنى تەربىيىلەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جىسمانىي ۋە روھىي سالامەتلىكىگەپايدىلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا يېتەكلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تاماكاچېكىش، ھاراق ئىچىش، سەرگەردان بولۇۋېلىش، قىمار ئويناش، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىچېكىش، ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى توسۇشىلازىم. 11.ماددا ئاتا - ئانىلار ۋە باشقا ۋەسىيلەرنىڭ قۇرامىغايەتمىگەنلەرنىڭ نىكاھلىنىشىغا يول قويۇشىغا ياكى ئۇلارنى نىكاھلىنىشقامەجبۇرلىشىغا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە «چاي» ئىچكۈزۈشىگە بولمايدۇ. 12.ماددا ئاتا - ئانىلار ۋە باشقا ۋەسىيلەر ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكىئۆز ۋەسىيلىكىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزسە، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئاتا - ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر يۇقىرىقى تارماقتا ئېيتىلغان قىلمىشلارنىڭ بىرىنىسادىر قىلسا، تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەتمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار خادىملارياكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ۋەسىيلىك ھوقۇقىنىئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ 16- ماددىسىدىكىبەلگىلىمە بويىچە باشقىدىن ۋەسىي بەلگىلەيدۇ. 3.باب مەكتەپتەقوغداش 13.ماددا مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈكئىزچىللاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي،گۈزەللىك جەھەتتىن تەربىيە بېرىشى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋەياشلىق باھار مەزگىلى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشى لازىم. مەكتەپلەرئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنىشى، ئوقۇغۇچىلارنى ئاسرىشى، ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتەكەمچىلىكى بولغان، ئۆگىنىشتە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا سەۋرچانلىق بىلەنتەربىيە بېرىشى، ياردەم بېرىشى، ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكى لازىم. 14.ماددامەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى،قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى خالىغانچە مەكتەپتىن قوغلاندى قىلماسلىقىلازىم. 15.ماددا مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلىرىقۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىشىلىك غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىم. قۇرامىغا يەتمىگەنئوقۇغۇچىلار ۋە بالىلارغا تەن جازاسى بېرىشكە، شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىشكەياكى باشقا كىشىلىك غۇرۇرىغا ھاقارەت قىلىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇشقابولمايدۇ. 16.ماددا مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىبىخەتەرلىكىگە، سالامەتلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان مەكتەپ بىنالىرى ۋە باشقا ئوقۇتۇشمۇئەسسەسەسىلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغۇزماسلىقى لازىم. ھەرقانداق تەشكىلاتۋە شەخسنىڭ ئوقۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشىغا، مەكتەپلەرنىڭ مەيدانى، ئۆيلىرىۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشىغابولمايدۇ. 17.ماددا مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنئوقۇغۇچىلارنى ۋە بالىلارنى يىغىلىشقا، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى،ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت قاتارلىق كوللېكتىپ پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرغاندا، قۇرامىغايەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇشى، خەتەرلىكھادىسىلەرنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىشى لازىم. 18.ماددا دۆلەتنىڭ ئالاقىداربەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپلەرگە مەجبۇرىي مائارىپتەربىيىسى ئېلىشقا ئەۋەتىلىدىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغانمەكتەپلەر ئىدىيىۋى تەربىيە، مەدەنىيەت تەربىيىسى، ئەمگەك - تېخنىكا تەربىيىسى ۋەكەسىپ تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپلەرنىڭئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈشى، ئوقۇغۇچىلارنى ئاسرىشى،ھۆرمەتلىشى لازىم، ئۇلارنى كەمسىتىشكە، ئۇلاردىن بىزار بولۇشقابولمايدۇ. 19.ماددا بالىلار باغچىلىرى ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، تەربىيىلەشخىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بالىلارنىڭ جىسمانىي، ئەقلىي، ئەخلاقىي جەھەتتىن ماس ھالداتەرەققىي تېپىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم. 4.باب جەمئىيەتتەقوغداش 20.ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارۋە باشقا تەشكىلاتلار ھەمدە پۇقرالار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپيېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان ھەر خىل شەكىلدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى قاناتيايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ. 21.ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلقھۆكۈمەتلىرى شەرت - شارائىت يارىتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەدەنىيەت، تۇرمۇشئېھتىياجىغا لايىق كېلىدىغان پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە ئەسلىھەلىرىنى بارلىققاكەلتۈرۈشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشى لازىم. 22.ماددا مۇزېي، خاتىرە سارىيى، پەن - تېخنىكا سارىيى، مەدەنىيەت سارىيى، كىنو - تىياتىرخانا، تەنتەربىيە مەيدانى (زالى)، ھايۋاناتلار باغچىسى قاتارلىق سورۇنلار ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپئوقۇغۇچىلىرىغا ئېتىبار بېرىلىپ ئېچىۋېتىلىشى لازىم 23.مادداتىجارەت خاراكتېرلىك تانسىخانا قاتارلىق سورۇنلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەر پائالىيەتئېلىپ بارىدىغان سورۇن ئەمەس، ئالاقىدار باشقۇرغۇچى تارماقلار ۋە تىجارەتقىلغۇچىلار تەدبىر قوللىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۇنداق سورۇنلارغاكىرگۈزمەسلىكى كېرەك. 24.ماددا دۆلەت ئاخبارات - نەشرىيات، رادىئو - كىنو - تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت - سەنئەت ئورۇنلىرىنى، يازغۇچىلارنى، ئالىملارنى،سەنئەتكارلارنى ۋە باشقا پۇقرالارنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپيېتىلىشىگە پايدىلىق ئەسەرلەرنى يېزىشقا ۋە تەمىنلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ، قۇرامىغايەتمىگەنلەرنى ئوبيېكت قىلغان كىتاب، گېزىت - ژۇرنال ۋە ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنىمەخسۇس نەشر قىلىشقا يار - يۆلەك بولىدۇ. 25.ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋەشەخسنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە شەھۋانىيلىق، زوراۋانلىق، قاتىللىق، تېررورلۇققاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى زەھەرلەيدىغان مەزمۇندىكى كىتاب، گېزىت - ژۇرنال،ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى سېتىشى، ئىجارىگە بېرىشى ۋە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىقتارقىتىشى قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. 26.ماددا بالىلار يېمەكلىكلىرى،ئويۇنچۇقلىرى، لازىمەتلىكلىرى، كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىلىرى بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋەسالامەتلىكىگە زىيانلىق بولماسلىقى كېرەك. 27.ماددا ھەرقانداق ئادەمنىڭئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى، يەسلىلەردىكى سىنىپلاردا،ياتاقلاردا، پائالىيەت ئۆيلىرىدە ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر توپلىشىپ ھەرىكەتقىلىدىغان باشقا بۆلۈملەردە تاماكا چېكىشىگە بولمايدۇ. 28.ماددا ھەرقانداقتەشكىلات ۋە شەخسنىڭ 16 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئىشچىلىققا قوبۇلقىلىپ ئىشلىتىشىگە بولمايدۇ. دۆلەتنىڭ باشقىچە بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭسىرتىدا.ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە 16 ياشقا توشقان، 18 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىپئىشلەتكەندە خىزمەت تۈرى، ئەمگەك ۋاقتى، ئەمگەك سىجىللىقى ۋە قوغداش تەدبىرلىرىقاتارلىق جەھەتلەردە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىشى لازىم. ئۇلارنى بەك ئېغىر، زەھەرلىك، زىيانلىق ئەمگەكلەرگە ياكى خەتەرلىك مەشغۇلاتلارغائورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. 29.ماددا سەرگەردان بولۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقانياكى ئائىلىسىدىن چىقىپ كەتكەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇل بولۇپ، ئاتا- ئانىسىغا ياكى باشقاۋەسىيلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ۋە باشقا ۋەسىيلىرىنىۋاقتىنچە ئېنىقلىغىلى بولمىسا، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تەسىس قىلغان بالىلارپاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى ئۇلارنى يىغىۋېلىپ باقىدۇ. 30.ماددا ھەرقانداقتەشكىلات ۋە شەخسنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ نومۇسىغا تاقىلىدىغان ئىشلارنىئاشكارىلىشىغا بولمايدۇ. 31.ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ خەت - چەكلىرىنىھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ يوشۇرۇۋېلىشى، يىرتىۋېتىشى، تاشلىۋېتىشىگە بولمايدۇ. جىنايەتچىلەرنى سۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەكشۈرگەندىن ياكىھەرىكەت ئىقتىدارى بولمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ خەت - چەكلىرىنى ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋاكالىتەن ئاچقاندىن باشقا، ھەرقانداق تەشكىلات ۋەشەخسنىڭ ئۇلارنىڭ خەت - چەكلىرىنى ئېچىشىغا بولمايدۇ. 32.ماددا سەھىيەتارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زۆرۈر بولغان سەھىيە، سالامەتلىكنىئاسراش شارائىتىنى يارىتىپ بېرىشى، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشىئىشلىشى لازىم. 33.ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بالىلار باغچىسى،يەسلى ئىشلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، يەسلى، بالىلار باغچىلىرىنى تىرىشىپ ياخشىباشقۇرۇشى، دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋەباشقا ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ بالا ئېمىتىش ئۆيى، يەسلى، بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇشىغائىلھام ۋە مەدەت بېرىشى، ئائىلە يەسلى قۇرۇلۇشىنى تەشەببۇس قىلىشى ۋە قوللىشىلازىم. 34.ماددا سەھىيە تارماقلىرى بالىلاردىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنىئېلىشى ۋە ئۇلارغا ۋاكسىنا قويۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى، بالىلاردا دائىمكۆرۈلىدىغان، كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئىشىنىپائال ئىشلىشى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنىنازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ۋە يەسلى، بالىلار باغچىسىنىڭ سەھىيە - ساقلىقنىساقلىشىغا كەسپىي جەھەتتىكى يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى لازىم. 35.ماددا ھەردەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار بالىلار باغچىلىرى ۋەيەسلىلەرنىڭ تەربىيىچىلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرىنى كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق تەربىيىلىشى ۋەچېنىقتۇرۇشى، ئۇلارغا قا, , رىتىلغان سىياسىي ئىدىيىۋى ۋە كەسپىي تەربىيىنىكۈچەيتىشى لازىم. 36.ماددا دۆلەت قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئەقلىينەتىجىلىرى ۋە شان - شەرەپ ھوقۇقىنىڭ دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىكقىلىدۇ. ئالاھىدە تۇغما تالانتى بولغان ياكى گەۋدىلىك نەتىجىسى بولغانقۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە دۆلەت، جەمئىيەت، ئائىلە ۋە مەكتەپلەر ساغلام تەرەققىيقىلىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك. 37.ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەربەلگىلەنگەن يىلدىكى مەجبۇرىي مائارىپنى تۈگىتىپ مەكتەپتىن كۆچەلمىسە، ھۆكۈمەتنىڭئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ئەمەلىيئەھۋالغا قاراپ، ئۇلارنى كەسىپ، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيىلىشى، ئۇلارنىڭ ئىشقائورۇنلىشىشىغا شەرت - شارائىت يارىتىپ بېرىشى لازىم. 5.باب ئەدلىيە جەھەتتەقوغداش 38.مادداقانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن قۇرامىغايەتمىگەنلەرگە قارىتا تەربىيىلەش، تەسىرلەندۈرۈش، قۇتقۇزۇۋېلىش فاڭجېنى يولغاقويۇلىدۇ، تەربىيىنى ئاساس قىلىش، جازالاشنى قوشۇمچە قىلىش پرىنسىپىدا چىڭتۇرۇلىدۇ. 39- ماددا14 ياشقا توشقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايەتئۆتكۈزگەندە 16 ياشقا توشمىغانلىقى ئۈچۈن جىنايى جازا بېرىلمىسە، ئۇلارنىڭ ئائىلەباشلىقلىرى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە ئۇلارنى باشقۇرۇش، تەربىيىلەشنى كۈچەيتىشبۇيرۇلىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا ھۆكۈمەت ئۇلارنى يىغىۋېلىپ تەربىيىلەيدۇ. 40.ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، خەلق سوتمەھكىمىلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەن دېلولىرىنى بېجىرگەندە،قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ئالاھىدىلىكىگە ئېتىبار بېرىشى لازىم،شۇنداقلا بۇ دېلولارنى ئېھتىياجغا قاراپ مەخسۇس ئاپپارات تەسىس قىلىپ ياكى مەخسۇسئادەم بەلگىلەپ بېجىرسە بولىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، خەلقتەپتىش مەھكىمىلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش - تەربىيىلەش ئورۇنلىرى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن قۇرامىغايەتمىگەنلەرنىڭ كىشىلىك قەدىر - قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم. 41.ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكىئورگانلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى سوت قىلىشتىن بۇرۇنقامالغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قاماقتىكى قۇرامىغا يەتكەنلەردىن ئايرىپ باشقۇرۇشىكېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى بىلەن جازا ئۆتەۋاتقان قۇرامىغايەتمىگەنلەرنى جازا ئۆتەۋاتقان قۇرامىغا يەتكەنلەردىن ئايرىپ قاماش، باشقۇرۇشكېرەك. 42.ماددا14 ياشتىن ئاشقان، 16 ياشقا توشمىغان قۇرامىغايەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت دېلولىرى بىردەك ئوچۇق سوتلانمايدۇ. 16 ياشتىن ئاشقان، 18ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت دېلولىرىمۇ ئومۇمەن ئوچۇق سوتقىلىنمايدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت دېلولىرىنى ھۆكۈم قىلىشتىنبۇرۇن ئاخبارات، كىنو - تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىدا، ئاشكارا نەشر بۇيۇملىرىدا ئىسمىنىئاشكارىلاشقا، تۇرالغۇ جايى، سۈرىتى ۋە مەزكۇر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىمئىكەنلىكىنى قىياس قىلىپ بىلگىلى بولىدىغان ماتېرىياللارنى ئاشكارىلاشقابولمايدۇ. 43.ماددا ئائىلىلەر، مەكتەپلەر ۋە باشقا ئالاقىدار ئورۇنلارقانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تۇرۇۋاتقان ئۆسمۈرجىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش ئورنى قاتارلىق ئورۇنلارغا ماسلىشىپ، قانۇنغا خىلاپلىققىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيىلەش، قۇتقۇزۇۋېلىشخىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشى لازىم. 44.ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىئەيىبلەشتىن كەچۈرۈم قىلغان، خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى جازادىن كەچۈرۈم قىلغانياكى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى جاكارلىغان، يىغىۋېلىپ تەربىيىلەشتىن بوشىتىلغانياكى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئوقۇشىنى ئەسلىگەكەلتۈرۈش، مەكتەپ پۈتتۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە كەمسىتىشكەبولمايدۇ. 45.ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋارىسلىق دېلولىرىنى قاراپچىققاندا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدىشىلازىم. خەلق سوت مەھكىمىلىرى نىكاھدىن ئاجرىشىش دېلولىرىنى قاراپ چىققاندا،نىكاھدىن ئاجراشقۇچى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەرنى بېقىشمەسىلىسىدە تالاش - تارتىش يۈز بېرىپ بىرلىككە كېلەلمىسە، پەرزەنتلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش پرىنسىپى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپھۆكۈم قىلىشى لازىم. 6.باب قانۇنىي جاۋابكارلىق 46.مادداقۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىغاندا،دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىغۇچى ياكى ئۇلارنىڭ ۋەسىيلىرى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىرتەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا ياكى قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىشقاھوقۇقلۇق. 47.ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگەدەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ مال - مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقان ياكى ئۇلارنىباشقا زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن بويىچە تۆلەپ بېرىشى ياكى باشقا ھەق تەلەپجاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 48.ماددا مەكتەپلەر، بالىلارباغچىلىرى، يەسلىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلىرىدىن قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارۋە بالىلارغا تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرگەنلەرنىڭ قىلمىشىئېغىر بولغانلىرىغا ئۇلار تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان مەمۇرىيچارە كۆرىدۇ. 49.ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، يەككە سودا - سانائەتچىلەر 16 ياشقا توشمىغان بالىلارنى قانۇنسىز ھالدا ئىشچىلىققا ئېلىپئىشلەتسە، ئەمگەك تارماقلىرى ئۇلارنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا جەرىمانە قويىدۇ،قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇشتارماقلىرى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. 50.ماددا تىجارەت خاراكتېرىدىكى تانسىخاناقاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا باب كەلمەيدىغانسورۇنلارغا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى كىرگۈزگەنلەرنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلارتۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا جەرىمانە قويسا بولىدۇ. 51.ماددا قۇرامىغايەتمىگەنلەرگە شەھۋانە مەزمۇندىكى كىتاب، گېزىت - ژۇرنال، ئۈن - سىن بۇيۇمىقاتارلىق نەشر بۇيۇملىرىنى ساتقان، ئىجارىگە بەرگەن ياكى تارقاتقانلارغا قانۇنبويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. 52.ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىيھوقۇقى ياكى باشقا قانۇنىي ھوقۇقلىرىغا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈپ، جىنايەتشەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. قۇرامىغايەتمىگەن ئائىلە ئەزالىرىنى خورلىغانلاردىن قىلمىشى قەبىھ بولغانلارنىڭ جىنايىجاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 182 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچەسۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ئەدلىيە خىزمەتچىلىرىدىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش داۋامىداقائىدە - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلۇۋاتقان قۇرامىغايەتمىگەنلەرگە تەن جازاسى بەرگەن ۋە ئۇلارنى خورلىغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىجىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 189 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچەسۈرۈشتۈرۈلىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بولسىمۇ، ئۇلارنىبېقىشنى رەت قىلغانلاردىن قىلمىشى قەبىھ بولغانلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايىئىشلار قانۇنىنىڭ 183 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچەسۈرۈشتۈرۈلىدۇ. بوۋاقلارنى سۇدا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ جىنايىجاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 132 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچەسۈرۈشتۈرۈلىدۇ. مەكتەپ بىناسىنىڭ ئۆرۈلۈش خەۋپى بارلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپتەدبىر قوللانماي، مەكتەپ بىناسىنىڭ ئۆرۈلۈشى بىلەن ئۆلۈش، يارىلىنىش ۋەقەلىرىنىڭكېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 187 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 53.ماددا قۇرامىغايەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتكەنلەرگە قانۇنبويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى زەھەرلىكچېكىملىكلەرنى چېكىشكە، ئوكۇل قىلىپ ئۇردۇرۇشقا ياكى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقائازدۇرغان، كۈشكۈرتكەن ياكى زورلىغانلارغا قانۇن بويىچە ئېغىر جازابېرىلىدۇ. 54.ماددا دەۋالاشقۇچىلار بۇ قانۇن بويىچە چىقىرىلغان مەمۇرىيجەھەتتىن جازالاش قارارىغا قايىل بولمىسا، بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي ئورگانلارغاياكى ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي ئورگانلارغا قايتا قاراپچىقىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ. قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىلبولمىغانلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇشى كېرەك؛ خەلق سوت مەھكىمىسىگەبىۋاسىتە ئەرز سۇنسىمۇ بولىدۇ. ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردا ئالدى بىلەن مەمۇرىيئورگانلارغا قايتا قاراپ چىقىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنۇش، قايتا قاراپ چىقىشقارارىغا قايىل بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇش بەلگىلەنگەن بولسا،ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆرۈشكېرەك. دەۋالاشقۇچىلار مەمۇرىي جەھەتتىن جازا بېرىش قارارى توغرىسىدابەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسى سۇنمىسا، خەلق سوتمەھكىمىسىگىمۇ ئەرز سۇنمىسا، قارارنىمۇ ئىجرا قىلمىسا، جازالاش قارارى چىقارغانئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسابولىدۇ ياكى قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرسا بولىدۇ. 7.باب قوشۇمچەپرىنسىپ 55.ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بۇ قانۇنغا ئاساسەنئالاقىدار نىزام تۈزۈپ چىقىپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، يولغا قويسابولىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلققۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى بۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپچىقسا بولىدۇ. 56 .ماددا بۇ قانۇن 1992 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىنباشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|