غۇپۇرجان مۇھەممەد مىسكەر
ياش ھەققىدە بولۇپ قالسا گەر پاراڭ،
‹‹مەن تۇغۇلغان ئورمىدا›› دەپ كەلدىڭىز؛
يۇرتتا قوناق ئورۇپتۇدەك ئەل قاراڭ،
دېمەك، ئانا بۇ تۇغۇلغان كۈنىڭىز.
قويغان كەبىي سانجاق – سانجاق شاخلارنى
باغلام – باغلام قىلىپ رەتلىك پەنجىلەپ؛
سۈرۈپ كېلىپ نى قىسمەتلىك چاغلارنى،
سەكسەن ياشنى قويدىڭىز ئېھ، دەستىلەپ.
رۇدىدىن مىس ئايرىغاندا جاپادا
ئوتۇن بولغان ئىدى ھەتتا سامانمۇ.
قىلىپ ئىشقا، دولقۇنلارغا جان پىدا
بۇ يىللارنى سىزدەك ياشاش ئاسانمۇ؟
دادام كېتىپ تۇل قالغاندا ئۆزىڭىز،
چاندۇرماستىن بولدىڭىز كۈچ – مادارىم.
ئۆزۈلمەيتتى ۋايىم يېگەچ كۆزىڭىز
بېغىمدىكى كۆچەتلەردىن، سەردارىم.
ئاشساممۇ گەر ھازىر بىر كەم ئاتمىشتىن،
بالا چاغلاپ يۈرمەكتىسىز ئەنسىرەپ.
بالىڭىزنىڭ نەۋرىسىمۇ تۆت – بەشتىن
ئاشىتى، ئەنە يۈرمەكتىسىز تە – تەلەپ.
بارماق يۇمۇپ نەۋرە ساناپ، ئارقىدىن
كەتكەنتىڭىز چەۋرە ئۈچۈن ئالدىراپ.
چەۋرىڭىزمۇ بولدى شوخ بىر – بىرىدىن،
ئۆتەر ئۇلار سىز – چىناردىن سايىداپ.
توغراق يېشى سىزنىڭ بولسۇن ئۇز ئانام،
يۈز قېتىملاپ كەلگەي ئۇشبۇ كۈنىڭىز.
ئەۋرىلەرنى ئەركىلىتىپ دەپ ‹‹ساقام››
ياڭراپ تۇرسۇن تويلار ئارا كۈلكىڭىز.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/wenxue/content/2015-10/19/content_461265.htm