ئارزۇگۈل ھۈسەن خالەم
مۈرىسىدە ئوينايدۇ كەتمەن،
جاراڭلايدۇ بەخت ناخشىسى.
رەڭداش ئۇنىڭ پاكىز قەلبىگە،
ئېتىزدىكى ئاپئاق پاختىسى.
قەدەم ئېلىپ ماڭسا ئېتىزغا،
باش ئېگىدۇ ھەر بىر تال گىياھ.
قۇياشمۇ تېز چىقىپ ئۆيىدىن،
كۈلۈمسىرەپ چاچىدۇ زىيا.
جىلۋە قىلار ئېتىز – قىرلاردا،
ئۇنىڭ سالغان ئاياغ ئىزلىرى.
تۆكۈلىدۇ ھەر بىر مايسىغا،
تالاي – تالاي يۈرەك سىرلىرى.
مېھنەت نېمە؟ ئېيتىپ بېرىدۇ
ئاچچىق تەردىن شورلاشقان چاپان.
ھالاللىققا شاھىتتۇر ئەنە،
ئاختامىدەك يېرىلغان تاپان.
چەشلىرىنى ئۇچۇرسا شامال،
تىلىمەيدۇ ھېچكىمدىن شەپقەت.
غۇرۇرىنى باشلايدۇ تۆرگە،
بىلەر ئۇنى ھەممىدىن قىممەت.
قاداق باسقان بىر جۈپ قولىدا،
چىن ھاياتنى سىزىدۇ نەپىس.
كائىناتنىڭ قاقاس باغرىغا،
ئىخلاس بىلەن ئويىدۇ نەقىش.
ئۇنىڭ رىزقى تاشنىڭ ئۈستىدە،
ئېچىلىدۇ كۆركەم قاتمۇقات.
بىر تال داننى دەيدۇ بىر دۇنيا،
مىننەت ئاڭا مەڭگۈلۈككە يات.
تونۇردىكى قىزىق توقاچ نان
شۇڭا ئاۋۋال كۈلەر دېھقانغا.
قەلبىدىكى ھۆرمەت تۆرىدىن،
ھەركىم ئورۇن بېرەر دېھقانغا.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/wenxue/content/2015-10/26/content_467977.htm