قايغۇ مۇرتى
ئەنۋەر سىيىت
غەملىرىم شېخىدا بىخلايدۇ پىغان،
باھارنىڭ ھېدىن ھۈركىسە قەلبىم.
ئازابلىق ناخشىلار چۈچۈلدۇر ئوتتا،
ساداقەت ئېگىسىگە قىلىنسا تەقدىم.
ئاسفالىت يولدا قېڭغايغان ماشىنا،
تەقدىرىمگە مېخلايدۇ تۈمەنمىڭ قايغۇ.
قايغۇدا سەن.
قايغۇدا مەن.
قايغۇغا مۇرت بولۇپ كېتەر سۆيگۈ.
دېگەندەك:-
«سۆيگۈ خارلانسا يۈرەك كۈلغۇ؟».
كۈلدۈر يۈرەك،
گۈلدۈر يۈرەك،
كۈلگە پەيدا،گۈلگە شەيدا بۇلبۇلغۇ؟»
بۇلبۇلغا گۈلىستان قاندۇر،
قاندۇر-ھىجران.
2015.7.5