سۈزۈك سەھەر
ئەنۋەر سىيىت
قونىدۇ ئانام دۇئاسىدا سۆيگۈ، بەرىكەت،
سالام بېرىپ تاڭغا، ئاتلىغاندا بوسۇغا.
سۈزۈك سەھەر، سۈزۈك ئەقىدەمدە ھەركۈنى،
مۇھەببەتلىك باقىمەن ئەترەڭ دۇنياغا.
ئوقۇيدۇ تاپىنىم زېمىغا تەسكىن ھەر نەپەس،
بوغۇلۇپ قالىدۇ ئېزىتقۇ قاراپ تۈڭلۈكىدىن.
ئىشقىم بار كۆك مېھرىگە ئالەمچە يەنە،
سۈزۈكلۈكۈم چىقسا تامشىپ ئۆزلىكىمدىن.
يوللىرىمغا سىزىدۇ توختىماي چەمبىرەك،
ئاداققىي يوللاردا قاپقان-شەيتان رەنجىشى.
بوغۇپ تۇرمسا دەرتلەر نازۇك كۆڭۈلنى،
چېلىپ ساز، ئېيتىپ ناخشا ...يۈرەمدۇ كىشى.
2013.9.5