باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

تەبرىك چاچقۇسى

مەنبە :       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-13 04:15:31

‹‹تەبرىك چاچقۇسى›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

- شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا بېغىشلايمەن

يالقۇن ئۆمەر

گۈزەل شىنجاڭ، گۈل ماكان مۇبارەك قۇت كۈنۈڭگە،

يەتتى ساما – پەلەككە بەزمە – مەشرەپ ناۋاسى.

مەزمۇن بېرىپ ئۆزگىچە ھەر بىر ناھار – تۈنۈڭگە،

قىزىپ كەتتى ئاۋامنىڭ جۇشقۇن ئۇسسۇل – ساماسى.

 

ئامەت سۆيگەن بىغۇبار ئاسايىشلىق چاغلىرىڭ

دىلىمىزنى ھەر بارە ئىزگۈلۈككە يار قىلدى.

جەننەت كەبى جەزبىدار كۆركەم دەريا – تاغلىرىڭ

جىسمىمىزدا ئىپتىخار، ئىشتىياقنى بار قىلدى.

 

باغلىرىڭدىن ئۇچقان شوخ سابا يەلپۈپ يۈزلەرنى

كەيپىمىزنى زوق ئارا بۇلبۇللارغا جور قىلدى.

خىرامانلىق دەقىقەڭ نۇرلاندۇرۇپ كۆزلەرنى،

ئەل – ئاۋامنى بەختىيار تۇيغۇ ئارا ھۆر قىلدى.

 

ئاتمىش يىللىق مۇساپەڭ شان – زەپەرگە ئورۇلۇپ،

ھۆسن تۈزەپ، رەڭ تۈزەپ بولۇپ كەتتىڭ بەكمۇ ئۇز.

پاراسەتنىڭ بەھرىدە غەم – غۇسسىلەر چۆرۈلۈپ

جەزبىدار شۇ سىياقىڭ كۆركەملىكتە بولدى توز.

 

ئانا دىيار، گۈل دىيار زوق – شوق ئارا ئەل ئاۋام،

جەزبىدار شۇ ئەتەڭدىن ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ.

ئېسىل ئادەت – ئەنئەنە خىسلىتىنى قىپ داۋام،

شۆھرىتىڭنى ئاسمانچە ئېگىز قىلىپ ئۆتىدۇ.

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/wenxue/content/2015-10/12/content_459928.htm

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2