باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

كوچا بانكىسى

مەنبە :       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-13 04:15:07

‹‹كوچا بانكىسى›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى

ئۇچراپ تۇرار دىققەتلا قىلساق،

رەستىلەردە كوچا بانكىسى.

خىزمەتچىسى يىللاپ بىر ئادەم،

يوق ئۇنىڭكى ھېچبىر فورمىسى!

 

بىخەتەر ئىشكاپ ئەسلا كۆرۈنمەس،

يىللاپ ئوچۇق بۇ كۆچمە بانكا.

ئۆسۈمىگە ساۋاب بۇيرۇقلۇق،

نەقلەشمەيدۇ ئۇ ھېچقاچاندا.

 

يا بولمايدۇ پۇلنىڭ تالونى،

سۈرۈشتۈرۈش مەڭگۈ بىھاجەت.

دۇئا قىلىپ قويار خۇشياقسا،

ساڭا ئۈنلۈك ئامانلىق تىلەپ!

 

ئىچ ئاغرىتىش ياكى سەسكىنىش،

يا باشقىچە بىر خىل ھېسسىيات...

ھەر ئۇچراتساڭ قىينايدۇ سېنى،

‹‹شۈكرى! ››دەيسەن، ‹‹بانكىر››غا قاراپ.

 

پارچە پۇللار تاشلاپ مېڭىشار،

بۇ بانكىغا ئۆتكەن – كەچكەنلەر.

كەچتى مەندە مۇنداق بىر سوئال:

يېتىشتۈرۈپ ھارامتاماقنى

نېمە قىلار بۇندا ئادەملەر؟!...

 

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/wenxue/content/2015-10/19/content_461260.htm

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2