ئابدۇللا ياقۇپ
تولۇن ئاينىڭ زىناقىدا ئەپتىڭ بار،
ئالتۇن شەپەق سىياقىدا ئەپتىڭ بار.
ئالسام نەپەس يايرىغاي جان ھىدىڭدىن،
گۈلنىڭ خۇشبۇي پۇراقىدا ئەپتىڭ بار.
تۆكتى دىلغا زەرنى مېھرىڭ زىياسى،
ئەقىدەمنىڭ چىراغىدا ئەپتىڭ بار.
ۋۇجۇدىڭنى گۈلخان دېسەم يالقۇنلۇق
يۈرىكىمنىڭ پىراقىدا ئەپتىڭ بار.
چېھرىڭ خۇشخۇي، روھىڭ تېتىك – جۇشقۇنلۇق،
ياشلىق ھايات بۇلاقىدا ئەپتىڭ بار.
يوق ئالەمدە نازاكەتتە تەڭدىشىڭ،
گۈزەللىكنىڭ قۇچاقىدا ئەپتىڭ بار.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/wenxue/content/2015-11/02/content_469460.htm