مېنىڭ بولغۇسى ئايالىم
ئەنۋەر سىيىت
ھاياتىم گىرۋىكىدە شېۋىقەدەر،
مەنزىلىمگە بېرىلگەن ئېلھام.
بۈگۈنگە يالغان،ئەتەمگە جەننەت-
مېنىڭ بولغۇسى ئايالىم.
بەختىمگە يارىشىدىغان زۇلھەل،
كېچەمنىڭ زۆھراسى،
بويتاق شائىرنىڭ بىپايان دۇنياسى-
مېنىڭ بولغۇسى ئايالىم.
شەربەتلەر تۆكىدۇ تەبەسسۇم،
قۇياشتا ۋەدىسى،بارچەم،
ئىنسانىنىڭ چىن ئىنسانى ئانام بىلەن-
مېنىڭ بولغۇسى ئايالىم.
2015.7.5