سەن بىلمەيسەن
مەن باشلانغۇچتا سۆيۈپ قالغان قىزنى
پارتىسىغا خەت سىلىپ قويغىنىمدىن
ئەسلا خەۋرىڭ يوق
خۇددى ھازىر سىنىڭ قەيەردىلىكىڭدىن
نىمىش قىلىۋاتقانلىقىڭدىن
مىنىڭ خەۋىرىم يوقلىقىغا ئوخشاش
ئاجايىپ چاغلار ئىدى ئۇ
سىنى تونىمايىتتىم
خىيالىمدا ئاشۇ قىزلا بار
شۇنىڭ بىلەن توي قىلسام دەيىتتىم
دادام ئانامدەك ،
ئۆزۈمدەك بىر بالام بولسا
مۆرەمگە ئىلىپ بىقىپ كەتسەم ...
بەلكىم ئۇمۇ شۇنداق ئويلىغان بولغىيتى
ياكى سەندەك پەرۋا قىلمىغاندۇ
لىكىن پات پات قاراپ قوياتتى
ئەپسۇس سەن ئۇنداق ئەمەس
بىر قىتىممۇ قاراپ باقمىدىڭ
مەنلا قاراپ تۇرىمەن ساڭا
لايدا قوپوروپ قويغان ھەيكەلدەك
بەكلا ئوخشايمەن
چۈنكى ئۇنىڭدا كۆڭۈل يوق
قاياققا بۇراپ قويساڭ قاراپلا تۇردۇ
سەن كەينىڭنى قىلىۋالساڭمۇ رەنجىمەيدۇ
خۇددى مەن رەنجىمىگەندەك
گەپ قىل دىمەيدۇ
تاماق يىمەيدۇ
ھەتتا كىيىممۇ كىيمەيدۇ
پەقەتلا ساڭا تىكىلىپ تۇرىدۇ
ئالدىدىنلا كەتمىسەڭ
رەنجىمەيدۇ سىنىڭدىن
كىتەلمەيدۇ يىنىڭدىن
لىكىن مەن ئۇنداق ئەمەس
چۈنكى كىچىكىمدىكى ئاشۇ قىز
كىلىشىمنى كۈتۈپ تۇرغاندۇ
لىكىن مەن باشقا جايغا كىتىمەن
سەنمۇ يوق، ئۇمۇ يوق
پەقەت مەنلا بار بىر يەرگە
خۇددى ھازىر تۇرىۋاتقان يىرىمدەك...
-ئىلھامجان مۇھەممەد
پارتىسىغا خەت سىلىپ قويغىنىمدىن
ئەسلا خەۋرىڭ يوق
خۇددى ھازىر سىنىڭ قەيەردىلىكىڭدىن
نىمىش قىلىۋاتقانلىقىڭدىن
مىنىڭ خەۋىرىم يوقلىقىغا ئوخشاش
ئاجايىپ چاغلار ئىدى ئۇ
سىنى تونىمايىتتىم
خىيالىمدا ئاشۇ قىزلا بار
شۇنىڭ بىلەن توي قىلسام دەيىتتىم
دادام ئانامدەك ،
ئۆزۈمدەك بىر بالام بولسا
مۆرەمگە ئىلىپ بىقىپ كەتسەم ...
بەلكىم ئۇمۇ شۇنداق ئويلىغان بولغىيتى
ياكى سەندەك پەرۋا قىلمىغاندۇ
لىكىن پات پات قاراپ قوياتتى
ئەپسۇس سەن ئۇنداق ئەمەس
بىر قىتىممۇ قاراپ باقمىدىڭ
مەنلا قاراپ تۇرىمەن ساڭا
لايدا قوپوروپ قويغان ھەيكەلدەك
بەكلا ئوخشايمەن
چۈنكى ئۇنىڭدا كۆڭۈل يوق
قاياققا بۇراپ قويساڭ قاراپلا تۇردۇ
سەن كەينىڭنى قىلىۋالساڭمۇ رەنجىمەيدۇ
خۇددى مەن رەنجىمىگەندەك
گەپ قىل دىمەيدۇ
تاماق يىمەيدۇ
ھەتتا كىيىممۇ كىيمەيدۇ
پەقەتلا ساڭا تىكىلىپ تۇرىدۇ
ئالدىدىنلا كەتمىسەڭ
رەنجىمەيدۇ سىنىڭدىن
كىتەلمەيدۇ يىنىڭدىن
لىكىن مەن ئۇنداق ئەمەس
چۈنكى كىچىكىمدىكى ئاشۇ قىز
كىلىشىمنى كۈتۈپ تۇرغاندۇ
لىكىن مەن باشقا جايغا كىتىمەن
سەنمۇ يوق، ئۇمۇ يوق
پەقەت مەنلا بار بىر يەرگە
خۇددى ھازىر تۇرىۋاتقان يىرىمدەك...
-ئىلھامجان مۇھەممەد